| |||||||||
kuysoyar | پەملىك رەسسامئۆتكەن زاماندا، بىر شەھەرنىڭ ناھايىتى ئابرۇيلۇق بىر پادىشاھى بار ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى سول پۇتىدىن كالتە بولۇپ، يول يۈرسە ئاقساپ، دىڭگاسلاپ ماڭىدىكەن، سول كۆزى جىتتاق بولۇپ، قارىسا خۇددى بىر نەرسىنى پەملەۋاتقان ياكى ئۆلچەۋاتقان كىشىدەك كۆزى ھەمىشە قىسىلىپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ قورسىقىغا جىن كىرىپ، ئۆزىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇپ ئاسماقچى بوپتۇ ۋە پەرمان چۈشۈرۈپ ئۆز تەۋەسىدە داڭلىق، ئۇستا رەسساملارنى ئۆز ئوردىسىغا چاقىرتىپتۇ. كۆپ ئىزلىنىشلەر ئارقىلىق پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرى ئۈچ داڭلىق رەسسامنى تېپىپ ئوردىغا ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھ رەسساملارنى كۆرگەندىن كېيىن: - مەن ئۆز رەسىمىنى سىزدۇرۇپ ئاسماقچىمەن. شۇڭا سىلەرنى بۇ يەرگە ئالدۇرۇپ كەلدىم. شەرتىم شۇكى، ئارتۇقمۇ ئەمەس، كەممۇ ئەمەس، ئەينەن چىرايلىق بولسۇن، ئەگەر يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ ھىيلە ئىشلەتسەڭلار، كاللاڭلارنى تېنىڭلاردىن جۇدا قىلىمەن. ئەگەر قايسىڭلارنىڭ سىزغىنى ماڭا يارىسا چوڭ مۇكاپاتقا مۇيەسسەر بولىسىلەر، - دەپتۇ. رەسساملار ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، قەغەز، قەلەم، سىياھ، كېتەرلىك نەرسىلەرنى تەييارلاشقا كىرىشىپتۇ، ئالدى بىلەن بىر رەسسام پادىشاھنىڭ رەسىمىنى پۈتتۈرۈپتۇ. رەسىمگە، پادىشاھنى ئوڭ پۇتىدىن سول پۇتى كالتا، سول كۆزى جىتتاق قىلىپ ئەينەن چۈشۈرگەن ئىكەن. پادىشاھ ئۆز رەسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاچچىقلىنىپ چاچلىرى تىك تۇرۇپتۇ. قۇلاقلىرى قىزىرىپ دىڭگىيىپتۇ، غەزەپتىن چاچراپ ئورنىىن تۇرۇپ كېتىپتۇ ۋە رەسسامغا قاراپ: - سەن ئىپلاس مېنى ھاقارەتلەپسەن، مەن مۇشۇنداق سەتمۇ؟ - دەپ رەسسامغا ھۈرپىيىپتۇ. رەسسام قورققىنىدىن لام - جىم دېيەلمەي قاپتۇ. - جاللات! - دەپ ۋارقىراپتۇ پادىشاسھ يانغا قاراپ. - لەببەي، تەقسىر! گۆش يىيىشكە خۇشتارمىز، - دەپ تەڭلا جاۋاب قايتۇرۇپ، قوللىرىغا قىلىچ ۋە پالتا تۇتقان، مەيدىلىرىنى يۇڭ بېسىپ كەتكەن، بەلنىڭ يۇقۇرىسى قىپ - يالىڭاچ، چوشقىدەك سېمىز، تەلەتىدىن ۋە كۆزىدىن قان ئىچكۈرلۈكى چىقىپ تۇرغان تۆت جاللات ھازىر بولۇپتۇ. پادىشاھ جاللاتقا ھېلىقى رەسسامنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ. شۇ يەردىلا جاللاتلار پادىشاھنىڭ ئەمىرىنى بىجا كەلتۈرۈپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئەس - ھوشىنى يوقاتقان ئىككىنچى رەسسام ئۆز كۆڭلىدە >پادىشاھنى ئەينەن سىزسام، مېنىمۇ ئۆلتۈرمىسۇن. چىرايلىقراق قىلىپ سىزسام بەلكىم ئامان قالارمەن< دەپ ئويلاپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئىككى پۇتىنى تەڭ ۋە كۆزلىرىنى راۋرۇس، چىرايلىق قىلىپ سىزىپتۇ. رەسىمنى پادىشاھقا كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ رەسىمنى كۆرۈپ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلەپتۇ - دە: - مەن ساڭا نېمە دىگەن ئىدىم، مۇناپىق ئالدامچى! سەن مېنىڭ شەرتىمنى بۇزدۇڭ، سەنمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم! - دەپتۇ - دە، جاللاتلىرىغا بۇيرۇپتۇ. جاللاتلار دەرھال كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ. ئۈچىنچى رەسسام چۈچۈپ تىپىرلاپ قاپتۇ - دە، ئويلىنىشقا باشلاپتۇ. ئۇ، پادىشاھ ئەينەن سىزسىمۇ ئۆلتۈرسە، تۈزىتىپ يالغان سىزسىمۇ ئۆلتۈرسە، قانداق سىزىش كېرەك؟ دەپ ئويلاپتۇ ۋە تەۋەككۇل دەرياسىغا ئۆزىنى تاشلاپ شۇنداق رەسىم سىزىپتۇكى: رەسىمدە پادىشاھ ئوۋ قىلىشقا چىققاندا ئالدىغا بىر كىيىك ئۇچرىغان بولۇپ، پادىشاھ كىيىكنى ئېتىش ئۈچۈن قولىغا مىلتىقنى ئېلىپ، ئوڭ پۇتىنى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، سول كۆزى قىسىلغان ھالدا، ئوڭ كۆزى بىلەن كىيىكنى قارىغا ئېلىپ ئېتىشقا ھازىرلانغان قىياپەتتە تۇرۇپتۇ، بۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ كالتىلىقى ۋە سول كۆزىنىڭ جىتتاقلىقى مەلۇم بولماي، رەسىم ئىنتايىن تەبىئىي ھالدا گۈزەل چىققان. بۇنى پادىشاھ كۆرۈپ ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ ۋە: - مانا بۇ ھەقىقەتەن جايىدا بوپتۇ، - دەپتۇ. پادىشاھ مەغرۇرلىنىپ رەسسامغا نۇرغۇن سوۋغا - سالاملارنى بېرىپ يولغا ساپتۇ. داۋامى ۋە داۋامى http://bilqut.com/bbs دا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | راست .ئەقىللىق رەسسام ئىكەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
molla-zaidin ئالتىنجى سەزگۈ | راستىنلا يامان ئىكەن ~ بۇرەسسام ~~~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
悍马H2 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇرۇن ئاڭلاپتىكەنمەن!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uxkunman دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەسىمنى قولدىلا ئەمەس كاللا ئىشلىتىپ تەپەككۇر ئاقىلىق سىزىغاندا ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
رەسىم سىزىشقا قىزىقسىڭىز چىن دىل گۈزەل - سەنئەت تورىغا مەرھەمەت ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|