سىز بۇ تېمىنىڭ 90ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دەسلەپكى 100 يىلى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
-millitim-

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 14083
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 151
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە151دانە
شۆھرەت: 152 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1510 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-06
ئاخىرقى :2008-04-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دەسلەپكى 100 يىلى



      بۇ 2001 يىلى ئىمپىرىيە ئىنىستىتوتى نەشرىياتى ۋە دۇنيا پەن-تېخنىكا نەشرىياتى بىرلىكتە نەشىر قىلغان نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دەسلەپكى 100 يىللىق خاتىرىسى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن كىتابتىن ئېلىنغان ماتىرىياللار بولۇپ ، نوبىل مۇكاپاتى توغرۇلۇق مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدىكەن ، كىتابتا نوبىل مۇكاپاتىنى ياراتقۇچى ئالىم (1833-1896) ALFRED NOBEL ئەفەندى نىڭ بارلىق ھاياتى ۋە نوبىل مۇكاپاتى تەسسىس قىلىنغان ھەر قايسى پەنلەر ئىنتايىن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن . كىتاب ئېنگلىز تىلىدا يېزىلغان ، جەمئىي 231 بەت ، مەن بۇ كىتابتىكى بەزى مۇھىم ئورۇنلارنى يوللاپ قويدۇم !

