| |||||||||
saqalliq دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۈرۈمچىدە ئەر يوقمىدۇ؟- ئادىشاۋوي نېمە بولدڭلار؟
- نېمە بوپتىمەن؟ - چىرايىڭ باشقىچە تۇرىدىغۇ، ئۇتتۇرىۋەتكەن قىمارۋازدەك؟ ئايالىڭ خېتىڭنى بېرىۋەتمىگەندۇ؟ - تولا چاخچاق قىلمىغىنا؟ «ئىشەك ئۆلەۋاتسا، بىر نېمىسى غىچەك تارتىپتۇ» دېگەندەك؟ - ئەمىسە نېمە بولدۇڭ؟ - نېمە بولاتتىم؟ بۈگۈن ماۋۇ باشلىق دېگەن ئاداش «بۇرۇتۇڭنى ئالدۇرماپسەن ، 100 كوي جەرىمانە تۆلەيسەن، ماۋۇ بۇرۇتۇڭنى دەرھال يوقاتمىساڭ جەرىمانە يەنە قاتلىنىدۇ » دەيدۇ! - شۇ گەپمىتى؟ ئېلىۋەتسەڭ بولمامدۇ، ھەممەيلەن ئالدۇرىۋەتكەندىكىن؟ - نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ؟ يىگىرمە نەچچە يىللىق قەدىناس بۇرۇت ماۋۇ ! ئەر كىشى دېگەننىڭ بۇرۇتى بولمىسا ئاجايىپلا بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ بۇرۇت قويۇش ئادىتى بارلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان تۇرسا . ئىددىيە دەمدۇ، خىزمەت دەمدۇ ھەرقاندىقىدا بىزدە چاتاق يوق . يەنە نېمىگە ... بولدىلا ساڭىمۇ چۈشەندۈرۈپ بولالمىغۇدەكمەن. - قانچە قاخشىساڭمۇ بىكار ئاداش، بۇ دېگەن يۇقۇرىنىڭ بۇيرىقى ئىكەن. ئىجرا قىلمىساق بولمايدۇ. - ھوي، يۇقۇرى دېگەن قەيەر؟ ئۇ يەردىمۇ بىزدەكلەر باردۇ؟ - ھا ھا ھا ، يۇقۇرىنىمۇ بىلمەمسەن؟ يۇقۇرى دېگەن ئۈرۈمچى. - ئۈرۈمچى؟ ئۈرۈمچىدىمۇ بىز بىلەن بىر يەرلىك ئادەملەر كۆپقۇ؟ مۇشۇنداق بۇيرۇقنى شۇلار چۈشۈرەمدۇ؟ ئۇ يەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەتىر سوپۇندەك يۈرمەيدىغاندۇ؟ - دەل شۇنداق يۈرۈيدۇ. دەنشىدە (تېلېۋىزور) كۆرمىگەنمىتىڭ؟ زاماننىڭ كەينىدە قاپسەن جۇمۇ؟ - بولدى، بولدى. سەن بىلەن ئۇرۇشۇپ قالماي يەنە. ئاچچىقىمنى ئاران بېسىۋېلىپ ئۆيگە كەلدىم. ئۆيدىكىلەرنىڭ گەپلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. ئۆزەمنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تېلېۋىزۇرنى ئاچسام بىر ئاداش « خوتۇن مانا ساڭا ئوسما ئالغاچ كەلدىم» دەۋىتىپتۇ قارىسام يۈزى پاكىز يۇيۇلغان ياڭيۇدەكلا تۇرۇدۇ، يەنە بىر قانالغا يۆتكىسەم بىرسى ھەدەپ خەۋەر سۆزلەۋېتىپتۇ، يەنە بىرسىگە يۆتكىسەم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى تۇنۇشتۇرىۋېتىپتۇ، يەنە بىرسىگە يۆتكىسەم ئىتوت ئويناۋېتىپتۇ... ھەممىسى ياڭيۇكەن ئەمەسمۇ! تېلېۋىزورنى «پاسسىدە ئۆچۈردۈم-دە ئاچچىقىمدا ساتراشخانىغا ماڭدىم. ئىچىمدە « ئۈرۈمچىدە ئەر كشى يوقمۇ نېمە؟ » پىچىرلىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە . ___ باشقۇرغۇچى : saadat تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-12
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
suwadan دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھى ھى ھى ھى ، مەن بۇنداق بۇيرۇقنى ئاڭلىماپتىكەنمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
دوستۇم | بۇ قۇلىقى يۇمشاقنى ئەر ئەمەس دىسەك بولار؟؟؟ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى دىگەندەكلا بىر ئىشتە بۇ!!!ئۈرۈمچىدە ئەر بولۇش -بولماسلىقى خەقنىڭ بۇرۇتى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىقمىكەن؟؟؟بۇرۇت بولمىسا ئەر ھىساپلانمامدىكەن؟!توۋا قىلدىم....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
amirali دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۈرۈمچىدىغۇ خېلى ئوبدان ئەرلەر باردۇر بەلكىم!لېكىنزە سىلەرنىڭ يۇرتتا تازا قانۇندىن پايدىلىنىدىغانلار ئازدەك قىلىدۇ.بىزمۇ ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلىرىدا ئىشلەيمىز،لېكىن ھېچكىم ئۇنداق قىل دەپ باقمىدى تېخى!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئوت يۈرەك دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | شۇ ئەمەسمۇ مەنغۇ ئۈرۈمچىدە ھەر ھەر ئەركەكلەرنى كۆرگەن لېكىن زە مۇشۇ ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەرزە قوي مىجەز .،. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىدىن يامانى ھىلقى شەپكىسىنى ئەكىلىڭ دېسە كاللىسىنىمۇ بىللە ئەكىلىپ ئۆز كۆڭلىدە ئاكىسىغا سادىق كۆرۈنمەكچى .،. مانا بۇ بىزدىكى ئارتۇقچىلىق شۇ بۇرۇتلارنى چۈشىرىۋەتدەك بىزنىڭ ئەنئەنىمىزنى يوقاتقانلىقىمىز ئەمەسمۇ ئۇ ،.،.،.،.،.ھەممىسىشۇ ئۆزىمىزدىكى بوشاڭلىق
