ASAN-YUSAN دەرىجىسى :تېما چولپىنى 
UID نۇمۇرى : 798 نادىر تېما :
0
يازما سانى : 2230
ئۇنۋان:14 دەرىجە
شۆھرەت: 2536 نۇمۇر شەبنەم پۇلى: 36448 سوم
تۆھپە: 151 نۇمۇر
ياخشى باھا: 177 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :435(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-01-19 ئاخىرقى :2008-04-13 | قەدەھنىڭ لېۋىدە گۈلگۈن رۇبائىي
ھاياتتا دەرد-ئەلەم ئاز ئەمس ئاخىر ، <<چىدىساڭ ياشىغىن>> دەپتۇ بىر شائىر. ۋايساشنىڭ ئورنىغا ئىجتىھات كۆرسەت، سەن تېخى مەردلەرچە ياشاشقا قادىر.
* * * تەك، ئۈزۈم-تكھپىسى سېخىي دېھقاننىڭ، مەي جامى-لېۋىدۇر ئىشچان جاناننىڭ. ئەمەسمۇ شۇ لەۋگە دىل بېرىش-سۆيۈش، ئېتقاد لەززىتى ئەمگەك ، جاھاننىڭ؟ * * * ئۆمرۈڭدە يار سۈبھى،چۈش، پېشىن ۋە كەچ، شاد-خۇرام ياشىغىن، تەشۋىش-غەمدىن كەچ. خاكىڭدىن ئادەملەر خىش پىشۇرغىچە، ئەجىر قىل،تاغ ئاتلا، دېڭىزلارنى كەچ.
* * * قىسمەتنى بولمايدۇ ئەتكىلى قىتاس، قۇت-ئامەت تىرىشچان ئادەملەرگە خاس. چاڭقىساڭ سۆيۈپ تۇر قەدەھ لېۋىنى، ھاياتتا يۈكسەككە ئۆرلە، قەدەم باس.
* * * بەزمىدە دىيىشتى ھەييام ، نەۋائىي: <<تارىم-كۈي، مەي،گۈھەر،پەرى دەرگاھى. ياشىغان بولساق بىز ئۇنىڭدا ئەگەر، يازاتتۇق يۈز ئەمەس مىڭلاپ رۇبائىي .
* * * قۇي، گۈلگۈن شارابنى ، خۇمارسەن ساقىي ، غەيۋەتتىن،ھەسەتتىن بىزارمەن ساقىي. سۇخەنچى ئەمەسكەن قەدەھنىڭلېۋى، خاتىرجەم نەزمىلەر يازارمەن، ساقىي.
* * * بۇ جاھان تۇغۇم ۋە ئۈلۈم سارايى ، تەن-غايە،قۇت،شادلىق ،دەرد-كۈلپەت جايى. ھەييامدەك پاك ياشا، ئىجاد قىل ، مەي ئىچ، قەدەھنىڭ لېۋىدە گۈلگۈن رۇبائىي .
---------------------------------------------------------
مەنبە : <<جۇڭگۇ مىللەتلىرى>> ژورنىلى 2003-5ساندىن
ئاپتۇر : مامۇت زايىت
___ باشقۇرغۇچى : saadat تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-12 |