سىز بۇ تېمىنىڭ 1512ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئۈرۈمچىنى بىلگىڭىز بارمۇ ؟ م ، راشىددىن IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ASAN-YUSAN
شېئىر ھەۋەسكارى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 798
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2230
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2230دانە
شۆھرەت: 2536 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 36448 سوم
تۆھپە: 151 نۇمۇر
ياخشى باھا: 177 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :435(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-01-19
ئاخىرقى :2008-04-13

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۈرۈمچىنى بىلگىڭىز بارمۇ ؟ م ، راشىددىن



              ئۈرۈمچى




ھۇزۇرۇڭدا بىر مەھەل يۈرۈپ قايتتىم ئۈرۈمچى ،
ياخشىلاردىن ياخشلىق كۆرۈپ قايتتىم ئۈرۈمچى ،
يامانلاردىن كۆڭلۈم غەش بۇلۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى ،
يانچۇقلىرىم بەك بالدۇر قۇرۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى ،
بۇ ئىشلارغا ئۆزۈمچە كۈلۈپ قايتتىم ئۈرۈمچى .



ماختىغانلار كۆپ سېنى مەنمۇ شۇنداق ماختايمەن ،
ماختىمىسام قانداقچە ھەق ئادەمگە ئوخشايمەن؟!
بۇ نەزمىدە ۋە لېكىن كەچمىشىمگە توختايمەن ،
يۇشۇرمايمەن كۆرگەننى يالغان گەپنى قوشمايمەن ،
گاھ تالادا گاھ ئۆيدە قۇنۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .




تۇتۇۋېلىپ ئۆتكۈزمەي بۇسۇغاڭغا بارغاننى ،
سەندە كۆردۈم مۇنچىغا ماشىنىنى سالغاننى ،
ئانچە-مۇنچە سۇ پۈركۈپ تالاي پۇلنى ئالغاننى ،
ئېيتىقان بولسام ئۆلەيمەنبۇ توغرىدا يالغاننى ،
دەرد-ئەلەمگە شۇ سەۋەب تۇلۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .




ئىككى مىنۇت سۇچېچىپ تۆت شىلانكا تۆت ياقتىن ،
بولدى قىلىدى يۇيۇشنى سۇ ئاققىچە تۆت چاقتىن ،
دېرىزىلەر توسالدى ئېقىپ چۈشكەن پاتقاقتىن ،
دەسماللانماي شۇ پېتى چىقىپ كەتتۇق قاپقاقتىن ،
ماشىنامنى مەن شۇنداق يۇيۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .




مەدەنىيەت،تازلىق....ئاڭلىماققا ئوبدان گەپ ،
ئۇمۇ لېكىن بەرمەيدۇ ئوبدان قىلماي ئوبدان نەپ ،
ياساپ بولماي يولۇڭنى يولوچىنى يۇنۇپ يەپ ،
ھايان قىلساڭ ماختايدۇ كىممۇ سېنى ياخشى دەپ ،
ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق كۆنۈپ قايتتىم ئۈرۈمچى .





يولغا چىقىپ مۇنچاڭدىن قاقشاپ ماڭدۇق شۇڭلاشقا ،
توپا-چاڭدا گۆركارغا ئوخشاپ ماڭدۇق شۇڭلاشقا ،
بەش قەدەمدە يول يامان توختاپ ماڭدۇق شۇڭلاشقا ،
ماشىنىنى نەچچە رەت ئوڭشاپ ماڭدۇق شۇڭلاشقا ،
ئۆز-ئۆزۈمنى پىچاقسىز سويۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .





مېھمانخاناڭ جىق ئىكەن كىرىپ باردىم بىرىگە ،
بوغچام بىلەن خالتىنى ئارتىپ ئىككى مۈرەمگە ،
مۇلازىملار ھومايدى يۇلۇققاندەك بۆرىگە ،
ھومايغانچە مەن دۆتمۇ چىقىپتىمەن تۆرىگە ،
سىلكىۋىدى ئىزاغا ئۆلۈپ قايتتىم ئۈرۈمچى .





كۈتكۈچىلەر بىر ئاددىي خادىم ئەمەس خان ئىكەن ،
زاكۇنلىشىپ يەڭمەك تەس خۇددى ئۇششۇق -قان ئىكەن ،
بىزدەكلەرگە چىرايى خۇددى قاتتىق نان ئىكەن ،
چەت ئەللىككە ئەركىلەش ئەمما شەرەپ-شان ئىكەن ،
شۇڭا سەندە تۆت كۈنلا تۇرۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .





ھەر دوقمۇشتا جەرىمانەڭ ئۆتۈپ كەتتى جېنىمىدىن ،
قۇربان بولدى ئون كوي پۇل ھەر سائەتتە يېنىمىدىن ،
كەتكەن پۇلۇم كۆپ بولدى سەندە يېگەن نېنىمدىن ،
-پۇل مۇھىمكەن داۋلىدىن!-دېسەم ئالدى گېلىمدىن ،
مەن سېنىڭىدە ئاكامىنى تۇنۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .