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xjaat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۆرۈمچىدە بۇرۇت ،ساقال قۇيۇش مودا ئىدى بولمىسا .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Ana-yurt دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ تىخى ئاڭلاپ پاقمىغان بۇيرۇقكەن ، قانۇننىڭ ھىشقانداق بىر ماددىسىدا بۇرۇت قويسا بولمايدۇ دەيدىغان گەپ يوق .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
لاچن دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بىزنىڭ بۇيەرلەردەغۇ ،بۇرۇتنى چوتكىدەك قويىۋالساقمۇ ھېچكىم بىرنەرسە ،دىمەيدۇ .بۇ سىياسەت نىمىشقا ئىككى خىل ئىجرا قىلىنىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ahmad786 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ بەلكىم بىر يۇمۇردۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
warta دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ساقاللىق .ئەپەندە توغرا دەپسەز ھازىر .ئەرلەر يوق دىيەرلىك ھەممىسى مۇشۇ ھايۋانلارنىڭ بۇيرۇقى ئامال يوق،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
azgun1225 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۈرۈمچىنى چىشلەپ تارتمىسا ڭلارمۇ، سىلەرگە باشقا تېما چىقمامدۇ؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Yaw-mat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىجادىي بۇلسىمۇ يۇلىدا ئۆز يۇلىدا قايىل قىلارلىق بۇلسۇن يۇلداشلا ..... تېما ئىگىسى ئۆزىنىڭ نەچچە مىنۇتلۇق خاتا بىر سەزگۈسىگە ئاساسلىنىپلا ئۈرۈمچىدە ئەر ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپتۇ . ھەممىنىڭ كۆزى چۇڭ شۇ چۇڭ شەھەرنىڭ ئادەملىرىدە بۇلىدۇ ، بەلكىم ئۈرۈمچىدە ياشاپ بۇ ياشقا كەلگەن بۇلسىڭىز بۇنداق بۇلمىغۇر ، چەك بېسىپ تۇرالمايدىغان ئۇيلاردا بۇلمىغان بۇلاتتىڭىز ، مۇشۇ ھىچقانداق پاكىتسىز بىر ھېسسىي سىزىمىڭىز بىلەن شۇ ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئەرلەرنىڭ غۇرۇرىنى يەرگىمۇ ئۇرغان بۇلۇڭ ، سىزگە مىس -مۇچەنلىك پايدىسى تىگەمدۇ ..........
خەق بىزنى تالاۋاتىدۇ ، بىز ئۆزىمىزنى يالاۋاتىمىز ........... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
otyak | بۇ ئىشلار ئەمدى ئۇرۇمچىگە كەلدىمۇ ؟ بەزى يۇرتلاردا خىلى بۇرۇن بولدى. بىزنىڭ يۇرتقا كەلمىسە بولاتتى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
jazire دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Eger yuqurdin(qaysi derijilik yuquri ikanligi manga namelum )burutingni alduriwet digen siyasetni chushurup,buruti barlar tengqisliqta qalghan bolsanglar,meningche chushuriwetish kerek, Padishahning emrini tutush wajiptur .meningche burutning qolidin hich ish kelmeydu,peqet sizni bashqilargha set korsitip qoyamdu qandaq?.Burut digen chushurwetse yene chiqidu.eng qorqunchlighi burut bolmasliq,tesedipi hemme adem burut qoysun digen uxturush kep qalsa,burut chiqmaydighanlar tes kun’ge qalidu-de.shunga buruti barlar xatirjem bolsaq bolghudek.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
jazire دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Menmu mushundaq geplerni anglighan,lekin bizning adarigha bu ajayip siyaset texi yetip kelmidi,Dana partiyimiz hergizmu mundaq chakina siyasetni chushurmes dep oylayman, Ulugh Dahilirimizdin Sunzhongshan,Zhou’enlay,Zhude…..larmu burut qoyghan,Kominizimning Atiliri bolghan Marks,En’glislarni dimeyli qoyay. Burut qoyush hichbolmighanda asasi qanunda cheklanmigen ish. Lekin Saqalliq Ependining nime wejidinkin (men meqsidini taza uqalmay qaldimmu ishqilip) tolumdin toqmaq chiqqandekla,noqul halda burut=erkek digan tenglimini tuziwelip.pelipetish mentiqiliri bilan,he digende gepdanliq qilip Urumchida yashawatqan qerindashlirini “Yangyu”dep ketishliri ademni bekmu epsuslanduridu.Urumchi hazirqi zaman Uyghur mediniyitining boshigi bolush supiti bilan,bu yerde Millitimizning otyurek qiz-oghullirimiz,heqiqi erkeklirimiz yashawatidu disem artuq ketmes.Elwetta Yengdek burut qoyup yurgen, bombidek saqal qoyup yurgen ghitmek ademlernimu yoq degili bolmaydu…..
Eger siz urumchige kelsingiz,Urumchi siznimu qarshi alidu,Urumchi qarni-koksi keng sheher,hemme adem petip ketidu.burutingiz bilan keliwering… [ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|