ئەركىنلىك ئۈچۈن
سوققان ئىدۇق بازغانلار ھەقىقەت ئۈچۈن،
تاڭ باھاردا بۇلبۇلنىڭ سايرىشى ئۈچۈن.
تۆككەن ئىدۇق قانلارنى ئەۋلادلار ئۈچۈن،
ياۋئوغرىلار ئاتالدۇق بۈگۈندە نىچۈن.
ئۆرتەنمەمدۇ يۈرەكلەر ئۆركەشلەرئۈچۈن،
يېقىلمامدۇ مەشئەللەر ئەجدادلار ئۈچۈن،
توزۇيدۇ رەڭدار گۈللەر بوراندا نىچۈن.
ئېلىنمامدۇقەرزلەر ماماتلار ئۈچۈن،
قىلىنمامدۇجىھاتلار ساداقەت ئۈچۈن،
تاپالمايدۇ ئىزلارنى نەۋرىلەرنىچۈن.........!

قەھرى غەزەپ تىشىمىز پايخانلارئۈچۈن،
كۈمۈلىدۇ قەبرىلەر ئەۋرىلەر ئۈچۈن،
تۇلپار ئاتلار چاپمايدۇ دالىدا نىچۈن.
قەلىبتە ئوت چېچىلار زھلىملار ئۈچۈن،
ئاتلارنى ئىگەرلەيمىز داۋھنلار ئۈچۈن،
زەپەر داش بولالمايمىز بىزلەرمۇ نىچۈن.
يۈرەكلەرنى سىقارمىز ياۋۇز لار ئۈچۈن،
قان يۇتۇپ ئىز قۇسارمىز كۈ رەشلەر ئۈچۈن،
كۆكلىمەيمىز بىر شاختا ئۆزگىدەك نىچۈن.
تۇرالماسمىز تۇپراقنىڭ ياشلىرى ئۈچۈن،
ئىگەلمەسمىز باشلارنى ئەركىنلىك ئۈچۈن،
تۇسالمايمىز تۈلكىنى بوستاندىن نىچۈن.
باھار ھىدىنى كۈندە بىر پۇراش ئۈچۈن،
زامانەم بايرىقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن،
تۇرمايمىز چۆلدە ھەتتا يۇلغۇندەك نىچۈن.......!
مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ ،باشقۇرغۇچى...