سۈزۈك ئىكەن سېنىڭدە سودىگەرنىڭ چىرايى ،
بىلىم ئەمەس كىيىمكەن ئاياللارنىڭ خىيالى ،
بەزىبىلەر نەپ ئۈچۈن بۇلۇپ قاپتۇ سەۋدايى ،
نەپسىز گەپنى ئاڭلىسا ئۆچىدىكەن چىرايى ،
جىق گىپىمىنى دېيەلمەي قۇيۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .




ئىش پۈتكۈزمەك تەس ئىكەن سەندە سوۋغات پارىسىز ،
سوۋغات ئالماي بارغانلار قايتار ئىكەن چارىسىز ،
دېدى بىرى:قۇرۇق قول مېڭىپ بېكار ھارىسىز ،
سېنى قاچان كۆرەرمەن جارائەتسىز-يارىسىز ،
سېغىنغانغا مەن سېنى تويۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى  ...












ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪﯕﻤﯘ ﺑﻪﺭﻣﻪ ﻗﯩﺰﯨﯖﻨﻰ

ﺷﻪﮬﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻱ ﺑﯘﺯﯗﻟﺪﻯ،
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋۈﻧۈﭖ ﺷﯘﻡ ﺗﯩﻜﻪﻥ.
ﺑﻪﺭﻣﻪﺱ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ،
ﺳﻪﯞﻩﭖ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

«ﺋﺠﺎﺩ» ﻗﯩﭙﺘﯘ ﺋﯘﻗﺴﺎﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭ،
ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﻘﻨﻰ ﺩﺍﯕﮕﺎﻝ ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ.
«ﻛﻪﺷﯩﭗ» ﻗﯩﭙﺘﯘ ﻳﯩﺰﺍ ﺳﻪﮬﺮﺍﻧﻰ،
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯘﺭﻣﺎﺱ ﺟﺎﯕﮕﺎﻝ ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ.

ﺗﻪﻛﺘﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ،
ﭼۆﻝ ﺋﯧﺪﯨﻐﯘ ﺟﺎﯕﮕﺎﻝ ﺋﯧﺪﯨﻐﯘ.
ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺑﺎﻗﺴﯘﻥ ﺋﺎﺷﯘ خېنىملار،
ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻤﯘ «ﺩﺍﯕﮕﺎﻝ» ﺋﯧﺪﯨﻐﯘ.

ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻳﯧﺰﺍ ،
ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺟﺎﯕﮕﺎﻝ ﺩﯨﻤﯩﮕﯩﻦ.
ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪﯕﻤﯘ ﺑﻪﺭﻣﻪ ﻗﯩﺰﯨﯖﻨﻰ،
ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﻘﻨﻰ ﺩﺍﯕﮕﺎﻝ ﺩﯨﻤﯩﮕﯩﻦ.







تەقدىرىمىز نابۇت بوپتۇ تەقدىر دەپ


باشلىغىلى بولمايدىكەن ياشلىقنى ،
يېڭىۋاشتىن ناخشا ئېيتسا بولغاندەك .
ئۆتۈپ كەتتىم مەھەللەڭدىن ھەسرەتتە ،
شۇڭا، گۈلۈم بۈگۈن جاندىن تويغاندەك .


قاتار-قاتار كۆك تېرەكلەر ، ئېھتىمال،
مېنىڭ يىغلاپ ئۆتكىنىمنى كۆرگەندۇ .
كەتكىنىمنى ئۇققان بولساڭ سېنىڭمۇ ،
يۈرەك -باغرىڭ ماڭا ئوخشاش كۆيگەندۇ .


ئۇزاپ كەتتىم كۆز ئۈزەلمەي كەينىمدىن ،
كۆرۈنگەننى ساڭا ھەر بىر ئوخشۇتۇپ .
سېنىڭ ئۈچۈن ئۇزاققىچە ئۇھ تارتتىم ،
ئالغان بىلەن كۆز يېشىمنى توختۇتۇپ .


ئېسىت! بىر يىللارنى ئەسلىسەم ،
ئۆرتىنىمەن تاشلانغاندەك دوزاققا .
ۋاراقلىنىپ جۇدالىقنىڭ كىتابى ،
خىياللىرىم ئات چاپىدۇ ئۇزاققا .


ئېھتىمالىم ، يېزىلمىغان ئۇ كىتاب ،
سەن ئۈچۈنمۇ يادا بولۇپ كەتكەندۇ .
ئوقۇپ بېرىپ دەردمەنلەرگە ئۆزەڭدەك ،
يۈرۈكىڭگە تالاي ئازار يەتكەندۇ .


بىز ياش ئىدۇق ،گاھ ئۇچرىشىپ قالاتتۇق ،
ئەگرى -توقاي يوللىرىدا ئېتىزنىڭ .
قۇياش تالاي كۆرۈپ قالغان ئەگىشىپ ،
ماڭغىنىنى بىر يىگىتنىڭ بىر قىزنىڭ .


ئايدىڭلاردىن سۆزلەپ بېرەر جىق قىسسە،
ئاي ، يۇلتۇزنى گۇۋاھلىققا تارتساقمۇ .
ئاي، يۇلتۇزنى ئۇنتۇغانتۇق چۈنكى بىز ،
ئادەملەردىن پىنھانلارغا قاچساقمۇ .


قىزلار ئۈچۈن يىگىت نىچۈن قىممەتلىك ؟
شۇ ھىكمەتنى سەن بىلگەنتىىڭ مەندىنلا .
يىگىت ئۈچۈن قىزلار قانداق ھىممەتلىك ،
مەنمۇ بىلگەن ئۇنى پەقەت سەندىنلا .


ئالما ،ئۈرۈك ئارىمىزدا تەڭ ئىدى ،
نىمە تاپسام سېنىڭ ئۈچۈن ساقلايتتىم .
نەشپۈت ئۈزسەم سالماي تۇرۇپ ئاغزىمغا،
ئەڭ ئاۋىلى سېنىڭ ئۈچۈن ئاقلايتتىم .


ھە ئىككىمىز شۇ سۆيگۈدە مەست ئىدۇق ،
مەيخانىسى ياشلىق ئىكەن ئۆمۈرنىڭ .
قىززىق ئىدۇق ،تاۋلىناتتۇق سۆيۈشتە ،
ئۆزى ئىدۇق سەندەلدىكى تۆمۈرنىڭ .


تەڭ چۆمۈلۈپ خىياللارغا چۆمۈلسەك ،
تەڭ سوقاتتۇق كېلەچەكنىڭ تېمىنى .
ياقماي تۇرۇپ ، سويۇپ بەرگەن ئىكەنمىز ،
بىراق ، ھايات تونۇرىنىڭ نېنىنى .


كۆك ئاسمانغا بۇلۇت چىقتى بىز ئۇچقان ،
بۆلۈۋەتتى ئىككىمىزنى زىمىستان .
كىرىپ بولماس تىكەنلىككە ئايلاندى ،
كۈتمىگەندە ،بىر گۈل تەرگەن كۈلىستان .


بىلمەپتىمەن ھايات باشقا ،چۈش باشقا ،
بولار ئىكەن ئارزۇ باشقا ، ئىش باشقا .
ئەمەس ئىكەن ھايات تامام توي -بەزمە ،
بولار ئىكەن باھار باشقا ،قىش باشقا .


كۆڭلى ئەسلى باشقا ئىكەن ئاپاڭنىڭ ،
ئالمايدىكەن داداڭنىڭمۇ گېپىنى .
كۆككە لەگلەك ئۇچقان بىلەن ئۆيۈڭدىن ،
تۇتىدىكەن ئاپاڭ ئۇنىڭ يېپىنى .


ئەركىنلىكنى قايرىپ قويۇپ ئەلچىلەر ،
غالىب كەلدى تۇغقانلىرى ئاپاڭنىڭ .
ئاخىر ئۇلار تاشنى تاڭدى تاياققا ،
ئېلىپ كەتتى سېنى ئوغلى تاغاڭنىڭ .


يۈرۈكىمنى ئېلىپ كەتتى ئاشۇلار ،
ئېلىپ كەتتى پۈتكۈل ھايات، بەختىمنى .
ئون تۇققۇزدا سېنىڭ بىلەن شاھ ئىدىم ،
ئۆرۈۋەتتى شۇلار مېنىڭ تەختىمنى .


تەلۋىلىكمۇ ،تەنتەكلىكمۇ بىلمەيمەن ،
بىر كۆرسەتمەك بولۇپ باقتىم كۈچۈمنى .
ئالماق بولدۇم بىر كېچىدە ئېرىڭدىن ،
كېچىكسەممۇ قىساسىمنى ،ئۆچۈمنى .



كەتكەنىدى پەيتى بىراق ھەممىنىڭ ،
كۆمۈلگەنتى سېنىڭ بېغىڭ غازاڭغا .
ئاڭلاپ قېلىپ دوستلۇرۇمدىن دەردىڭنى ،
چىدالمىدىم سېنىڭ ئاچقان ھازاڭغا .


چىقىپ كەتتىم مەھەللىدىن ئاخىرى ،
قاڭقىغانچە بېشىم قايغان ياقلارغا.
قايدا يۈرسەم يۈردۈم ئەمما ،ئالغاندەك ،
سەندىن توۋۇق ئۆمۈر بويى ساقلارغا .


ئۇچۇرىڭنى ئېلىپ يۈردۈم شۇندىمۇ ،
گۈلۈم ، سەنمۇ ئەلدىن سوراپ يۈرۈپسەن .
باھار كەلسە ، بىز ئوينىغان باغلاردىن ،
ھىدلىرىمنى تېخى پۇراپ يۈرۈپسەن .


نەچچە ئون يىل بولۇپ قاپتۇ شۇلارغا ،
ھېلىغىچە بىزنىڭ كۆڭۈل ئۆلمەپتۇ .
سېنىڭ جىسمىڭ كۆنگەن بىلەن تەقدىرگە ،
لېكىن ، كۆڭلۈڭ بىر مىنوتمۇ كۆنمەپتۇ .


ئۇنتۇماپسەن مېنى ئەسلا ،ئاپىرىن ،
بالا -چاقاڭ بەشكە يەتكەن بولسىمۇ .
يۈرىكىڭدە مەن ياققان ئوت ئۆچمەپتۇ ،
ۋۈجۈدىڭدىن ياشلىق كەتكەن بولسىمۇ .


توختاپ قاپسەن قېچىپ بېقىپ قانچە رەت ،
كېچەلمەپسەن ئېھتىمالىم ،بالاڭدىن .
كەلمەكتىكەن ھېلىغىچە مەھەللەڭ ،
خالىي بولماي سەن توغرىلىق پاراڭدىن .


شۇ ئەقىدەڭ يىتىۋىدى يادىمغا ،
بولۇپ قالدىم بىر دوزاقتا كۆيگەندەك .
بولۇپ قالدىم مۇرادىمغا يېتەلمەي ،
بۇ دۇنيادا بىكار ياشاپ يۈرگەندەك .


كىمدىن كۆرەي ھەممە گۇناھ ئۆزەمدە ،
بەرمىگەندە سېنى ئېلىىپ قاچمىغان .
سېنىڭدىنمۇ بىر سەۋەنلىك ئۆتكەنتى ،
شۇ ئەقىلدىن ماڭا ئېغىز ئاچمىغان .


توۋا ، دەيمەن ، بۇ كۆڭۈللەر شۇ چاغلار ،
بىلمىگەندۇ نىمىشقىمۇ ئىسياننى ؟
قول قوشتۇرۇپ تۇردۇق زادى نىمىشقا ،
ئاسارەتكە ياراتقاندەك ئىنساننى ؟


خۇجىسى دەپ جاھالەتنى جاھاننىڭ ،
ئېسىت ، ئەجەپ كەپتىكەنمىز قۇللاردەك .
شۇ سەۋەنلىك تەقدىرىمىز " تەقدىر "دەپ ،
بولۇپ كەپتۇ ھارۋا بۇزغان يوللاردەك .


ئەجەب گۆدەك ،ئەجەب نادان ئىكەنمىز ،
گۇناھ دېسە ، ئەرك ئىكەن گۇناھ !دەپ .
نىمە دېسە خۇراپاتنىڭ راست بوپتۇ ،
ھۆكۈم قىلسا سۆيۈشكەننى زىنا! دەپ .


بىلمەپتىمىز زارلىنىشتىن باشقىنى ،
سەندە غەيرەت ،مەندە جۈرئەت كەم بوپتۇ .
قولىمىزدا قۇربان بولۇپ ئۈمۈدمۇ ،
ھە ،دېسىلا كىرپىكىمىز نەم بوپتۇ .


چىقىپ كەتكەن بولساق ،كاشكى تاغلارغا ،
باقمايتتىمۇ تاغلار بىزنى قويىنىدا .
قايتمايتتىمۇ ئوغۇل تاپساق تاي بىلەن ،
قىزلىرىمىز ئاسقان مۇنچاق بوينىدا .


بىر ئىنسانغا بىر قېتىملىق ئالەمدە ،
توخۇ يۈرەك بولغاندىمىز نىمىشقا ؟
ئۆتتۈم شۇڭا ، مىڭ كاچاتلاپ ئۆزەمنى ،
نەدە قاچا پۇشايماننى ئېلىشقا ؟!


ئۆتىدىكەن جانانىغا يېتەلمەي ،
ئايىغانلار جەڭلەر كۈنى بۇ جاننى .
ياشايدىكەن شۈكۈر قىلىپ قۇللۇققا ،
تىلەپ يېگەن خەيرىچىدەك بىر ناننى ...


دىمىغىمدا سېنىڭ ھىدىڭ قاپتىكەن ،
ئوخشىمىدى ساڭا ھىدى ھېچكىمنىڭ .
سۆزلىگەنگە تۈگۈمەيدۇ مىڭ كېچە ،
داستانىنى ساڭا بەرگەن ئىشقىمنىڭ .


ئۆز مەھەللەم ئۆزگە يۇرۇتتەك كۆرۈنۈپ ،
ئۆتتۈم بۈگۈن ئۆز كۆشۈمنى ئۆزۈم يەپ .
مەن يۈرىمەن بۇ جۇدالىق دەردىنىڭ ،
سەندىن كۆرە سەۋەبكارى ئۆزەم دەپ .


كەلمەي دېسەم چىدىمايدۇ بۇ كۆڭۈل ،
كەلسەم ئوتۇم ئولغىيىدۇ مۇشۇنداق .
كېلىپ -كېتىپ ئۆز -ئۆزەمنى بەزلەيمەن ،
نەدە بىزگە يەنە قايتا قوشۇلماق ؟!


توۋا دەيمەن بۇ پەلەككە تاڭ قېلىپ ،
يار تۇتقانلار بولىدىكەن مۇنداقمۇ !
بىزدىن ئۆزگە بىزدەكلەرمۇ بارمىكىن ،
بۇ دۇنيادا ياكى بىزلا شۇنداقمۇ؟ !


باشلىغىلى بولمايدىكەن ياشلىقنى ،
يېڭىۋاشتىن ناخشا ئېيتسا بولغاندەك .
بولۇپ قالدىم شۇنداقتىمۇ ،نە ئېتەي ،
بىراۋ مېنى ساڭا باغلاپ قويغاندەك .




ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ



ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﻪﻥ ﺩﻭﻧﻴﺎﺩﺍ ﺳﯧﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻧﺎ،
ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ .
ﻳﯜﺭﯨﻤﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﯖﺪﻩ ﻣﺎﻧﺎ ،
ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ ؟


سەن جىمى ئىنساننىڭ ئۇلۇغى تۇرساڭ ،
ھاياتنىڭ باشقا بىر يورۇقى تۇرساڭ .
ئالىملىق بابىدا تولۇقى تۇرساڭ ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟


چۈشەندىم ،ئانىكەن ئۆينىڭ ھوزورى،
ئانىسىز نە ماڭا ئۆينىڭ زۆرۈرى .
سېنىڭسىز چۆل ، ئانا ،ئۆيۈمنىڭ تۆرى ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق چىدايمەن ؟


ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﺪﻯ ﺋﯚﻟﯘﻣﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ،
ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﻢ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺳﯧﻨﻰ ﮬﺎﭘﺎﺷﻼﭖ .
ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻧﻪ؟ ﻳﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ﻛﯚﺯۈﻣﻨﻰ ﻳﺎﺷﻼﭖ ،
ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ .


سەن كېتىپ بەختىمدىن ئايرىلار بولدۇم ،
قەبرەڭنى كۈندە بىر ئايلىنار بولدۇم .
ھەسرەتنىڭ ئاغزىدا چاينىلار بولدۇم ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق چىدايمەن ؟


كېتۇدۇ بېشىمدىن سىيلىغان قولۇڭ ،
كېتىدۇ جىمىگە چىدىغان قولۇڭ .
ئەمدى يوق ماغزاپقا چىلىغان قولۇڭ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق چىدايمەن .


سەن كەتسەڭ بالامغا كىم بېرەر قاقنى ،
ئورنىڭدا كىم كېلىپ چۆرۈيدۇ چاقنى؟
سېنىڭسىز ئايرالماي قارىنى ،ئاقنى ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن ؟


ئانامنىڭ دېگەنتىم تاپقان پۇلۇمنى ،
ئانامنىڭ دېگەنتىم كىيگەن تونۇمنى .
ئانامنىڭ دېگەنتىم تۇتقان يولۇمنى ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن ؟


قۇرۇسۇن سېنىڭسىز دەۋران سۈرگۈنۈم ،
قۇرۇسۇن سەن كېتىپ دۆلەت كۆرگۈنۈم .
قۇرۇسۇن ئانىسىز تىرىك يۈرگۈنۈم ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن ؟


سەھەردە كىم مېنى ئويغۇتار ئەمدى ،
ئوغلۇمنى كىم سەندەك ئوينىتار ئەمدى .
قەلبىمدە جۇدالىق قىيغىتار ئەمدى ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام ،قانداق قىلارمەن ؟


يېتىملار يىغلىسا كۆڭلۈم بۇزىلار ،
ھالىمنى ئەسلىتەر يېتىم قوزىلار .
كېلىدۇ قانچە ھېيت ،قانچە روزىلار ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام ،قانداق قىلارمەن ؟


ئالمىلار سەن ئۈچۈن پىشاتتى ،ئانا ،
ئۈرۈكلەر سېنى دەپ چۈشەتتى ،ئانا.
چىمەنلەر سەن ئۈچۈن چۈشەكتى ،ئانا ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام ،قانداق قىلارمەن ؟


يېتىسەن يادىمغا قوغۇنلار تىلسەم ،
كىرىسەن چۈشۈمگە كۆزۈمنى ئىلسەم .
نە ئېتەي ،ئۈزۈڭ يوق مەركىلەر قىلسام ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام،قانداق قىلارمەن ؟


ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻳﻤﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻣﻪﺳﻪﯕﻨﻰ ،
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺳﺮﺍﻳﻤﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻕ ﻛﻪﺷﻪﯕﻨﻰ .
ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﻪﺕ ﺗﻪﯞﻩﺭﺭﯛﻙ ﺋﺎﺷﯘ ﮬﺎﺳﺎﯕﻨﻰ ،
ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ .


ﻳﯩﭗ -ﻳﯩﯖﻨﻪﯓ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ؟ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻱ ،ﺋﺎﻧﺎ،
ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻗﻮﻱ ،ﺋﺎﻧﺎ ،
ﻣﻪﻧﺪﻩ ﻳﻮﻕ ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚزگە ﺋﻮﻱ، ﺋﺎﻧﺎ،
ﺳﯧﻨﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ؟






      خۇراپات




ﺑﻮﺯﻩﻙ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ،
ﺗﺎﻻﻱ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﻗﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ،
ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﭘﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ،
ﮔﺎﺩﺍﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ،
ﺑﻪﺧﺖ! ﺩﯦﺴﻪﻙ، ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻱ ﺑﻪﺩﻩﺭ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ.

ﺗﯩﯖﺸﺎﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﯞﻩﺯﯨﻨﻰ: ﺧﺎﻧﯩﻘﺎﺩﺍ ﻳﺎﺕ، ﺩﻩﻳﺪﯗ،
ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭘﻪﺭﯨﺠﻪ، ﻗﻮﭘﻤﺎﻱ ﺗﻪﺳﯟﻯ ﺗﺎﺭﺕ، ﺩﻩﻳﺪﯗ،
ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭﻧﻰ: ﻳﯜﺯﯛﯕﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﭼﯜﻣﺒﻪﻝ ﺋﺎﺭﺕ، ﺩﻩﻳﺪﯗ،
ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﻣﺎﺗﺎ، ﻧﺎﺳﯩﯟﺍﻝ ﺳﺎﺕ، ﺩﻩﻳﺪﯗ،
ﺗﯜﮔﻪﻝ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﻪﮔﯩﺰ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ.

"ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ"ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﻪ،
ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﮕﯩﺸﻪﺭ ﺳﺎﻻ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻪﯞﺭﯨﮕﻪ،
ﻗﻮﻝ ﻗﻮﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﻧﻪﯞﺭﯨﮕﻪ،
ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺗﺎﻏﺪﻩﻙ ﺟﺎﭘﺎ ﺟﻪﯞﺭﯨﮕﻪ،
ﺑﻪﺩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ.

ﺗﯩﻼﯞﻩﺗﻨﯩﯔ-ﺋﯩﺨﻼﺳﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺷﯜﻛﯜﺭ، ﺩﻩﭖ،
ﭘﻪﺭﻩﻧﺠﯩﻨﻰ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ، ﻧﺎﺷﯜﻛﯜﺭﻟﻪﺭ ﻛﯘﭘﯘﺭ، ﺩﻩﭖ،
ﻛﯧﻠﯩﯟﻩﺭﺳﯘﻥ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﺳﯘﭘﯘﺭ، ﺩﻩﭖ،
ﺋﺎﻳﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯜﻛﯜﺭ، ﺩﻩﭖ،
ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ، ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ.

ﺷﯘ ﺋﯩﺨﻼﺳﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﭖ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻘﺎ،
ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﻕ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻘﺎ،
"ﻳﺎﻣﺎﻥ!"ﺩﯦﺴﻪ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻳﻮﻕ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻛﯩﮕﯩﺰ ﻗﺎﻗﻤﺎﻗﻘﺎ،
ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﮕﻪ ﻛﯚﻧﻤﯩﺴﻪﻙ، ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ،
ﺟﯩﻤﻰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﭼﺎﺗﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ.

ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﻛﯧﻠﯘﺭ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺟﺎﭘﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﻨﻪﻣﮕﻪ،
ﺋﯩﺨﻼﺳﻰ ﻳﻮﻕ ﺯﺍﯞﯗﺗﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﺴﯩﻤﯘ ﮔﯩﻠﻪﻣﮕﻪ،
ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪﻙ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺳﺎﭘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺭﻩﻣﮕﻪ،
ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﮬﺎﺭﻣﯩﺪﻯ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻛﻮﻧﺎ ﺳﻪﻧﻪﻣﮕﻪ،
ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﯩﺪﺍ ﻗﻪﺩﯨﻤﻨﯩﯔ ﺧﻮﺭﻩﻙ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ.

ﺗﯩﺮﯨﻜﯩﺪﻩ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﮔﯘﻧﺎﮬ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺶ،
ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﺎﻥ ﺳﻮﺭﺍﺭﻣﯩﺶ،
ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺯﺍﻏﺮﯨﻨﻰ، ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺷﯘﺋﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﺭﻣﯩﺶ،
ﮬﻮﻗﯘﺵ ﻗﻮﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺳﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﯘﺭﺍﺭﻣﯩﺶ،
ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﮔﯘﻧﺎﮬ ﺋﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ.

ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺗﯚﺕ-ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘ،
ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﻻﻣﭙﺎ، ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻩﺯﻣﺎﻝ، ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ،
ﻗﺎﺷﺸﺎﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﺴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﯞﺍﻟﻐﯘ؟
ﻣﺎﺭﺳﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﻼﺭ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ،
ﭘﯘﺗﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﭘﺎﻟﺘﺎ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ.

ﻗﺎﺷﺸﺎﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺪﯗﻕ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻤﯩﺴﺎﻕ،
ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﭘﻪﻥ ﻧﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﭼﻤﯩﺴﺎﻕ؟
ﻧﻪﺩﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﭘﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﭼﻤﯩﺴﺎﻕ،
ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﺳﻼ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﺱ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﺴﺎﻕ،
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ، ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺗﯘﻣﺎﺭ ﺋﺎﺳﻘﺎﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ...




  ئاپتۇرنىڭ << ھايات دېگەن مانا شۇ >> << مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتۇپ >> << ياخشىلارغا ناخشىلار تۇلا >> ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىدىن . . . . .

 

___ باشقۇرغۇچى : saadat تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-12

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(bilgar)
  • بالىلىرىم نېمە ئويناۋاتىسىلەر ؟
    ـ سادىر ، نۇزۇگۇم بولۇپ
    نەۋرىلىرىم سىلەر نېمە ئويناۋەتىسىلەر ؟
    ـ پەرھات - شېرىن بولۇپ
    چەۋرىلىرىم سىلەر چۇ ؟
    ـ ياۋرپاغا ماسلىشىپ تانسا ، دېسكو . . . .
    | ۋاقتى : 2008-04-12 21:43 [باش يازما]
    warta

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37898
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
    شۆھرەت: 19 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-10
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ياخىشى شېېركەن ئاۋارە بولۇپسىز رەخمەت     
    | ۋاقتى : 2008-04-12 21:50 1 -قەۋەت
    uqkun500

    دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 37527
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 154
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە154دانە
    شۆھرەت: 155 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1540 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :65(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-06
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ماڭا ئۆرۇمچى دىگەن شىر ناھايىتى ياخشى ئاڭلاندى ،ئۆرۇمچىگە بارسام ئىھتىيات قىلامە ، يوللانمىڭىزغا رەخمەت، جاپا چىكىپسىز،
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-12 22:06 2 -قەۋەت
    TIRIXQANBALA

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20475
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 655
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە655دانە
    شۆھرەت: 656 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6250 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :167(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-08-12
    ئاخىرقى :2008-04-12

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەنمۇ مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شىېرلىرنى ئۇقۇشقا بەك ئامراق ،
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-12 22:10 3 -قەۋەت
    azgun1225

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 32784
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 22
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە22دانە
    شۆھرەت: 23 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :34(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-02-16
    ئاخىرقى :2008-04-12

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    سىز ئانچە كاللڭىزنى ئىشلەتمەپسىز. شېئىر ياخشى ، لىكىن چەكتىن سەل ئېشىپ كېتىپتۇ. ھەممە ئادەم سىزدەك
    بولسا ئالغان مۇئاش ،تاپقان پۇل جەرىمانە تۆلەپ تۈگىمەمدۇ!!!  ئۈرۈمچىنى پەقەتلا چۈشەنمەپسىز!!!!!




                                                                                                            ئازغۇن
    | ۋاقتى : 2008-04-12 22:19 4 -قەۋەت
    otyak

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22209
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 546
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە546دانە
    شۆھرەت: 577 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5430 سوم
    تۆھپە: 61 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 70 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :83(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-17
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بۇ شائىرىمىز بەك ياخشى شېئىرلارنى يازىدۇ. تىمىسى يىڭى، مەزمۇنى چۇڭقۇر، تىلى چۇشۇنىشلىك ھەم راۋان. رەخمەت سىزگە !
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-12 22:30 5 -قەۋەت
    ASAN-YUSAN
    شېئىر ھەۋەسكارى

