| |||||||||
mozai | بولدى يەنە سۆيەلمەيمەبولدى ئەمدى سېنى سۆيەلمەيمەن يار،
ئوتلىرىڭىدا پەرۋانە بوپ كۆيەلمەيمەن يار. مۇھەبەت ئۇ سېنىڭ ئۈچۈن ئىكەن بىرچاقچاق ، مۇھەببەتنىڭ چاقچىقغا كۆنەلمەيمەن يار. بولدى ئەمدى سېنى يەنە سۆيەلمەيمەن يار، ئالداشلىرىڭ ئازابىغا كۆنەلمەيمەن يار. قەلبىڭ سېنىڭ سوۋۇپ قىزىپ تۇرغان تاش ئىكەن ، تاشلىقلاردا قىزىل گۈل بوپ ئۈنەلمەيمەن يار. بولدى ئەمدى سېنى يەنە سۆيەلمەيمەن يار، نېمە قىلساڭ ھېچقىسى يوق دېيەلمەيمەن يار. ئالتە كۈنلۈك قۇنالغۇدۇر بۇ ھايات بىزگە، ئەجىلىمىنى ئىزدەپ كېپەن كىيەلمەيمەن يار. بولدى ئەمدى سېنى يەنە سۆيەلمەيمەن يار، توزاقلىرىڭ كۆپكەن دەسسەپ كۆرەلمەيمەن يار. سۆيگۈ دېگەن ئىككى قەلب چالغان گۈزەل كۈي، يالغۇز كۈيلەپ ھۇزۇرىنى سۈرەلمەيمەن يار. بولدى ئەمدى سېنى يەنە سۆيەلمەيمەن يار، داپلىرىڭغا ئۇسسۇل ئويناپ بېرەلمەيمەن يار. تىلىكىم شۇ ھايات سېنى قويمىسۇن دەردتە ، دەردىلىرىڭىنى كۆرۈپ تىرىك يۈرەلمەيمەن يار. مەنبە-ئاقسۇ ئەدەبىياتى 2007-يىللىق1-سانى. ___ باشقۇرغۇچى : saadat تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-12
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Firdawis دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | موزاينىڭ قەلبى مۇھاببەت بىلەن لىققىدە تۇلۇپتۇ ھە؟سائادەت خانىم باكەنلا ھە؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muhterem مۇختېرېم | شۇنداق ياخشى يىزىلغان شېئىركەن ئەپسۇس ئاپتۇرىنى ئىنىق ئەسكەرتىپ قويماپسىز .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|