| |||||||||
agimkax دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىسمىمنى توۋلاڭلار ئابدۇخالىق دەپبۇ تىمىنى matimatika : شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-04-12)
ئىسمىمنى توۋلاڭلار ئابدۇخالىق دەپ بىرچاغلار بەك گۆدەك بەك سەبىي ئىدىم، ئۆزۈمنىڭ ئىسمىگە ئۆچ بولغان ئىدىم. <<نىمىشقا قويدۇڭلار ئابدۇ خالىق دەپ؟ ئىسمىمدا ھېچ بىرخىل مودا يوق >>دىدىم. <<نىمىشقا قويمىغان يالقۇن، ئۈچقۇن دەپ؟ نىمىشقا قويمىغان پالۋان، جۇشقۇن دەپ؟ نىمىشقا قويغانتىڭ ئۈچبۇ ئىسىمنى ؟ سەۋەپنى ماڭا بىر بەرگىنە سۆزلەپ>> سۇئالنى ئاڭلىغان بوۋام ئاچچىقلاپ، سۆزلىدى سەۋەپنى قاتتىق ۋارقىراپ. <<ھەي تەنتەك بىلمەمسەن ئىسمىڭ كىمنىڭ ھە ماقۇل دەپ بېرەي كەتمە ئالدىراپ. مەن ساڭا قويغىنىم ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى، ئەل ئۈچۈن كۆيگەن بىر شائىرنىڭ ئىسمى. ئۇ ئىسىم قويۇشتىن ئاساسىي مەقسەت، ساڭىمۇ يار بولسۇن پالۋاننىڭ جىسمى. ئۇ باتۇر، ئۇ پالۋان، ئۇبىر ئوتيۈرەك، ھەقىيقىي پالۋان يوق ئۇنىڭدىن بۆلەك. چۈنكى ئۇ ئويلىدى خەلىق مەنپئەتى ئازاتلىق قەلبىدە بىردىن-بىر تىلەك. بولغاچقا ئاشۇنداق پالۋانلىرىمىز، بىز شۇڭا شات-خورام خوشال يۈرۈيمىز. بولغاچقا ئاشۇنداق شائىرلىرىمىز، نادانلىق، قالاقلىق يىراق چۆرۇيمىز. ھەي تەنتەك ئەمدىغۇ بىلىپ يەتكەنسەن؟ ئىلگىركى ئويۇڭغا ھەسرەت چەككەنسەن؟ شۇنچىكى سۆزلىدىم مەزمونى چوڭقۇر، ھەقىقىي تېگىنى ئۆزۈڭ يەشكەيسەن!>> چۈشەندىم مەن ئەمدى بوۋام سۆزىنى، قوغدايمەن ئۇيغۇرۇم غورور يۈزىنى، ئۆگۈنۈپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوۋامدىن، تىرىشىپ ئاچايمەن بەخت كۆزىنى. ئىسمىمنى توۋلاڭلار ئابدۇ خالىق دەپ بۇخىل نام مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ شەرەپ. ھەرقېتىم ئاڭلىسام ئۈچبۇ ئىسىمنى ، تۇرغايمەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەسلەپ. مەنبە:(ئىجادىيىتىم) ئىسمىم ئابدۇخالىق ئەگىم قاش [ يوللىغانagimkaxتەرىپىدىن2008-04-12 13:33قايتا تەھر ] ___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-12
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
osal~xum دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | راسلام ياخشى يىزىلىپ تۇ !!!!!!!!!!!!!!!! رەخمەت
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sadam76 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۆغلۇمغا قۇيايمەن مۇ شۇ ئسمنى !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BAGZADA دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ شىئىرنى مەن كاپىيەسى بىلەن ئۇقۇپ چىختىم
راسلام ياخشى يىزىلىپ تۇ ،،،،،،،،،،،، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qayan~xah دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بارىكاللا ياخشى يېزىپسىز ~~~~~~~~~~~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
moukar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئېسىل ``` ئىسىل `````
يەنىمۇ ئېسىل شېئرلارنى يوللاپ تۇرغايسىز``. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ASKAR0998 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ياخشى يىزىپسىز!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!1111
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@wolkan@ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى چىقىپتۇ ھارماڭ !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arteken تەۋپىق ئىزچىسى | بۇ شىئىردىن سىزنىڭ ئۆز ئىسمىڭىزدىن شۇنداقلا ئوت يۇرەك خەلق سۆيەر پالۋانلىرىمىزدىن سۆيۇنۇش ھىسياتىڭىزنى چۇشەندىم . تىرشىڭ سىزمۇ پالۋان ، ئىز قالدۇرغۇچى بولالايسىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ezbasar520 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ياخشى چىقىپتۇ ئەگىم قاش تىرىشىڭ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
parwin | باش تىما بەك ياخشى قۇيۇلۇپتۇ،ئاپىرىن سىزگە.مەزمۇنىمۇ ياخشى.
تەكلىۋىم:شىئېرنى قايتا بىر پىششىقلاپ باقسىڭىز قانداق.شاكىلىنى چىقىرىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش قائىدىسى بويىنچە يەنە بىر قېتىم پىششىقلىسىڭىز مىنىڭچە بۇ ئەسەر نادىر تىما بۇلۇپ قالغۇسى؟... | ||||
---|---|---|---|---|---|
agimkax دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تورداشلارنىڭ ياقتۇرغانلىقىغا رەخمەت
داۋاملىق پىكىر بېرىپ تۇرغايسىزلەر سىزلەرگە كۆپ رەخمەت ئەگىم قاشتىن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
agimkax دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ قوللاپ بېرىشىنى
پىكىرتەكلىپنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن 516383818 بۇ مڭنىڭ چ چ نۇمۇرۇم كۆپچىلىك پىكىر بەرگەيسىزلەر | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
taxyolqi دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ساقلىۋالدىم .بەلەن يىزىپسىز داۋاملىق يوللاڭ قېرىندىشىم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tax~na دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى يېزىلغان شىئىر كەن بۇ .مۇ شۇنداق ياخشى تىمىلار نى يوللاو تۇ رۇڭ!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|