سىز بۇ تېمىنىڭ 4333ـ ئوقۇرمىنى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ بەتتىكى تېما: قەتلى قىلىنىپ بولۇپ كۆيدۈرۋېتىلگەن جەڭگىۋار ھايات IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 4739
ئۇنۋان:19 دەرىجە ھازىرغىچە4739دانە
شۆھرەت: 5064 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30850 سوم
تۆھپە: 528 نۇمۇر
ياخشى باھا: 454 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :872(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-11-17
ئاخىرقى :2008-04-13

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 قەتلى قىلىنىپ بولۇپ كۆيدۈرۋېتىلگەن جەڭگىۋار ھايات

بۇ تىمىنى kuraxjan يۇرۇتتى(2008-04-13)

 

قەتلى قىلىنىپ بولۇپ كۆيدۈرۋېتىلگەن جەڭگىۋار ھايات

                               
كىتاب بويىچە كۆچۈرۈپ تورغا تەييارلىغۇچى:ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات


چىكىپ ئاچقىنىكەنسىز ئەستايدىل ،تولۇق ئوقۇشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.





                     1937-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەندە،مەمتىلى ئەپەندى ئادىتى بويىچە سومكىسىنى ئېلىپ ئۇيۇشمىغا بارىدۇ.بۇ چاغدا،قەشقەر شەھىرىدىن كېچىلەپ يولغا چىقىپ،تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئاتۇشقا يىتىپ كەلگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇبۇلقاسىم ئادەملىرى بىلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى.مەمتىلى ئەپەندى ئۇيۇشمىغا كىرىشى بىلەنلا،ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنى قولغا ئالىدۇ.بۇ مۇدھىش خەۋەرنى ئاڭلىغان مىڭلىغان ئامما ۋە ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار يۈگۈرۈشۈپ يولغا چىقىدۇ.ئۇلار ساقچىلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان مەمتىلى ئەپەندىنى بىر سوك-سوك يالىڭاچ ئاتقا مىندۈرگىنىچە ئارىغا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.بۇنى كۆرگەن ئەر ئاياللار ئۈنسىز ئۇھ تارتىشىدۇ.ئوقۇغۇچىلار«ئەپەندىم!»دەپ ۋاقىراپ،ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كېتىدۇ.يالىڭاچ ئات ئۈستىدە مەھبۇس سۈپىتىدە ئولتۇرغان مەمتىلى ئەپەندى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپ خوشلىشىدۇ.ساقچىلار مەمتىلى ئەپەندىنى ئوتتۇرغا ئالغان پېتى توختىماي مېڭىپ،قۇمالتاغ تەرەپكە كېتىپ قالىدۇ...
                   مەمتىلى ئەپەندى ئۇدۇل قەشقەر ساقچى ئىدارىسىگە يالاپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن،ساقچى باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىلگەن.قادىر ھاجى مەمتىلى ئەپەندىنى كۆرۈپ،كۆرەڭلىك بىلەن  قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن...
                   مەمتىلى ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە قىسقا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن،ياۋاغ تۈرمىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ 14-كامېرغا تەنھا سولاپ قويۇلغان...مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى يالغۇز سولانغان كامېرنىڭ جەنۇبى تېمىغا ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئاستىغا:«مەن1937-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سەيشەنبە بۇ يەرگە كىردىم،مېنى ناھەق قولغا ئېلىشتى»دەپ يېزىپ قويغان.
                   1937-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە،قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىگە قاماقلىق 300دىن ئارتۇق سىياسى مەھبۇس تۈرمە ھويلىسىغا يالاپ ئېلىپ چىقىلىپ،تۇتاش ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن،بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن.قەشقەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ باشقۇرىشىدىكى بۇ تۈرمىنى شۇ چاغدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قەشقەرگە كىرگۈزگەن قىرغىز ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ تۈەنجاڭى مەۋلانوپ ئۈچيۈزدەك ئەسكىرى بىلەن ساقلايتتى.
                    1937-يىلى 12- ئايدا،شېڭ شىسەي ئومۇمەن ئىلگىرى تۆمۈر،ئوسمان،سابىت داموللام،ماخوسەن ۋە مەھمۇت مۇھىتىغا ئەگىشىپ پاراكەندىچىلىك سالغانلار بىردەك قولغا ئېلىنىپ تازلىنىدۇ،دەپ جاكارلىغان.قەشقەردە 5000كىشى قولغا ئېلىنغان.ئۇلار بىردەك«خائىن»دەپ جاكارلانغان ھەمدە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.12-ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەر رايۇنىدا«خائىنلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاش ھەيئىتى»قۇرۇلغان.شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە سىتالىندىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن،مۇشۇ باھانىدا،شىنجاڭ مىقياسىدا نۇرغۇن چوڭ بايلارنى قولغا ئېلىپ،ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان.يەنە بىر جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئەمەلدارلارنى ۋە زىيالىلارنى قىرىپ تۈگەتكەن.
                ئەينى يىللىرى يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە يەكەننىڭ ھاكىمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە،(ياۋاغ تۈرمىسىنى ساقلىغۇچى)مەۋلانۇپ،تېرىسىگە سىغماي ھۆكۈرەپ يۈرگەن زامانلىرىدا،ئىنتايىن قەبىھ ئىشلارنى سادىر قىلغان ئىكەن.ئۇ بىر قېتىم،قۇربان ھېيتىدا قاتتىق مەس بولۇپ قېلىپ،دادقىباي دىگەن ئاغىينىسى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتە بەسلىشىپ باقماقچى بولۇپ،باشقىلارغا بۇيرۇپ تۈرمىدىن 40 نەپەر مەھبۇسنى ئېلىپ چىقىپ،ئۇلارنى ئوڭ-سول قىلىپ قاتار ياتقۇزۇپ،يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ،باشقىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«مەن پىچاقنى بىر قېتىمدىن سۈرۈش بىلەن،بۇ ئوڭ تەرەپتىكىلەرنىڭ جېنىنى تېزلىك بىلەن ئالالايمەن،سول تەرەپتە ياتقۇزۇلغانلارنى دادقىباي بوغۇزلىسۇن»دەپ،جاللاتلىق ماھارىتىنى كۆرسەتكەنىكەن...شۇ زامانلاردىكى  قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ھازىر بار بولغان شاھىدلىرى مەۋلانوپنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى غەزەپ بىلەن ھېكايە قىلىشىدۇ.بۇنداق ھىكايىلەرنى تارىخچى ئابلىمىت رۇزى ماڭا كۆپ قېتىم قايناپ تۇرۇپ بايان قىلىپ بەردى.
              ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئولۇغ مائارىپچىسى،تالانتلىق تەشكىلاتچىسى،ئوت يۈرەك كومپوزىتورى ۋە شائىرى،نامى مەڭگۈ ئۆلمەس ئوغلى مەمتىلى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا قان-قەرزگە پاتقان،خەلقنى زار-زار قاقشاتقان ئاشۇ مەۋلانوپ دېگەن جاللاتنىڭ قولىدا،1937-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تاڭ سەھەردە ئېتىپ تاشلىنىپ،ئارقىدىنلا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.
            مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن،14-كامېرنىڭ تاملىرىغا بىر نەچچە پارچە شېئىر يېزىپ قويغان:
نەچچە يىل كەزگەن ئىدىم بۇ دىيارى غۇربەتنى،
كۆرمىگەنىدىم مۇنداق ئازابۇ-ئوقۇبەتنى.
ئاقىۋەت ۋەتەنگە كېلىپ،قىلىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت،
مۇكاپات ئورنىدا ئالدىم بۇ ئازارى كۈلپەتنى.

تاقىتىم تاق بولدى مۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن،
قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن.
گۇناھى نە ئىكەن بۇندا قامالغان نەۋقىرانلارنىڭ؟
ھەققە ئويغۇنى يوقتۇر تېڭىلغان شۇ گۇمانلارنىڭ.

روھىم ئەجەپ قىسىلدى يالغۇزلۇقتا،تۇتقۇندا،
سائەتلىرىم ئۆتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە.
يېشىم ئوتتۇز ئالتە ياش،تاشتىن بەتتەر قاتتى باش،
ئادا بولار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ –ھەسرەتتە.
مەمتىلى ئەپەندى قايناپ تۇرغان غەزەپلىك ھېسسىياتى بىلەن،كامېر تاملىرىغا شېئىرلارنى يېزىپ توشقۇزىۋەتكەن:
بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى،يۇرتنى بۇلغىدى قاغا،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا.

بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت،
ئادالەتكە ئىنتىلسەم قولغا ئالدى سىياسەت.

خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم-پەن،تەرەققىيات ئىزدىدىم،
نىيىتىم ساپ،دىلىم ئاق،ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت!

قادىر ھاجى كىرىپ كەلدى،يېنىدا گۇندىپاي ئالتە،
ھەقىقەت نە؟ئادالەت نە؟بىلمەيدۇ ئەقلى بەك كالتە.

كىشەن قىستى سېنى تەۋپىق قىلما زەررىچە پەرياد،
پىدا قىل قاننى سەن ئەمدى،بېشىڭغا كەلدى بۇ ئەرسات.

ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسىيان ئېتەر،
كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر.

خۇدايىم بىلۇر بالىلىرىم قالدى دادۇ-پەريادتا،
دېرىكىمنى ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەر ياقتا.

ئەل خائىنى ،مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق،
ھۆكۈمەتكە ئۈستۈمدىن خەۋەر بېرىپسەن ساختا.
« ئەل خائىنى ،مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق»دىگەن مىسرادىكى مەمتىمىن 1930—1940-يىللىرى قەشقەر تەۋەسىدە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھاكىميىتى ئۈچۈن ئىشپىيۇنلۇق قىلىپ،ئىككى قولىنى نۇرغۇن خەلقپەرۋەر ئوغلانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويىۋالغان مۇناپىق مەمتىمىن ئاق كىرپىك دىگەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

               1937 - ﻳﯩﻞ 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 - ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﯞﺍﻍ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻳﯜﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﯘﺩﮬﯩﺶ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﯨﮕﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ .ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ(تەۋپىق) ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺭﯨﺸﺎﺕ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ .مەمتىلى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺭﯨﺸﺎﺗﻨﻰ ..،ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﻩ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻙ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮬﯧﻴﯩﺘﻜﺎھﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﻛﯧﭽﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺧﻪﯞﻩرلەﺭﻧﻰ بىلمەكچىﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ بىلگىنى «ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﻳﺎﯞﺍﻍ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺕ قويىۋىتىپ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﻡ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺭﯨﺸﺎﺕ ھىچنىمىگە ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﻣﻮﻟﻼ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ (ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ) ﻧﯩﯔ ﺧﻪﯞﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﯞﺍﻍ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻛﯚﻳﯜﭖ ﭼﯜﭼﯜﻟﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﮬﻮﻳﻠﯩﺪﺍ ،ﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ،ﻛﺎﻣﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﺳﯘﻏﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﯙﯞﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺭﯨﺸﺎﺕ ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﻪﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﻣﯧﺮﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ .ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯚﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ،ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﺋﺎبدۇغۇﭘﯘﺭ ﻗﯘﻧﺎﺟﻰ ،ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﭼﻮﯕﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻧﯩﻴﺎﺯ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ھۇجۇمﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﭖ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭖ قاقﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﭻ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ .ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﻧﯘﻏﯘﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﯨﺸﺎﺕ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻳﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﺍﺷﻨﺎﯞﺍﻱ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﻮﯞﺍﻟﻐﺎﻥ .ﺋﯘ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ: «ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻏﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ» ﺩﯦﮕﻪﻥ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻡ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﭖ ،ﮬﻪﻡ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﯚﻳﻨﻪﻙ ،ﭼﺎﭘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ،ﺑﻪﺷﻜﯧﺮﻩﻣﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﻧﯘﺷﯩﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﯕﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻥ .ﺭﯨﺸﺎﺗﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ .ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺟﻪﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﻏﺎﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻪﺷﻜﯧﺮﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺖ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﭖ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ .ﻧﯩﺰاﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﭼﻮﯓ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﯘﭘﯘﺭ ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﺋﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﯘﻗﯘﻟﺪﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ .
                1934 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1937 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ،ﻧﻪﻱ - ﺑﺎﺭﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﭗ ،ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﺎﺭﺵ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻏﯘ - ﺗﺎﺷﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ تار ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪﭘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ - ﺋﻮﻧﻤﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺐ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ،ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﭼﯜﭼﯜﻻ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎﻏﺎﺭﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . . . . .

ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﭘﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﻪﺭﻛﻪ
ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯗ !
ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﭘﺎﺗﺴﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯗ ،
ﺗﯘﯞﺍﻗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯗ ؟

ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ ﺑﯧﺴﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻳﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ،ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺯﻭﺭﯨﺨﺎﻧﻐﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ .
                 ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮ ،ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﻪﮒ (1936 ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﺑﻪﮒ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎس ﭼﻮﯓ) ،ﻗﯘﯞﺍﻥ ﺷﻪﻳﺦ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﯘﭘﯘﺭ ﻗﯘﻧﺎﺟﻰ (ﺗﯧﺠﻪﻧﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﺎﻱ ﻗﯘﯞﺍﻥ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ) ،ﺭﯨﺸﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯩﻤﻜﺎﺭ - ﺗﺎﺷﻤﻪﻣﻪﺕ ،ﺋﯩﮕﻪﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻣﻪﺭﮬﯘﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻥ .ﺋﯧﺘﯩﮭﺎﺕ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﮕﯩﺰﺭﻩﻙ ﺗﻮﭘﺎ ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﺷﻜﯩﻤﯘ ﺟﯘﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .
                ﻣﻪﺭﮬﯘﻣﻨﻰ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ .ﺳﻪﻛﻜﯩﺰةﻳﻠﻪﻥ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻧﻰ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ،ﺗﯘﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﻪﺳﻪﻣﻴﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ .
               ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﻪ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ - ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ؟ ﺳﻪﻣﻪﺭ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺳﻪﻣﻪﺭ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﺌﯧﺮﯨﻘﺘﯩﻜﻰ «ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻛﯘﺭﺳﻰ» ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ،.. «ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﻳﺎﯞﺍﻍ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺕ قويىۋىتىپ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﻡ ﺧﻪﯞﻩﺭنى ئاڭلىغان ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺳﻪﻣﻪﺭ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﻪﻣﻪﺕ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ،ﺗﯜﺭﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﺎ - ﺯﺍﺭﻯ ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ .ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺳﻪﻣﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪﻳﻠﻪﻥ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻣﯧﺮﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،تاﻣﺪﺍ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﻟﻤﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯘﭼﯘﺭﻛﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ،ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ جەزىم ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﻗﯩﺮﯨﻖ كۇپلىت ئةتراپصدا بولۇپ، ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺳﻪﻣﻪﺭ ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.
              1937 - ﻳﯩﻞ 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 - ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﻣﯘﺩﮬﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺑﯩﺮ - ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﭘﯘﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ئاتۇشتا ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﭽﯩﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﻣﯩﺮﺋﻪﮬﻤﻪﺕ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺭﻭﺧﺴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺗﯧﺠﻪﻧﻠﯩﻚ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﺸﻪﻛﻜﻪ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯧﺸﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﺷﯜﻙ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﻳﺎﯞﺍﻍ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺟﯩﻤﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ بوران ﺋﯘﭼﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﻜﻪﻥ .ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﺎﻣﯧﺮﻻﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻣﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯚﺕ تاﻣﻐﺎ ﺋﺎﻻ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﻛﺎﻣﯧﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﺎﻣﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ .ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻣﯧﺮﺩﯨﻤﯘ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯘﭘﻠﯧﺖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﯨﻘﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ .
             ﻣﯩﺮﺋﻪﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﻴﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳۇلاﻳﻤﺎﻥ ﺗﯜﺭﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ - ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ:«ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ،ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﺎﻣﯧﺮﻏﺎ ﺳﻮﻟﯩﻐﺎﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯩﺴﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻣﯧﺮﻏﺎ ﺳﻮﻟﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﻮﻻ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺑﻪﻙ ﻗﯩﻴﻨﯩﺪﻯ . ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﯞﻻﻧﺒﯧﻚ (ﻣﻪﯞﻻﻧﻮﭘﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﺗﻮﻻ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺘﻰ .ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺘﯩﺸﯟﺍﺯﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻕ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ،ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ .ﺷﯘ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ،ﺗﺎﯓ ﻳﯘﺭﯗﻗﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ ،ﺩﻭﺯﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺧﯘﺩﺍ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ .ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻗﻮﻗﺎﻕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . . .» ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﻣﯩﺮﺋﻪﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﻴﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺋﯧﺸﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﻣﯩﺮﺋﻪﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﻴﯩﺖ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ،ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺩﻗﺎ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ .ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ :

ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯚﺕ ئوﺭﯗﺱ ،
ﺗﯚﺗﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭘﺎﭘﯩﺮﯗﺱ .
ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ،
ﻗﺎﺩﯨﺮ ھاﺟﻰ ﺟﺎ ئوﺭﯗﺱ .

               ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ - ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯘﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮ ،ﺋﻪﻣﻪﺕ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ،ﺗﺎﺷﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻟﯩﯟﺍﮬﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﻯ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﯘﭘﯘﺭ ﻗﯘﻧﺎﺟﻰ ،ﺋﯩﺰﭼﯩﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ،ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﺎﻣﯘﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻧﻨﻪﭼﭽﻪﻳﻠﻪﻥ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﭗ«ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ،ﺋﺎﺗﯘﺵ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﺴﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻠﻰ» ﺩﻩﭖ ،ﺋﺎﺑﺪﯗراﺧﻤﺎﻥ ﺷﺎئىرنى ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ .ﺑﯘ ﺋﺎﻱ - ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ،ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﭼﻘﺎ ،ﺧﺎﺋﯩﻦ - ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ،ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﯘﻥ - ﭼﯧﻘﯩﻤﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻮﺭﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﯘﭖﻛﯚﺭﻩﯕﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪندى ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪندﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ...
              ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ كەسكېنلەشكەنسىرى ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ئىز-ﺩﯦﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ .ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮ ،ﻟﯩﯟﺍﮬﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﻯ ،ﺋﻪﻣﻪﺕ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﯘﭘﯘﺭ ﻗﯘﻧﺎﺟﻰ ،ﺋﯩﺰﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯩﺰ - ﺩﯦﺮﯨﻜﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺧﻪﻟﻘﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯩﺰ - ﺩﯦﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘلى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .
              1937 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭼﻮﯕﺮﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ .ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ .ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ .ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﺎﺭﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺋﻮﻗﯘ - ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﭼﺎﻛﯩﻨﯩﻼﺷﻘﺎﻥ .
            مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان بىردىنبىر فوتو سۆرىتى قانداق ساقلىنىپ قالغان؟
مەمتىلى ئەپەندى  ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قەشقەر قوغانلىق باجىسى ئوبۇل ھەسەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئايالى مەلىكىزاتنى يېشىغا توشمىغان قىزى ئەدىبە بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ كەتكەن.شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقىغان چاغدىكى ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ  مىراس قالغان نەرسىلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،ھازىرقى سۆرەت شۇ كېنىشكىغا چاپلانغان ئىكەن.مەلىكىزات خېنىم بۇ قىممەتلىك  مىراسنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان.ئەپسۇسكى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىلەن كېلىپ چىققان جۇدالىق ھەسرىتىنىڭ دەردىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن مەلىكىزات خېنىم ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.قارا يىتىم بولۇپ قالغان يالغۇز قىزى ئەدىبەنى قەشقەر شەھىرىدىكى ھاممىسى خەلىچە خېنىم  بېقىپ چوڭ قىلغان.ئەدىبە بويىغا يەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشلۇق بولۇپ، تۆت پەرزەنتكە ئانا بولغان.1960—1970-يىللىرى «خائىننىڭ پۇشتى»دەپ چەتكە قېقىلىپ،ئەدىبە خېنىمنىڭ كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان.شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن.ئۇ ھازىر غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرق مەھەللىسىدە ئولتۇرىدۇ.مەلىكىزات خېنىمدىن مىراس قالغان سۈرەتنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ  باجىسى ئوبۇل ھەسەن ساقلاپ،1960-يىللىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.ئۇلار بۇ سۈرەتنى قايتا فوتوغا ئالغۇزۇپ،كۆپەيتىپ  يۇيغۇزۇپ،ئۇرۇق تۇققانلىرىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدۇ.شۇ سۈرەتتىن بىر پارچىسى 1982-يىلى قۇربان باراتنىڭ شەخسى ئادېرسىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.قۇربان بارات بۇ سۈرەتنى «بۇلاق»ژورنىلىنىڭ 11-سانىدا ئېلان قىلىپ،جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.شۇندىن بۇيان بۇ سۈرەت كۆپلىگەن كىتاپ-ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.
             مەمتىلى ئەپەندى ناملىق بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرلىرىدىن بىرى بولغان مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى 1923-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.1935-يىلى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «ئىزچى ئەتىرىتى»گە قوبۇل قىلىنغان ھەم بارابانچى بولغان.1939-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ،ئۈچ يىل ئوقىغان.ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋە ئاتۇشتا سەنئەتچى،ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمى مۇدىر بولغان.1949-يىلدىن كىيىن،ئاتۇشتا مەدەنى-مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن.1959-يىلدىن1987-يىلغىچە،ئاتۇش ناھىيىلىك(شەھەرلىك)مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلىگەن.مىرئەھمەت سىيىت ئەپەندى 1981-يىلى  تۇنجى قېتىم «بۇلاق»مەجمۇئەسىنىڭ 3-سانىدا«شائىر تەۋپىق»ناملىق ماقالىسىنى ۋە «تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر»نى ئېلان قىلىپ مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇمات بەرگەن.1985-يىلى«ئاتۇش ئەدەبىياتى»دا«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 30-يىللاردىكى كومپوزىتورى مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.ئۇ يەنە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ناخشا- مارشلىرىدىن  40 نەچچىنى رەتلەپ كىتاپچە ھالىتىدە نەشىرگە تەييارلىغان ۋە ئادەتتىكى ئۈنئالغۇ تەمبۇر بىلەن ئوقۇپ،ئىككى پىلاستىنكا قىلىپ خاتىرە قالدۇرغان.مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى يەنە1987-يىلى«ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى ــ مەمتىلى ئەپەندى»ناملىق ئەسلىمىسىنى تاماملاپ نەشىرگە تاپشۇرغان. 1991-يىل10-ئاينىڭ 18-كۈنى 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى ـــ مەمتىلى ئەپەندى»ناملىق ئەسلىمىسى 1996-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسىدىكى كومپىوزىتور مىھمانجان روزىنىڭ قولىدا ساقلىنىپ تۇرغان.كېيىن 1997-يىلى 8-ئايدا«مىرئەھمەت سېيىت،يالقۇن روزى،ئابلىكىم زۇردۇن»لارنىڭ نامىدا رەسمى نەشىردىن چىققان.
پايدىلىنىلغان مەنبە: «ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ »ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+20(saadat) ئالقىشلانغا ..
  • تۆھپە:+20(layli0317) بەك ياخشى تې ..
  • تۆھپە:+20(matimatika)
  • شۆھرەت:+20(باغۋەن) ئىسىل
  • شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    مېنىڭ تېمىلىرىمنى  Ark-zat.Xabnam.com   دىن كۆرۈڭ.
    | ۋاقتى : 2008-04-10 23:45 [باش يازما]
    TIRIXQANBALA

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20475
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 655
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە655دانە
    شۆھرەت: 656 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6250 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :167(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-08-12
    ئاخىرقى :2008-04-12

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەمتېلى ئەپەندىمنىڭ تارىخىنى ، بۇرۇن بۇنچىلىك تۇلۇق كۈرۈپ باقماپتىكەنمەن ،مانا بۈگۈن كۈرۈشكە مۇيەسسەر بۇلۇپتىمەن ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر ،
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-11 00:02 1 -قەۋەت
    0999yurut
    ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى :تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31008
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1326
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1326دانە
    شۆھرەت: 1337 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 279 سوم
    تۆھپە: 45 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :490(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-28
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

      تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ئەجىرڭىزگە رەخمەت .
    | ۋاقتى : 2008-04-11 00:05 2 -قەۋەت
    tomurmux

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 15602
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 75
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە75دانە
    شۆھرەت: 76 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 750 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :66(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-11
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەۋلانوپ  دىگەن قانخۇر جاللات (قىرغىز)  90-يللارنىڭ بىشىدا  قىرغىزىستان  يىڭى مۇستەقەل بولغان  ۋاقىتتا  نامەلۇم كىشلەر تەرىپىدىن  كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئولتۇرۇلگەن ،ھىلىمۇ ياخشى ئوز ئەجىلى بىلەن ئولمىگەن  ،ئىمكانىيتىمىز ياربەرسە  ،ئوز ۋاختىدا  ئۇيغۇرلارنى ناھەق ئولتۇرگەن ،ئىككى قولىنى  خەلقىمىزنىڭ قىنى بىلەن بويىغان مەلئۇنلارنى  دار ئالدىغا سورەپ ئاپىرالىساق ، بىزمۇ خەلقىرالىق  ئوچۇق سوت ئاچالىساق ياخشى بولاتتى  ،چۇنكى  ئۇ مۇناپىقلارنىڭ بەزىلىرى ھىلىمۇ  ھايات  ،
      مىنىڭ ھازىر ئويلاۋاتقىنىم  -تەرىتىم بەك قىستاپ كەتتى  ، شىڭسىسەي قاتارلىق جوھۇتلارنىڭ  قەبرىگاھىغا  تەرەت قىلسام ،مۇشۇنى  بولسىمۇ قىلالىغان بولسام (قەبرىسىنى تاپالىسام چوقۇم قىلاتتىم )
    | ۋاقتى : 2008-04-11 00:09 3 -قەۋەت
    EBNUR1

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 14428
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 184
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە184دانە
    شۆھرەت: 185 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1840 سوم
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :169(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-04-13
    ئاخىرقى :2008-04-12

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن ئىلگىرى مۇشۇ مۇنبەرگە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىككى پارچە شېىرىنى يوللىغان ئىدىم، بۈگۈن ئۇنىڭ تۈمە ھاياتىنى ئوقۇپ ئختىيارسىز كۆزۈمگە ياش كەلدى، ئۇ قەتلى قىلىنغاندا تېخى قىران بىر ياش ئىدى .
    مەن ئۇنىڭ « مۇئەللىم_ بىز» ناملىق شېىرىنى بەك ياقتۇرىمەن، ھەم ياتقا ئالغانمەن ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!!!
    | ۋاقتى : 2008-04-11 00:18 4 -قەۋەت
    koknur217

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 23371
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 241
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە241دانە
    شۆھرەت: 242 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1889 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :126(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-07
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    :«مەن پىچاقنى بىر قېتىمدىن سۈرۈش بىلەن،بۇ ئوڭ تەرەپتىكىلەرنىڭ جېنىنى تېزلىك بىلەن ئالالايمەن،سول تەرەپتە ياتقۇزۇلغانلارنى دادقىباي بوغۇزلىسۇن»
    بۇ قىلىق بىزدىمۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىكەندە. ھەي .....................................................
    | ۋاقتى : 2008-04-11 00:23 5 -قەۋەت
    Hayriya

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 5246
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 112
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە112دانە
    شۆھرەت: 129 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 516 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :28(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-06-07
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    يا سەن تۇرىسەن،ياكى مەن ئۆلەي،
    بەرىبىر ئۆلۈم بىر،ئىشەنسەڭ ئەگەر.
    قىممەتلىك تەۋپىقچە مۇقەددەس بىر روھ،
    گەر ئەمەس ئەركەكچە ياشالمىغان  ئەر!

    ۋىجدانىڭىزدىن مەۋلۇت قىلغان ئەجرىڭىزەە رەھمەت ئەرك-زات ئەپەندى،كۆزلىرىمنى ياشلاپ،جىسمىمنى چوغلاپ،روھىمنى سوراقلاپ تۇرۇپ باشتىن-ئاياق ئوقۇپ چىقتىم...
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-11 00:55 6 -قەۋەت
    sultan313

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 34532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 114
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە114دانە
    شۆھرەت: 115 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :190(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-04
    ئاخىرقى :2008-04-14

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئىختىيارسىز  كۆزلىرىمدە ياش ئەگىدى !
    | ۋاقتى : 2008-04-11 01:29 7 -قەۋەت
    Nim-jan

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 34647
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 69
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە69دانە
    شۆھرەت: 70 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 690 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :86(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-05
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بىز ئۇيغۇرنىڭ باللىرى، كۆڭلىمىز يۇرۇق.
    بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق ھايات يولومىز ئۇلۇغ.
    كۆپ زامانلار سەرسان  بولدۇق زالىم قولىدا.
    دەريا_دەريا قانلار تۆكتۇق ئەرىك يولىدا.
    بىزگە گويا دوزاخ بولدى ئۇ ئانا ماكان.
    ئەسىر بولدۇق تۇتقۇن بولدۇق ھالىمىز يامان.
    كۆرەش بىلەن ئۆتتى ئەسىر ئۇمۇر شانىمىز ئۇلۇغ.
    بىزگە ئەمدى ياراشمايدۇ خارلىق ۋە قۇللۇق.

    ماڭا ئەڭ تەسىر قىلدىغان بىردىن-بىر شەخىس دەل تەۋپىق ئەپەندى؟؟
    ئاللاھ شەھىدلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى فىردەۋىسلەردىن قىلغايسەن؟ئۇلار ھاياتىدا بىجىرەلمىگەن ئارزۇ ئارمانلىرىنى كىيىنكى سالىھ ياخشىلارنىڭ بىجا كەلتۆرشى ئۆچۆن ئۆزۆڭ يار يۇلەك بولغايسەن؟.ئاجىز بەندىللىرىڭنى كۆچلۆك دۆشمەن بىلەن سىنىمىغايسەن؟ سەندىن باشقا ئاللاھىمىز رەببمىز يوق؟ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن؟
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-11 01:56 8 -قەۋەت
    核弹

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37823
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە36دانە
    شۆھرەت: 37 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-09
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەمتېلى ئەپەندىمنىڭ تارىخىنى ، بۇرۇن بۇنچىلىك تۇلۇق كۈرۈپ باقماپتىكەنمەن ،مانا بۈگۈن كۈرۈشكە مۇيەسسەر بۇلۇپتىمەن ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر ،
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-11 09:22 9 -قەۋەت
    qinmodan
    سايرام قىزى

    ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 7886
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1095
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1095دانە
    شۆھرەت: 1169 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10071 سوم
    تۆھپە: 98 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :1082(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-09-01
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ «ئىزچىلار بىز» ناملىق شېئىرى:

    بىز ئىزچىلارمىز، پۇت- قولىمىز،
    كۆز دىماغىمىز... ھەر يېرىمىز ساغلام.
    خەلق يولىدا ئالغا باسىمىز،
    دۈشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىستىھكام.
    ئۈگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار.
    دىن ۋە مىللەت غېمىدە قاينار ۋىجدانلار.
    ئۆسكەن يېرىمىز قانلىق ، شېغىل - تاش،
    يۇرتنىڭ غېمىدە پىدادۇر بۇ باش.
    ماڭغان يولىمىز نىجاتلىق يولى،
    قايتا بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش.
    ئۈگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار،
    يۇرت، مىللەت غېمىدە قاينار ۋىجدانلار.
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-11 10:19 10 -قەۋەت
    qinggizhan

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8027
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 471
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە471دانە
    شۆھرەت: 509 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3683 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :515(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-09-06
    ئاخىرقى :2008-04-12

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

      مەن<< باياۋاندىكى گۈلخان >> ناملىق ئۈچ قىسىملىق رومانىنى ئۇقۇپ بولغان شۇڭا  مەمتىلى ئەپەندى ھەم ئۇنىڭ ئۈچمەس، ئۇلۇغ ئىش پائالىيەتلىرى بىلەن تۇنۇش. ئۇ قالتىس جىگەرلىك ھەم تەرەققىپەرۋەر ئادەم.
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-11 10:28 11 -قەۋەت
    sona

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37191
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 84
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە84دانە
    شۆھرەت: 85 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 850 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :22(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-02
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

        رەخمەت  مۇشۇنداق تېمىلار بولسا داۋاملىق  يوللاپ تۇرۇڭ!
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-11 10:52 12 -قەۋەت
    matimatika

    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 11327
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1682
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1682دانە
    شۆھرەت: 8020 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10620 سوم
    تۆھپە: 250 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 125 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :826(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-01-20
    ئاخىرقى :2008-04-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىم ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز ، ئۇنىڭ جەڭگىۋار ھاياتى ۋە قەھرىمانە روھى بىزنىڭ مەڭگۈ ياد ئىتىشىمىزگە ئەرزىيدۇ .
    مۇشۇنداق نادىر تېمىلار ئارقىلىق ئۇنىڭ شانلىق تارىخىنى ۋە ئۇيغۇر تارىخىدىكى زۇلمەتلىك مىنۇتلارنى بىلمىگەنلەرگە بىلدۇرۇش - بۇمۇ بىر مەردانە ھەركەت .

    ئەرىكزات ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر !
    بېلەت تاشلاڭ
    دانالار بىساتىنى ئۆگىنىش بىزنى يۈكسەكلىككە كۆتۇرۇپ ، قۇدرەتلىك ۋە ئالىيجاناب ئىنسانغا ئايلاندۇرىدۇ.
    ./search.php?authorid-11327.html
    | ۋاقتى : 2008-04-11 11:24 13 -قەۋەت
    layli0317
    توغراق قىزى

    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش موللا تاپقاق
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23137
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 774
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە774دانە
    شۆھرەت: 945 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7760 سوم
    تۆھپە: 170 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 193 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :727(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-03
    ئاخىرقى :2008-04-14

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    «باياۋاندىكى گۈلخان» دىكى گۇلخان ناملىق كىتاپنى بىر ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ، شۇ كىتاپنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزەمنى شۇ دەۋىرلەردە ياشىغاندەك ھىس قىلىپ كەتكەنتىم، ھېلىمۇ كىتاپتا تىلغا ئېلىنغان شۇ جايلارغا بارسام قەلبىمدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خىل سىزىم پەيدا بولىدۇ. يوللانمىڭىزغا رەھمەت!!!
    | ۋاقتى : 2008-04-11 11:39 14 -قەۋەت
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )


     
    شەبنەم كىنو قانىلى
    Time now is:04-14 03:06, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation