| |||||||||
suwadan دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | كومپىيۇتېرنى چېقىۋتىمەنمىنى توسماڭلار، مەن ئۆيدىكى كومپيوتېرنى چېقىۋىتىمەن!
سەۋەبى تۈۋەندىكىچە: خۇتۇنۇم كۈندە تورغا چىقىۋالىدۇ. 1. كومپىيۇتېر ھەر ۋاقىت قىزىق تۇرۇدۇ، چەينەكتە چاي سوغۇقلا تۇرۇدۇ؛ ئۇنىڭ كۆز گىرۋەكلىرى قاپقارا، قاراچۇقى ئاقىرىپ كېىتىدۇ؛ مىنىڭ ئاق پايپىقىم قاپقارا، قارا پايپىقىم قېتىپ كېتىدۇ. 2. ئۇ سودا سارايدىن توك قازان بۇيرۇتۇپ قويۇپتىكەن، ئەكىلىپ بەرمىدى، خۇتۇن مىنى بېرىپ بېقىڭ دەيدۇ، بارسام ئۇلار ئاپىرىپ بىرىدىغان ئادرىسنى بىلمىدۇق دەيدۇ، خۇتۇن قالدۇرۇپ قويغان ئادرىسقا قارىسام: http//www.xakla.com دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. 3. بالىنىڭ خەت يېزىپ ئوينايدىغان ئويۇنچىقىنى تاپالماي ،خۇتۇندىن سىز كۆردىڭىزمۇ دەپ سورىسام، خۇتۇن: ئاۋال شەھلا تورىغا كىرىڭ، ئاندىن مۇنبەرگە كىرىڭ،ئاندىن ناخشا ،مۇزىكا، .ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھىبىسىگە كىرسىڭىز شۇ يەردە بارمىكىن دەيدۇ 4. خۇتۇن بانكىغا بېرىپ پۇل ئالماقچى بولۇپ ، كارتىنىڭ مەخپى شىفىرىنى نەچچە كىرگۈزسىمۇ يەنىلا بولماپتۇ، خۇتۇن بىردەم ئويلۇنۇپ تۇرۇپ كېتىپ،پىشانىسىگە ۋاققىدە بىرنى ئۇرۇپ: ۋىييەي، ما كاللامنى ،مەن QQ رىمنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى بېسىپتىمەن ئەمەسمۇ دىگۈدەك. 5. خۇتۇن تاكسىدا سومكىسىنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىكەن، تاكسى شوپۇرى سومكىنى ئەكىلىپ بەردى، خۇتۇنۇم ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ، سىز بەك ياخشىكەنسىز، QQ نومىرىڭىزنى دەپ بىرىڭە، قېتىۋالاي دەيدۇ 6. ئاياق سالىدىغان ئىشكاپنىڭ ئىشىكى چىڭىۋېلىپ زادىلا ئاچالمىدىم، خۇتۇن: نىمە بولدى دەيدۇ، مەن: قېتىۋاپتۇ،ئاچالمايۋاتىمەن دىسەم، ما ساراڭ خۇتۇن، قېتىۋالغان بولسا قايتا قوزغاتسىڭىز بولمامدۇ دەيدۇ. ھەي باللا، دەپ بېقىڭلارچۇ، چاقايمۇ چاقمايمۇ ___ باشقۇرغۇچى : saadat تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-12
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
millitim1 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كومپىيوتۇرنى چاقسىڭىز مۇنبەرگە كىرەلمەيسىز ،ئەڭ ياخشىسى ئاۋۇ خوتۇنىڭىزنىڭ قولىنى چېقىۋېتىڭە بولمىسا
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Naikon.x | كومپىيۇتېر ھەر ۋاقىت قىزىق تۇرۇدۇ، چەينەكتە چاي سوغۇقلا تۇرۇدۇ؛ ئۇنىڭ كۆز گىرۋەكلىرى قاپقارا، قاراچۇقى ئاقىرىپ كېىتىدۇ؛ مىنىڭ ئاق پايپىقىم قاپقارا، قارا پايپىقىم قېتىپ كېتىدۇ.
بۇ بولمىغان ئىش بوپتۇغۇ !!! چېقىۋەتمەي ، توردىن ئۈزۈۋەتسىڭىزلا بولمىدىمۇ ،، يامان بولمىغاندا بولقا بىلەن CPU نى توككىدە بىرنى قويسىڭىز ئىش تامام ۋەتسالام ..... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
amirali دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خاخا!!!!!چېقىش كېرەك!!چېقىش كېرەك!!چېقىش كېرەك!!چېقىش كېرەك!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naprat517 ئۇيغۇر ئوغلى | خاخا....................بەك ياخشى يىزىپسىز .........!
چىقىۋەتمىسىڭىز بولمايدىغان يەرگە كىلىپ قاپتۇ ..........! | ||||
---|---|---|---|---|---|
shakira | چاقماڭ،چاقماڭ.ئەرزان ئەمەس بۇ نەرسە.
ماڭىلا بېرىۋېتىڭە،تازا لازىم بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر ماقۇل دىسىڭىز... سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز،مۇڭداشقۇ نومىرىڭىزنى دەپ بېرىڭە قوشۇۋالاي. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AIZIRE دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | خاخا....................بەك ياخشى يىزىپسىز .........!
چىقىۋەتمىسىڭىز بولمايدىغان يەرگە كىلىپ قاپتۇ ..........! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
لاچن دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئىش چاتاق ،! خوتۇنىڭىزغا ۋېروس يۇقۇپتۇ .<مۇش > ماركىلىق ۋروسخور بىلەن ،قوغلاپ يۇرۇپ تازلاڭ .
كومپيوتىرنى چېقىشنىڭ ،ھاجىتى يوق ! | ||||
---|---|---|---|---|---|
roamer دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەڭ ياخشىسى سىز چىقىۋىۋەتمەي سېتىۋېتتىڭ.سېتىۋېتىشتىن بۇرۇن ئايالىڭىزغا سەۋەبىنى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ ئۆزىنىڭ مەسئولىيىتىنى بىلىۋالسۇن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
honda0998 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئېسىت بىچارە كومپىيوتىرۋە ئەتراپتىكى ئىشلار.....................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
warta دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سۇۋادان سىز ەگوشۋاشمۇ نىمە؟ قىممەت نەرسە چاقماڭ،ئاخماقكەنسىز.قويۋىتىڭ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TIRIXQANBALA دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئاياللار كومپىيوتۇرغا بەك بىرىلىپ كەتسە مانا مۇشۇنداق بۇلدىغان گەپ ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
akida326 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھەي ،مۇشۇنداق ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟ يازمىڭىز چاقچاقتەك تۇرغان بىلەن ،راسىت مۇشۇنداق ئىشلارمۇ بار ئىكەن. مەنمۇ مۇشۇنداق بىر ئىشنى بىلىمەن . بۇنى سۆزلىمەيلا قوياي،خۇددى يۇقىرىدا سىز ئېيىتقانغا ئوخشاشلا ئىش. مەن گەرچە تېخى توي قىلمىغان بولساممۇ،سىزگە ئازىراق تەكلىپ بېرىپ قوياي.
مىنىڭ تەكلىپىم: 1.كومپىيوتىرنى چاقماڭ. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. مىنىڭچە سىز ئايالىڭىز بىلەن ئەستايىدىل بىر سۆزلىشىپ ، ئەر- ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەت -مەسئۇلىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بىرىڭ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاياللىق مەجبۇرىيتىنى چوقۇم ئادا قىلسۇن، سىزمۇ ھەم شۇنداق. ئەگەر ئۇ ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسا ،ئۇنى قۇيۇۋىتىڭ، ئۇ ئەشۇ كومپىيوتىرغا تىگىۋالسۇن (چاقچاق) 2. توردا ھەقىقەتەن نۇرغۇن پايدىلىق بىلىملەر بار. ھازىرقىدەك ئۇچۇر ،بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە ئۇنىڭدىن چوقۇم ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بەزىدە توردا يەنە مەينەت ، ئەخلەت....قاتارلىق نەرسىلەرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن دەرھال ئۆزىمىزنى چەتكە ئېلىشىمىز كېرەك. ئايالىڭىز توردىن پايدىلىق بىلىملەرنى ئىگەللىسە ئۇنىڭغا يول قويۇڭ. 3. ئايالىڭىزنىڭ چ چ (مۇڭداشقۇ) سىنى كۆزدىن يۇقىتىڭ. مىنىڭچە ئېرى بار ئايالغا ئۇنىڭ ئانچە زۆرۈرىيتى يوق، ئەگەر زۆرۈرىيەت بولۇپ قالسا شۇ ئىشتىن، چ چ دىكى دوستىلىرىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىدىن سىزنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قويسۇن. سىزمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. خاتىرجەم بولالىسىڭىز ئۇنى ئىشلىتىشىگىمۇ يول قويۇڭ. 4. ئەگەر ئىمكانىيتىڭلار يار بەرسە كومپىيۇتۇر ئالدىغا ئىككىڭلار بىللە كېلىڭلار. تور دۇنياسىدىكى بىلىم، ئۇچۇرلارنى بىرلىكتە ئىگەللەڭلار. ئۇنىڭدىن مەنىۋى ئوزوقلارنى ئېلىپ تۇرمۇشۇڭلارنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ ئامال بولغۇدەكمۇ؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
suwadan دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | Quote:بۇ يازما10قەۋەتتىكىwartaنىڭ2008-04-12 22:01يوللىغان : ۋارتا، سىز بىر نەرسە بىلەمسز يوق، بۇ دىگەن بىر چاق چاق ، شۇنچىلىك ئەقلىڭىزمۇ يوقما؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
baburxah913 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|