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 798
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2230
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2230دانە
    شۆھرەت: 2536 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 36448 سوم
    تۆھپە: 151 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 177 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :435(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-01-19
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بىزدە بىر ئادەت بار دائىم ئۇرۇشماق،
    ئۆسكەننى ھەسەت قىلىپ ئوڭدا قۇيۇشماق.
    ئويلاڭلار ئەي نادان ئۇيغۇر دوستلىرىم،
    ئۇيغۇرنىڭ مەنىسى ئۆملۈك ئۇيۇشماق.
    بالىلىرىم نېمە ئويناۋاتىسىلەر ؟
    ـ سادىر ، نۇزۇگۇم بولۇپ
    نەۋرىلىرىم سىلەر نېمە ئويناۋەتىسىلەر ؟
    ـ پەرھات - شېرىن بولۇپ
    چەۋرىلىرىم سىلەر چۇ ؟
    ـ ياۋرپاغا ماسلىشىپ تانسا ، دېسكو . . . .
    | ۋاقتى : 2008-04-12 22:37 6 -قەۋەت
    hanjar526

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 36691
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 100 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-27
    ئاخىرقى :2008-04-14

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    سىز ئانچە كاللڭىزنى ئىشلەتمەپسىز. شېئىر ياخشى ، لىكىن چەكتىن سەل ئېشىپ كېتىپتۇ. ھەممە ئادەم سىزدەك
    بولسا ئالغان مۇئاش ،تاپقان پۇل جەرىمانە تۆلەپ تۈگىمەمدۇ!!!  ئۈرۈمچىنى پەقەتلا چۈشەنمەپسىز!!!!!               


    ئازغۇن1225  سىز  مۇھەممەتجان  راشىدىندىن  قۇسۇر  تاپقڭدەك  كاللىڭىز  قانچىلىك  ئادەم  بولغىتىڭىز 
    گەپنى  ئويلىشىپ  قىلايلى
    | ۋاقتى : 2008-04-12 22:47 7 -قەۋەت
    @REXTA@

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14301
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 620
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە620دانە
    شۆھرەت: 644 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1820 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :95(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-04-10
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ياخشى يىزىلغان شىئىركەن...........جاپا چىكىپسىز.....
    ساقلىۋالدىم......رەھمەت سىزگە..
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-12 23:11 8 -قەۋەت
    jazire

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 36884
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 106
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە106دانە
    شۆھرەت: 107 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1060 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :49(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-29
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    Bu belkim Urumchi toghrisida burunraq yezilghan she’ir ikan.she’ir tili nahayiti yaxshi chiqiptu. Urumchilik bolush supitim bilan konglum bir qisma boldi. Baha beray disem dangliq shairimizning sheirikan. Birdemdila qarisigha chalma-kesek bolup ketmey.asta bashqa temilarni korup baqay.      
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-12 23:18 9 -قەۋەت
    huxqakqak

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى :تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 17844
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1248
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1248دانە
    شۆھرەت: 1319 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 106 سوم
    تۆھپە: 18 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-06-23
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مۇھەممەتجان ئاكىمىزنىڭ شېئىرىي توپلىمىدىكى شېئىرلارنى يوللاپ بولغىلى تۇردىڭىز،ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭ شېئىرلىرىنىمۇ يوللاشنى توختىتىپ قويمىسىڭىز.
    بېلەت تاشلاڭ

    نۇپۇس كۆپىيۋاتىدۇ ، بىراق ئادەملەر ئازىيۋاتىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-04-12 23:54 10 -قەۋەت
    ababeker

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 29141
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
    شۆھرەت: 47 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 260 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-04
    ئاخىرقى :2008-04-12

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    پات ئارىدىلا 3 يىلىلىق ھاياتىم شۇ  شەھەردە بۇلۇپ قالىدۇ ، مەنمۇ دەققەت قىلاي -جۇما ، بىكا ، ئۇرۇمىچىدە ......؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    | ۋاقتى : 2008-04-12 23:59 11 -قەۋەت
    核弹

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37823
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە36دانە
    شۆھرەت: 37 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-09
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ماڭا ئۆرۇمچى دىگەن شىر ناھايىتى ياخشى ئاڭلاندى ،ئۆرۇمچىگە بارسام ئىھتىيات قىلامە ، يوللانمىڭىزغا رەخمەت، جاپا چىكىپسىز،
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-13 01:15 12 -قەۋەت
    核弹

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37823
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە36دانە
    شۆھرەت: 37 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-09
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ مۇنداق بىر شىئرىنى ئاڭلىغان بىراق تاپالمىدىم،ياردەم قىلىپ تېپىپ بەرسەڭلەرچو؟
    مەزمۇنى
    يوغان ھويلاڭنى ياسىۋاپسەن كۆرۈنمەيدۇ ئاناڭ ئەمما،
    بالاڭ چىققان چاناڭ سۇندى،ئاناڭ چىقماي تۇرۇپ ئەمما.

    يۇقارقى مەزمۇنلا يادىمدا قاپتۇ ،
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-13 01:23 13 -قەۋەت
    yuilgun

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 34528
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 131
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە131دانە
    شۆھرەت: 132 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1310 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :22(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-03
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

                                 
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-13 02:04 14 -قەۋەت
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )


     
    شەبنەم كىنو قانىلى
    Time now is:04-14 03:11, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation