| |||||||||
mollatapkak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ماڭا قانۇندىن مەسلىھەت بەرسەڭلار!!!!!!!مىنىڭ دادام كۇمۇركاندا ئىشلىگەن بۇلۇپ، 1990 -يىلى 5-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان. 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۇنى ئۈرۈمچىدە ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۆكرەك بۇشلۇغى كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئوتتى. دىئاگنۇز ئىسپاتىدا 3 -باسقۇچلۇق سېلتسىيلىق ئوپكە كىسىلى (ئوپكە چاڭ-تۇزان كىسىلى) دەپ بىكتىلدى. كۇمۇركان دادامنى ئېلگىرى- كىيىن بۇلۇپ بىرەر قېتىممۇ كەسپى كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش -داۋالاش تەكشۇرتىشىگە قاتناشتۇرمىغان، ھەم كەسپى كىسەللەرگە بىرىلىدىغان ياردەم پۇلىسىمۇ بىرىپ باقمىغان.ۋاپات بۇلۇشتىن ئىلگىركى ئەڭ ئاخىرقى تەكشۇرۇشتە بۇ كىسەل بايقالدى. ئەپسۇسكى دادام ۋاپات بولۇپ كەتتى.دادامنىڭ بۇرۇن تەكشۇرگەن ئارخىپ ۋە رېنتگىن ماتىريالىمۇ يوقكەن .مۇشۇنداق ئىشلاردىن خەۋىرىڭلار بولسا ماڭا سەمىمى مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار!!!!!! 1. بەزىلەر ۋاپات بۇلۇپ كەتكەنلەرنى باھالاپ بىكىتكىلى بولمايدۇ ، دەيدۇ.بەزىلەر بۇلىدۇ ، دەيدۇ. زادى ۋاپات بۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭمۇ كەسپى كىسەللىك ئېتراپنامىسىگە ئىرىشىش ھۇقۇقى بارمۇ؟ 2. ئەگەر كەسپى كىسەللىك ئېتراپنامىسىگە ئىرىشىش ھۇقۇقى بولمىسا ، ئائىلە تاۋىئاباتلىرى قانداق ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بۇلىدۇ؟ ___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-12
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
osal~xum دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:ماڭا قانۇندىن مەسلىھەت بەرسەڭلار!!!!!!!بۇ بىر مەسلە بولااپتۇغۇ بۇ رۇن ۇقمامتىڭلا !!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tursun011 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:ماڭا قانۇندىن مەسلىھەت بەرسەڭلار!!!!!!!دادىڭىزنى يەلىكىدە ياخشى ياتسۇن دىسىڭىز دەۋا قىلىپ يۇرمەڭ . ئۈلۈم دىگەن ھەممە ئادەم بىشىدابار .
بىزلارگە قاچان كىلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھ بىلىدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BOSS010 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | Re:ماڭا قانۇندىن مەسلىھەت بەرسەڭلار!!!!!!!بۇنى ئەڭ ياخشىسى قانۇن مەسلىھەتچىلىرىدىن سوراڭلار. ھۆكۈمەتتىن ،پۇل ئۈندۈرۋالدىغان ئىش بولسا ،ئۈندۈرۈرۇڭلار ،<خەن >لەر بۇنداق ئىشلار بولىدىغان بولسا ئۆلۈكىنى ئارتىدۇ .2- قەۋەتتىكى تورداش دىگەندەك ،راس ئەجەلگە ئامال يوق لېكىن ،بۇ خەقتىن بىزگە قاچان مەنپەئەت يەتكەن ،بىر تىيىن بولسىمۇ يۇلغان، يۇلغان بوپ قالىدۇ
| ||||
---|---|---|---|---|---|
shakira | Re:ماڭا قانۇندىن مەسلىھەت بەرسەڭلار!!!!!!!ئىككىنجى قەۋەتتىكى تورداشلارنىڭ پىكرىگە مەن قەتئىي قارشى .
شۇنداق يۇمشاق باشلىقىمىزدىن خەق بىزگە تۈكىنى يۇلدۇرمايدۇ. كەسپى كېسەللەردىن ئېرىشىدىغان تۆلەم بىر ئىككى مىڭ يۈرەننىڭ ئىشى ئەمەس.سوممىسى يۇقىرى.شۇڭا ھەرگىز بەل قۇيىۋەتمەڭ.كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ كەسپى كېسەللەرگە دىئاگىنوز قۇيۇش ئىجازەتنامىسى بار يوقلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.ئەگەر بار بولسا كېسەللىك تارىخىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسقىسى،دىئاگىنوز ئىسپاتنامىسى،كۆكرەكنى تەكشۇرگەن رىنتىگىن دىبەن،پۇل تاپشۇرغان بارلىق ھۆججەت دىگەندەك ماتىرياللارنى ئېلىپ كۆمۈركاندىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىنى ئىزدەپ بېقىڭ.دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى بۇ ماتىرياللارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەڭ،بەرسىڭىز كۆپەيتىلگەن نۇسقىسىنىلا بېرىڭ.ئامال بار بىر ئادوۋكات تېپىڭ بولمىسا ئىتى-پىتى دەپ سىزنى كولدۇرلىتىشقا ئارانلا تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ دوختۇرخانىنىڭ كەسپي كېسەللەرگە دىئاگىنوز قۇيۇش ھۇقۇقى بولمىسا يەنە شۇ ماتىرياللارنى ئېلىپ شۇ خىل دىئاگىنوز ئىسپاتنامىسى چىقىرىپ بېرەلەيدىغان ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ. دادىڭىزنىڭ بىر ئۆمۈر كۆمۈر كاندا تارتقان جاپاسى ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ يولنى چوقۇم مېڭىڭ.بەك بولمىسا ئادوۋكات تەكلىپ قىلىڭ.ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىغا تىلەكداشمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AIZIRE دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:ماڭا قانۇندىن مەسلىھەت بەرسەڭلار!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|