سىز بۇ تېمىنىڭ 59ـ ئوقۇرمىنى
ASAN-YUSAN
شېئىر ھەۋەسكارى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 798
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2230
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2230دانە
شۆھرەت: 2536 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 36448 سوم
تۆھپە: 151 نۇمۇر
ياخشى باھا: 177 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :435(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-01-19
ئاخىرقى :2008-04-13

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئىككى شېئىر

ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ



ﺳﯧﻨﯩﯖﺴﯩﺰ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺗﻪﺱ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﻪﺟﻪﭖ،
ﻗﯩﻴﻨﯩﺪﻯ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﭼﯩﺮﻣﺎﺷﻘﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻝ.
ﻳﺎﺩﯨﯖﻐﺎ ﯸﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﺘﯘﯕﻤﯘ ﻣﯧﻨﻰ؟
ﺑﻮﻻﻣﺴﻪﻥ ﺭﺍﺳﺘﯩﻼ ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ؟

ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺋﺎﮬ، ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﺳﯧﻨﻰ،
ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻠﺪﺍﺭ.
ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﻤﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕۈﮔﻪ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ،
ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺗﯩﻜﻠﯩﺴﻪﯕﻤﯘ ﺩﺍﺭ.

ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ،ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﻪﺟﻪﭖ،
ﺋﯘﻧﺘﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﺘﯘﭘﻤﯘ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﮬﻪﻡ.
ﺋﯩﺰﺩﯨﺴﻪﻡ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯗﯕﻤﯘ ﻳﻮﻕ،
ﺳﯧﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﮬ، ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﻏﻪﻡ.

ﺋﯘﻧﺘﯘﺷﻤﯘ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻐﯘ ﺋﻪﺳﻠﻰ،
ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻢ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻧﺘﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ.
ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺗﻪﺱ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺳﯧﻨﯩﯖﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﭖ،
ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯘ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯜﻧﯜﭖ.

ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺳﯚﻳﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯚﻧﯜﺷﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ،
ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﯜﻡ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯧﻨﻰ، ﻛﯚﻳﮕﯜﻧﯩﻤﻤﯘ ﺭﺍﺳﺖ.
ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯛﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ،
ﺑﯩﺮ ﺳﯧﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯜﻧﯩﻤﻤﯘ ﺭﺍﺳﺖ.

ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯩﻜﯩﻦ ﺗﺎﯓ،
ﻛﯜﻟﯜﺷﻤﯘ، ﺋﯚﻟﯜﺷﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ ﻧﯩﺴﯩﭗ.
ﻣﻮﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺯﺍﭘﺘﺎ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ،
ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﯓ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ ﻗﯧﭽﯩﭗ.



ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﻧﯩﻴﺎﺯ





ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﻩﯓ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﺪﺍ




ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﻪ،
ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ.
ﮔﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﻠﺴﯘﻥ ﭼﯧﮭﺮﯨﯖﺪﻩ ﺟﺎﻧﺎﻥ،
ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﯖﻐﺎ ﺗﯚﻛﻪﻱ ﻗﯧﻨﯩﻤﻨﻰ.

ﻗﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﻐﺎ،
ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ.
ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﯩﻤﻪﻥ ﭘﯩﻨﮭﺎﻥ ﺩﺍﻟﯩﺪﺍ،
ﻛﻪﺗﺴﻪﯓ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﻳﻮﭼﯘﻥ.

ﺳﯩﻢ_ﺳﯩﻢ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ،
ﺋﯘ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺱ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ.
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﻩﯓ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﺪﺍ،
ﺳﯚﻳﮕﯜﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﻛﯜﻧﺪﻩﻙ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ.



  ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ
[ يوللىغانASAN-YUSANتەرىپىدىن2008-04-12 21:01قايتا ت ]

 

___ باشقۇرغۇچى : saadat تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-12

 

بېلەت تاشلاڭ
بالىلىرىم نېمە ئويناۋاتىسىلەر ؟
ـ سادىر ، نۇزۇگۇم بولۇپ
نەۋرىلىرىم سىلەر نېمە ئويناۋەتىسىلەر ؟
ـ پەرھات - شېرىن بولۇپ
چەۋرىلىرىم سىلەر چۇ ؟
ـ ياۋرپاغا ماسلىشىپ تانسا ، دېسكو . . . .
| ۋاقتى : 2008-04-12 20:54 [باش يازما]


 
شەبنەم كىنو قانىلى
Time now is:04-14 03:11, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation