مۇھەببەت
1 . ھەر قانداق ئادەم ياش تۆكۈشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ ، ياش تۆكۈشىڭىزگە ئەرىيدىغان ئادەم سىزنى يىغلاتمايدۇ .
2 . ھەسىرەت چېكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ ھەرگىز قاپاق تۈرمەڭ . چۈنكى ، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز .
3 . دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا سىز بىر ئادەم ، لېكىن مەلۇم ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا سىز بىر دۇنيا .
4 . سىزگە ۋاقىت ئاجرىتىشنى خالىمايدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ .
5 . بىراۋنىڭ سىزنى ئۆزىڭىز ئارزۇلىغان ئۇسۇلدا سۆيمەسلىكى ئۇنىڭ سىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ .
6 . كۆڭلىمىزدىكىدەك ئادەمگە ئۇچراشتىن ئاۋۋال خۇدا بىزنى ئۇچراشماسلىققا تېگىشلىك بىر قانچە ئادەم بىلەن ئۇچراشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا بىز ئۆزىمىز ئىزدەۋاتقان ئادەم بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇچراشقان ۋاقتىمىزدا مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك .
7 . ئىشلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن ياش تۆكمەڭ ، بەلكى مۇشۇ ئاخىرلىشىشنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن كۈلۈمسىرەڭ .
مەنبە : تۆت قىسمىلىق « سەرخۇش ئىنگىلىزتىلى » ناملىق كىتابنىڭ روھلاندۇرۇش بېتىدىن ئېلىندى
بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى - زۇلپىقار بارات ئۆز باش
2008 - يىلى 12 - ئاپرېل يوللاندى
[ يوللىغانUYGURIYA23تەرىپىدىن2008-04-12 18:05قايتا ت ]