نوبىل مۇكاپاتى شىۋىتسىيەلىك داڭلىق خىمىيە ئالىمى نىترو گىلىتسىرىنلىق بومبىنىڭ ياراتقۇچىسى ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ مەلۇم مىراسىنى مەبلەغ قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان مۇكاپات بولۇپ ، ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ھاياتىدا 355 تېخنىكا تۇرىدە كەشپىيات ياراتقان ھەم ياۋرۇپا قىتئەسى ، ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق بەش چوڭ قىتئەدىكى 20 دۆۋلەتتە 100 يېقىن شىركەت ۋە زاۋۇد قۇرۇپ ، غايەت زور مەبلەغ توپلىغان . 1896 - يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەدە ۋاپات بولغان ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مەلۇم مىراسىنى ( 9 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى)مەبلەغ قىلىپ ، ئۇنى ئۆسۇمى بويىچە فىزىكا ، خىمىيە ، فىزىئولوگىيە ۋە تىببىي ئىلىم ، ئەدىبىيات ۋە تېنچلىق قاتارلىق 5 پەنگە بۆلۈپ تەسسىس قىلىپ بۇنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى مۇشۇ ساھەلەردە ئىنسانىيەتكە ئالەمشۇمۇل تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان .
شۇنىڭغا ئاساسەن شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى 1900-يىلى 6- ئايدا رەسمىي ھالدا نوبىل مۇكاپاتىنى تەستىقلاپ يولغا قويغان ، ھەم 1901 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنىدە تۇنجى قېتىملىق نوبىل مۇكاپاتىنى تارقاتقان ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە شىۋىتسىيە پايتەختى سىدگېرم ۋە نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلۇدا داغدۇغۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ .
1968 يىلى شىۋىتسىيە مەركىزىي بانكىسى بانكا قۇرۇلغىنىنىڭ 300 يىللىق خاتىرى يىلى تۇپەيلىدىن مەبلەغ چىقىرىپ نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى قوشۇپ تەسسىس قىلغان ھەم ئۇنى < خاتىرە نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتى > دەپ ئاتىغان ، 1969 يىلىدىن باشلاپ قالغان بەش خىل مۇكاپات تۈرى بويىچە ئوخشاش ۋاقىتتا تارقىتىشنى باشلىغان ، ئۇنىڭ تاللاش پىرىنسىپى - ئىقتىسادى پەن-تەتقىقات ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل قىممەتتىكى تۆھپە ياراتقان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ ھەم دەسلەپكى ۋاقىتلاردا تۆھپە ياراتقان كىشىلەر ئالدىن مۇكاپاتلىنىدۇ .
1990-يىلى ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ مۇھىم جىيەن نەۋرىسى كىلاۋس ئەفەندى - نوبىل يەر شارى مۇكاپاتىنى قوشۇپ تەسسىس قىلىشنى ھەم بۇنى دۇنيا مىقياسىدا مۇھىت ئاسراشتا ئالاھىدە نەتىجە قازانغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ مۇكاپات 1991 - يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنىدىن باشلاپ تۇنجى قېتىم تارقىتىلىشنى باشلىغان .
ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ھېچقانداق دۆۋلەت ، مىللەت ، ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى ۋە دىننى ئېتىقادنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ ، نامزات تاللاشتا ياراتقان نەتىجىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىنىدۇ دەپ بىكىتىلگەن .
ھەر يىلى 9-ئايدىن كىيىنكى يىلى 1-ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ھەر قايسى تۈرلەردىكى مۇكاپاتقا تونۇشتۇرۇلغان كاندىدات نامزاتلار قۇبۇل قىلىنىدۇ ، تونۇشتۇرىلىدىغان كاندىداد نامزاتلار ئادەتتە 1000-2000 كىشىگىچە بولىدۇ . 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تونۇشتۇرۇلغان كاندىداد نامزاتلار شاللاپ تاللاش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش باسقۇچىغا كىرىدۇ ، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى رەسمىي ھالدا ئېلان قىلىنىدۇ ، 12 -ئاينىڭ 10 -كۈنى ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ۋاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىۋىتسىيە پايتەختى سىدگېرم ۋە نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلۇدا داغدۇغۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە شىۋىتسىيە پادىشاھى سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات تارقىتىدۇ .
نوبىل مۇكاپاتى -مۇكاپات كىنىشكىسى ، ئالتۇندىن ياسالغان مۇكاپات مىدالى ۋە مۇكاپات پۇل چىكىدىن تۈزۈلىدۇ .
نوبىل مۇكاپاتى پۇل سوممىسى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا 31000-72000 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا پۇل پاخاللىقى تۇپەيلى 60- يىللاردا 75000 ئامېرىكا دوللىرى 80 - يىللاردا 220000 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن .
ئالتۇندىن ياسالغان مۇكاپات مىدالىنىڭ ئېغىرلىقى يىرىم قاداق بولۇپ ، ساپ ئالتۇن 23 گرام ، دىئامىتىرى تەخمىنەن 6.5 سانتىمىتىر بولۇپ ، ئوڭ يۈزىگە ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ يۇزەكى سۇرىتى ئويۇلغان . ئوخشىمىغان مۇكاپات تۈرىدىكى مۇكاپات مىدالىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى زىننەت بۇيىمى ئوخشاش بولمايدۇ .
ھەر بىر مۇكاپات كىنىشكىسىمۇ ئۆز-ئارا ئوخشىمىغان ئاساستا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا ياسىلىدۇ . ھەر قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئادەم تەخمىنەن 1500-1800ئادەم ئەتراپىدا چەكلىنىدۇ ، مۇراسىمغا قاتناشقان ئەرلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ مىللىيچە كىيىمىنى ، ئاياللار چوقۇم كېچىلىك مۇراسىم كىيىمىنى كىيىش شەرت قىلىنىدۇ ، ئالفېرد نوبىل ئەفەندى 1891-يىلى ئىتالىيەدىكى سېنمورىيدىن بىر داچا سېتىۋالغان ، ئۇ ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا كۇنلىرىنى شۇ داچىسىدا ئۆتكۈزگەن ، بۇ داچا ئەتراپىدىكى ئىللىق ۋە قۇرغاق ھاۋارايى ئۇنىڭ سالامەتلىكە بەكمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئۇ بۇ داچىسىنى < مېنىڭ كىچىك ئۇۋام > دەپ ئاتىغان ، شۇڭا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەم بىلىمگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش تۇپەيلى مۇراسىمدىكى بارلىق ئاق ۋە سېرىق گۈللەر چوقۇم ئىتالىيەدىكى سېنمورىيدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ .
ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ: ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭ ى

 

___ باشقۇرغۇچى : Shahzade تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-11

 

بېلەت تاشلاڭ
كىشى بىلمىگەننى ئۆگەنسە بىلۇر ،
        بىلىش بىرلە ئىنسان تىلەككە يىتۇر.
| ۋاقتى : 2008-04-11 15:12 [باش يازما]
azmatXOH

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 31377
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە80دانە
شۆھرەت: 91 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 750 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :214(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-01
ئاخىرقى :2008-04-14

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ھازىرقى سوممىسى بىر مىليۇن دوللھردىن ئاشىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-04-11 16:22 1 -قەۋەت


 
شەبنەم كىنو قانىلى
Time now is:04-14 03:07, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation