سىز بۇ تېمىنىڭ 7536ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
uyghurhan

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28903
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 126
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە126دانە
شۆھرەت: 144 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1270 سوم
تۆھپە: 11 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-01
ئاخىرقى :2008-04-13

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 جىنسى تۇرمۇشنى چۈشىنەمسىز؟

                                                                    جىنسى تۇرمۇشنى چۈشىنەمسىز؟
            جىنسى تۇرمۇش ھالال نىكاھلانغان ئەر-خۇتۇن ئارىسىدىكى تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بۇلۇپ، ئەر-خۇتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھاببەتنى كۈچەيتىدىغان، شۇنداقلا ياراتقۇچى شۇ ئارقىلىق يەر يۈزىدە ئىنسانلارنى داۋاملىق ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلارغا ئەر ئايال ئىككى  تەرەپنى ھالال نىكاھلىق بولغاندىن كېيىن، ئەۋلات قالدۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەت جەميىتىنى داۋام ئەتكۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغان، ھالال نىكاھلىنىپ بولغاندىن كېيىن، سىرتتا ئاشنا ئويناش، باشقىلارغا يامان كۆزدە بۇلۇشنىڭ، زىناخورلۇق، پاھىشۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان، كىشىگە مەنىۋى ۋە جىسمانى جەھەتتىن پايدىلىق بولغان (نورمال،چېكىدىن ئاشمىغان چاغدا)  بىر پائالىيەت بۇلۇپ، بۇ توغرىسىدا قانداق بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلار بار ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم، كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.  ھازىر بەزى ياشلار  ۋە كىشىلەر چەكلەنگەن مېىۋىنى بالدۇر  يەپ قويىدىغان ئىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، بىراق، بۇ ئۆرب ئادىتىمىزگە، ئەخلاق پەزىلىتىمىزە خىلاپ بولغان يامان قىلىقتۇر. شۇنداقلا، ھازىر سىرتتا ئاشنا ئوينايدىغان، ئەرلەر- ئەرلەر بىلەن بەچچىۋازلىق قىلىپ، مەقىتىگە جىما  قىلدۇرىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇ توغرىلىق 2 پارچە ماقالە يوللاندى. يەنى "بەچچىۋازلىق، ئەيدىز  ۋە  لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى"  ،  "ئەيدىز  ۋە ۋ س دا كۆرگەن خەتلەردىن تۇغۇلغان ئويلار "  ناملىق. ھەممىمىزنىڭ ئۈزىمىزنى پاك تۇتۇپ، ئائىلىمىز گە مەسۇليەتچان بۇلۇپ،  ئەيدىز ۋە باشقا ھەر خىل يامان ئاتلىق كىسەللەردىن يىراق بۇلۇپ،  روھى  ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام، پاك، پاكىزە  بۇلۇشقا نىسىپ بولسۇن.
      ئەيش-ئىشرەتنىڭ باش كۈتۈرىشى بىر مىللەتىڭ زەئىپلىشىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر.  زىنا  ئادەمنىڭ ئابرويىنى چۈشىرىدۇ، ئۇنىڭدا ياخشىلىق يوق،  ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى زىنادۇر.

    جىنسى مۇناسىۋەتتىكى ئەدەبلەر:
    ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار، بىزنى توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان كۆرسەتمىلەرنى بەرگەنلىكىڭلارغا ئاللا سىلەرگە ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن، بۇنداق بىر سۇئال-جاۋاپنص  ئەۋەتكەنلىكىمىنى ئەپۇ قىلغايسىلەر .        سۇئال: جىنسى مۇناسىۋەتتىكى ئەدەبلەر قايسى؟  جاۋاب: ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، بارلىق ھەمدۇ سانا ئاللاھغا خاس، ئاللاھنىڭ  ئەلچىسىگە رەھمەت  ۋە سالام بولسۇن. بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى بارلىق ئىشلارغا تولۇق، ئوچۇق يول كۆرسىتىپ بىرىش بىزنىڭ بۇ بۇيۇك دىنىمىزنىڭ رۇشەن خۇسۇسىيتى بولۇپ، ئەر ئايال ئوتتۇرسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتمۇ دەل مۇشۇلارنىڭ قاتارىدىن.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بۇ تىمىدىكى يولغا قويۇلغان، چەكلەنگەن ئىشلارنى بەلىكى تېخى ئۇنىڭ شەكلى، ئۇنىڭغا بىرىلىدىغان ئەجىر قاتارلىقلارنى تەپسىلى بايان قىلغان، شۇڭلاشقا ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم  دىنىڭزدا سىزنى توغرا يولغا باشلايدىغان تەپسىلى بەلگىلىمىلەر تولۇپ تىشىپ تۇرغان بىر ئىش توغۇرسىدا سۇئال سوراشتىن تارتىنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، تۆۋەندە سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىدىن ھۆرمەتلىك شەيىخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىدنىڭ جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ ئەدەبلىرى توغۇرسىدىكى  سۆزلىرىگە قۇلاق سىلىڭ. 
  ئىسلام ئىنسانلارغا ھەممە نەرسىنى ئۇگەتتى، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ دىن، دۇنيا، بۇ دۇنيا  ۋە  ئاخرەتلىك ھەممە ئىشلىرىدا تولۇق ياخشىلىق ئىلىپ كەلدى، جىنسى مۇناسىۋەت ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ، دىنىمىز ئۇنى تەپسىلى بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ياخشى نىيەت، دۇئا  ۋە شەرئى ئەدەبلەرنى قوشۇپ ئۇنى بىردەملىك ھىسياتنى قاندۇرىدىغان نوقۇل ھايۋانى لەززەت بولۇشتىن، مۇسۇلمان ئۇنى قىلىش بىلەن ساۋابقا ئىرىشىدىغان ئىبادەت دەرجىسىگە كۆتۇردى. بۇ توغۇردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنىق بايانى بار، بۇيۇك ئالىم ئىبنى قەييۇم ‹ئاللاھ  ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي› ئۆزىنىڭ  ‹زادۇل مىئاد› دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹‹جىنسى مۇناسىۋەت توغۇرسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى ئەڭ توغرا يول ئىدى، بۇ يول بىلەن بولغان جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن بەدەن ساغلاملىشىدۇ، خۇشاللىق ھاسىل بولىدۇ ،كۆڭۇل راھەتلىنىدۇ ،ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ جىنسى مۇناسىۋەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىدىمۇ ئىشقا ئاشىدۇ، جىنسى مۇناسىۋەت ئەسلىدە مۇنداق ئۇچ ئاساسى مەقسەتنى چىقىش قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان: 1-ئىنسان نەسلىنى ساقلاش ۋە ئۇنى ئاللاھ  موشۇ دۇنيانى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەقدىر قىلغان ۋاقىتقىچە داۋاملاشتۇرۇش؛ 2-ئۇنى توختىتىۋېلىش، تۇتۇپ قىلىش بەدەنگە زىيانلىق بولغان سۇيۇقلۇقنى چىقىرىۋىتىش؛ 3- جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق خۇشاللىققا ئېرىشىپ، ئاللاھنىڭ نىئمىتىنى تىتىش.› › ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ مەنپەئەتى-ئىنساننىڭ كۆزى ۋە جىنسى ئەزاسىنى پاك ساقلاش، ھارامدىن قىچىشقا كۈچ قۇۋۋەت ھاسىل قىلىشتۈر، بۇ ئىشلار ئايال ئۈچۈنمۇ ئىشقا ئاشىدۇ، ئەر ئۆزىمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ  ۋە ئايالنىمۇ مەنپەئەتلەندۇرىدۇ، شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئادەتلەنگەن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغۇردا مۇنداق دەيدۇ:  ‹ماڭا سىلەرنىڭ دۇنيايىڭلاردىن ئايال ۋە خۇشپۇراق ئەڭ ياخشى كۆرسىتىلدى›، يەنى مەن ئايالنى ۋە خۇش پۇراقنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن،بۇھەدىسنى ئەھمەد رىۋايەت قىلغان  .
  جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۇزگەندە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
      1.بۇ ئىشنى قىلىشتا نىيىتىنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىشى، ئۆزىنى ۋە ئايالىنى ھارامدىن ساقلاشنى، ئسلام ئۇممىتىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى  نىيەت قىلىشى، گەرچە ئۇنىڭدىن دەرھال دۇنيالىق خۇشاللىق  ۋە  قانائەت تاپسىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىنىڭ ئاللاھ  ئەجىر بىرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىشى كىرەك، ئەبۇ زەر ‹ئاللاھ  ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ‹‹سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشى سەدىقە ھېسابلىنىدۇ›› دېگەن ئەتراپتىكى ساھابىلەر:  ئى! ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىز ئۆزىمىزنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرساقمۇ يەنە ئۇنىڭغا ئەجىر بولامدۇ؟- دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:  ‹‹قارىمامسىلەر ئۇنى ھارام جايغا  قىلغان بولسا گۇناھ بولامتى، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنى ھالال جايغا قىلسا ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ›› (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رۋايەت قىلغان) . مانا بۇ ئاللاھنىڭ موبارەك ئىسلام ئۇممىتىگە قىلغان كاتتا رەھمىتى بولۇپ، بىزنى موشۇ ئۇممەتنىڭ ئەزاسى قىلغان ئاللاھغا  تۇگىمەس ھەمدۇ- سانالار بولسۇن.
      2.جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ ئالدىدا  ئۆز-ئارا ئوينۇشۇش، بىر بىرىنى ئەركىلىتىش،  سۆيۈشۈش، قۇچاقلىشىش ھەركەتلىرىنى قىلىشى كىرەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنى قۇچاقلايتتى ۋە سۆيەتتى.
      3.ئايالى بىلەن رەسمى ئىشقا تۇتۇش قىلىشماقچى بولغان ۋاقىتتا  ‹ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئى ئاللاھ  بىزدىن شەيتاننى يىراق قىلغىن  ۋە بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىدىن (يەنى بالىدىن) شەيتاننى يىراق قىلغىن›› دېيىشى كىرەك،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :‹‹ئەگەر ئاللاھ  ئۇلارغا بالا ئاتا قىلىپ قالسا شەيتان بۇ بالىغا مەڭگۇ زىيان يەتكۇزەلمەيدۇ› ›دېگەن. (بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.)
      4.ئايالنىڭ بالا چىقىدىغان ئالدى تەرىپىگە كىلىش شەرتى بىلەن ئۇنىڭغا ئالدى تەرەپتىن بولسۇن، ياكى ئارقا تەرەپتىن بولسۇن قايسى تەرەپتىن يىقىنچىىلق قىلسا بولىدۇ، ئاللاھ  قۇرئان كەرىمدە بۇ توغۇردا مۇنداق دىگەن: ‹‹ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىتىزلىقىڭلاردۇر، ئىتىزلىقىڭلارغا خالىغان شەكىلدە كىلىڭلار› ›. جابىردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە يەھۇدىلار:  ‹بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ ئالدى جىنسى ئەزاسىغا ئارقا تەرەپتىن كەلسە تۇغۇلغان بالىسى ئالىغاي بولۇپ قالىدۇ› دېگەندە ئاللاھنىڭ  ‹‹ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىتىزلىقىڭلاردۇر، ئىتىزلىقىڭلارغا خالىغان شەكىلدە كىلىڭلار›› دېگەن ئايىتى چۇشكەن، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى چۇشەندۇرۇپ:  ‹‹ئالدى جىنسى ئەزاسىغىلا بولسا ئالدى، ئارقا تەرەپلەردىن كەلسە بولىۋېرىدۇ›› دېگەن.(بۇ ھەدىسنىمۇ بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
      5.ھەرقانداق ئەھۋالدا ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىگە يەنى چوڭ تەرەت يولىغا كىلىش توغرا بولمىغان، ھارام قىلىق، ئۇلۇغ ئاللاھ  ‹‹ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىتىزلىقىڭلاردۇر، ئىتىزلىقىڭلارغا خالىغان شەكىلدە كىلىڭلار››  بۇ يەردىكى ئىتىزلىقتىن مەقسەت بالا چىقىدىغان ئالدى جىنسى ئەزا ئىكەنلىكى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇم. بۇ توغۇردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ‹‹ئاياللارنىڭ كەينى تەرىپىگە (ىغا) كىلىدىغان ئادەملەر لەنەتكە گىرىپتار بولىدۇ››. (بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئەدى رىۋايەت قىلغان،) بۇنىڭ سەۋەبى چۈنكى بۇ قىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە زىت، پەقەت ئەڭ پەس تەبىئەتلىك ئادەملەرلا ئۇنىڭغا بېرىلىشى مومكىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئىشتىن ئايال ئۆزى ئىرىشىشكە تىگىشلىك بولغان خۇشاللىققا ئىرىشەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەينەت، نىجاسەتنىڭ جايى، يۇقاردىكىلەر  ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلار بۇ ئىشنىڭ قەتئى ********ىنى كۈچەيتىدۇ . 
      6.ئايال بىلەن بىر قىتىم جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىن كېيىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق كېيىن يەنە بىر قىتىم مۇناسىۋەت قىلماقچى بولسا تاھارەت ئىلىۋېتىشى لازىم، بۇ توغۇردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ‹‹سىلەردىن بىر كىشى ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت قىلسا  ئاندىن ئۇنى يەنە قايتا قىلماقچى بولسا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا كىچىك تاھارەت ئىلىۋەتسۇن، بۇنداق قىلىش ئىككىنچى قېتىملىق مۇناسىۋەتكە كۈچ پەيدا قىلىدۇ›› (بۇ ھەدىسنى مۇنلىم رىۋايەت قىلغان) . لىكىن بۇ چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان ۋاجىپ ئىش بولماستىن بەلكى قىلسا ياخشى، قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان مۇستەھەب ئىشلار قاتارىدىن ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر تېخى ئىككى قېتىمىلق مۇناسىۋەت ئارىسىدا چوڭ تاھارەت ئالالىسا  (يەنى پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىدىغان غۇسلى قىلالىسا)  بۇ تېخىمۇ ياخشى ئىش بولىدۇ، چۈنكى ئەبۇ  رافىئي رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۇندىلا ئۆزىنىڭ ھەممە ئاياللىرىنى ئارىلىماقچى بولسا ( ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ ئايرىم-ئايرىم مۇناسىۋەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ) ھەر قېتىمدا شۇ ئۆيدە بىرقېتىمدىن غۇسلى قىلاتتى ، مەن: - ئى! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سىز نىمە ئۈچۈن بىر غۇسلى بىلەنلا ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلمايسىز دەپ ؟سورىسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: -بۇ ئەڭ پاكىز ۋە ئەڭ ياخشى. (ئەبۇ داۋىت ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
      7  .ئەر ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسى ئۆز-ئارا  ئۇچراشقاندا ياكى ئۇ ئىككىسى ئۇچراشمىسىمۇ ئەر ئايالنىڭ بىرەرسىدىن مەنى چىققاندا،  ئۇ ئىككىلىسى ياكى شۇ مەنى چىققان بىرسى چوقۇم يۇيۇنىشى لازىم.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  ‹‹ئەرنىڭ جىنسى ئەزاسى ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىغا تەگسە يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ››دېگەن.  بۇ توغۇرلۇق  ئەھۋالدا  گەرچە مەنى ماڭمىسىمۇ يەنىلا  يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ يەردىكى جىنسى ئەزانىڭ بىر بىرىگە تېگىشىدصن  مەقسەت ئەر ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ نوقۇل ھالدا بىر بىرىگە سۈركىشىپ قىلىشىنى ئەمەس، بەلكى ئەرنىڭ زەكىرىنىڭ ئۇچىنىڭ ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىغا كىرېشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئىككى جىنسى ئازا ئۇچراشمىسىمۇ لىكىن مەنى چىقىپ قالسا،  ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:  ‹‹سۇ سۇدىن بولىدۇ››دېگەن  ھەدىسىگە ئاساسەن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەر ئايالنىڭ بىرى بىرىنى كۆرۇپ تۇرىدىغان بىر ئورۇندا يۇيۈنىشى رۇخسەت قىلىنغان توغرا ئىش، چۈنكى ئائىشە : ‹ئاللاھ  ئۇنىڭدىن رازى بولغاي>  دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ:  ‹‹مەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر قاچىدا بىرگە يۇيۈناتتۇق، بىزنىڭ قوللىرىمىز ئۇنىڭدا  ئۆز-ئارا ئۆتۇشۇپ تۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن چاققان كېلەتتى،  ھەتتاكى مەن ماڭىمۇ قوي، ماڭىمۇ قوي دەپ- كىتەتتىم، ئىككىلەيلەن جۇنۇب ئىدۇق›› (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). 
      8.يۇيۈنۈش ۋاجىپ بولغان ئادەمنىڭ يۇيۈنماي ئۇخلىشى  ۋە يۇيۈنۈشنى  ناماز  ۋاقتىدىن سەل بۇرۇنغىچە كىچىكتۇرىشى خاتا ئىش ئەمەس، لىكىن ئۇنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى  كۈچلۈك مۇستەھەب ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۆمەر ‹ئاللاھ  ئۇنىڭدىن رازى بولغاي› پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن جۇنۇب ھالەتتە ئۇخلىساق بولامدۇ؟دەپ  سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹‹بولىدۇ،خالىساڭ تاھارەت ئىلىۋەت›› دەپ جاۋاب بەرگەن.  9.ئايالى ھەيىزدار بولۇپ قالغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يىقىنلىشىش  قەتئى ھارام، ئاللا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ : (ئى مۇھەممەد)ئۇلار سەندىن ھەيىز توغۇرلۇق(يەنى ھەيىزدار ئايال بىلەن جىنى مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇشنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى توغۇرلۇق) سورايدۇ، ئىيتقىنكى:  ‹‹ھەيىز زىيانلىقتۇر (يەنى ھەيىز مەزگىلىدە جىنسى ئالاقە قىلىش ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسىگە زىيانلىقتۇر) ،ھەيىز مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نىرى تۇرۇڭلار ،(ھەيىزدىن) پاك بولغۇچە ئۇلارغا يىقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا، ئۇلارغا ئاللا بۇيرىغان جايدىن يىقىنچىلىق قىلىڭلار›› ،ئاللا ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوسىت تۇتىدۇ، (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوسىت تۇتىدۇ.(سۇرە بەقەر 222-ئايەت،) .
ئايالى ھەيىزدار  ۋاقتىدا جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ، لىكىن ئۇنى قۇچاقلاش، سۆيۈش ۋە  باشقا يىقىنچىلىق ھەركەتلىرىنى قىلسا بولىدۇ، چۈنكى ئائىشە ‹ئاللاھ  ئۇنىڭدىن رازى بولغاي› مۇنداق دەپ ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ:  ‹‹بىزنىڭ بىەرسىمىز (پۇتۇن مۇسۇلمان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ)  ھەيىزدار بولۇپ قالساق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىشتىىنىنى چىڭ ئىتىشكە بۇيرىيتتى ۋە ئۇنى ئىرى قۇچاقلىسا بولاتتى›› (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) . ئەر جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا بۇ ئىش ئارقىلىق بالا بولۇپ قىلىشىنى خالىمىسا  ئۇنىڭ مەنىنى ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ سىرتىغا تۆكۇۋېتىشى ياكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى (گاندۇن)ئىشلىتىشى يوللۇق، بۇ ئەلۋەتتە ئايال قوشۇلغان ئەھۋالدا بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭمۇ ھوزۇرلىنىش  ۋە بالا كۆرۈش ھەققى بار، بۇنىڭ دەلىلى جابر ‹ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›نىڭ مۇنۇ ھەدىسى بولۇپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ:  ‹‹بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مەنىنى سىرتقا تۆكەتتۇق ، بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندە بىزنى ئۇنىڭدىن توسمىدى.›› (بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان). 
      10 .ئەر ئايال ھەر ئىككەيلەننىڭ جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا  ئۇلار ئارىسىدا يۇز بەرگەن جىنسى مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار مەخپى ئىشلارنى ئاشكارلاپ تارقىتىشى ھارام، بەلىكى ئەڭ يامان ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇتوغۇردا مۇنداق دەيدۇ: ‹‹قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغان كىشى، ئەر ئايال بىر يەردە بولغان ۋە ئۇنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىدۇر،›› (بۇھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)  مانا بۇلار جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ ئومومى ئەدەبلىرى بولۇپ، بىزنى موشۇنداق يۈكسەك ئەدەبكە تولغان توغرا  دىنغا  يىتەكلىگەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانا بولسۇن! بىزنى دۇنيا  ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا باشلاپ قويغان ئاللاھقا تۈگىمەس مەدھىيەلەر بولسۇن! ئاللاھ  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا  رەھمەت  ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن! ئاللاھ  ھەممىنى بىلگۇچىدۇر.
 
مەنبە:شىنجاڭ ئىسلام مۇنبىرى
 
[ يوللىغانuyghurhanتەرىپىدىن2008-04-13 11:26قايتا تە ]

 

___ باشقۇرغۇچى : Hursan. تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-11

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+5(alturuk) ئالقىشلانغا ..
  • بېلەت تاشلاڭ
    ئاللا رەخمەت قىلسۇن
    | ۋاقتى : 2008-04-11 11:21 [باش يازما]
    yulgun718

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 23997
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە36دانە
    شۆھرەت: 37 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-19
    ئاخىرقى :2008-04-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئاللا رەخمەت قىلسۇن ! رەھمەت بىلىۋالدىم ! مىنڭچە بۇلارنىڭ ھەممىىسى مۇسۇلمانلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار.
    بېلەت تاشلاڭ
    تۇنجۇققان ئويلار.....
    | ۋاقتى : 2008-04-11 12:37 1 -قەۋەت
    shahyar

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 27594
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە30دانە
    شۆھرەت: 31 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-13
    ئاخىرقى :2008-04-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرنى يېزىپسىز.بولسا موشۇنداق  پايدىلىق بىلىملەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز.
    | ۋاقتى : 2008-04-11 12:47 2 -قەۋەت
    خۇشيار

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37946
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-11
    ئاخىرقى :2008-04-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ياخشى تېما ئىكەن،مەن مۇسۇلمان دىگەنلەر كۆرۈپ بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن.رەھمەت.
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-11 12:54 3 -قەۋەت
    jazire

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 36884
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 106
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە106دانە
    شۆھرەت: 107 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1060 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :49(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-29
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    Hemmisi bekmu ilmi bolghan, choqum bilip qelishqa tegishlik edep-qaidilar ikan. Her bir adem mushu qaidilarge choqum emel qilip berse(emel qilish bekmu asanken), bizge heliqidek merez keseller yeqin kelalmigen, ozimiz saghlam, ewlatlirimiz supetlik tughulghan bolar idi!!! Sizge rexmet,sawapliq temikan.
    | ۋاقتى : 2008-04-11 12:58 4 -قەۋەت
    BAGZADA

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 34835
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 210
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە210دانە
    شۆھرەت: 211 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1970 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-07
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن  بىلۋالدىم  رەخمەت................
    بېلەت تاشلاڭ
    ياشلىق........
    | ۋاقتى : 2008-04-11 13:19 5 -قەۋەت
    muzappar24

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 35484
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
    شۆھرەت: 14 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-14
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئاللا رەخمەت كىلسۇن !رەخمەت بۇلىۋالدىم
    | ۋاقتى : 2008-04-11 13:36 6 -قەۋەت
    atuxboy526

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15983
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 423
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە423دانە
    شۆھرەت: 424 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :79(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-20
    ئاخىرقى :2008-04-14

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بىلۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىلىملەرنى يوللاپ سىز رەخمەت سىز گە
    | ۋاقتى : 2008-04-11 13:47 7 -قەۋەت
    @REXTA@

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14301
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 620
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە620دانە
    شۆھرەت: 644 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1820 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :95(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-04-10
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    رەھمەت سىزگە...........بىلىۋالدىم............
    | ۋاقتى : 2008-04-11 13:52 8 -قەۋەت
    BOSS010

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34946
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 342
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە342دانە
    شۆھرەت: 343 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3420 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :117(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-08
    ئاخىرقى :2008-04-14

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلار بۇ ،رەھمەت جاپا تارتىپسىز ،قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي
    بېلەت تاشلاڭ
    ئۇلۇغ اللا ئۆزۈڭگە سېغىنىمەن!!!شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىدىن پاناھ تىلەيمەن.
    | ۋاقتى : 2008-04-11 14:12 9 -قەۋەت
    uqkun500

    دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 37527
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 154
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە154دانە
    شۆھرەت: 155 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1540 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :65(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-06
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئاللا رەخمەت قىلسۇن ! رەھمەت بىلىۋالدىم ! مىنڭچە بۇلارنىڭ ھەممىىسى مۇسۇلمانلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار      
    | ۋاقتى : 2008-04-11 14:13 10 -قەۋەت
    manxu@1

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27209
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 402
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە402دانە
    شۆھرەت: 403 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4020 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :142(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-08
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئاللاھ  رەخمەت  قىلسۇن  ،
    بۇ  بەك  ئوبدان  ساۋاتكەن  .
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-11 14:18 11 -قەۋەت
    amanturk

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37962
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-11
    ئاخىرقى :2008-04-12

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئاللا رەخمەت قىلسۇن ! رەھمەت بىلىۋالدىم ! مىنڭچە بۇلارنىڭ ھەممىىسى مۇسۇلمانلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار.رەھمەت
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-11 14:51 12 -قەۋەت
    turson.asia

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33851
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 130
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە130دانە
    شۆھرەت: 131 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1200 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :27(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-02-25
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مىنڭچە بۇلارنىڭ ھەممىىسى مۇسۇلمانلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار......رەخمەت سىزگە
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-11 14:51 13 -قەۋەت
    osal~xum

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 36307
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 145
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە145دانە
    شۆھرەت: 146 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1449 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :22(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-22
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرنى يېزىپسىز!
    | ۋاقتى : 2008-04-11 14:56 14 -قەۋەت
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )


     
    شەبنەم كىنو قانىلى
    Time now is:04-14 03:07, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation