| |||||||||
karwanoti دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | جۇڭگو: دالاي ئولىمپىككە بۇزغۇنلۇق قىلماقچى دەپ ئەيىپلىدىبۇ تىمىنى matimatika قۇلۇپلىدى(2008-04-10)
جۇڭگو ئەمەلدارى 7-مارت ھىندىستاندا تۇرۇۋاتقان شىزاڭنىڭ روھى داھىسى دالاي لاما بىيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا دەپ ئەيىپلىدى ھەمدە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ ھىمالايا رايۇنىنڭ موقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر قانداق تەشكىلاتقا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دالاي لاما يانۋاردا ئەنگىلىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا،تىبەتلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە جۇڭگوغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى شاڭ باپىڭسو:جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە شىزاڭنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىپ قويدى، دىدى. شىزاڭ ھەربى رايۇننىڭ ئەمەلدارى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ ئەگەر ھەرقانداق موقىمسىز ئامىل پەيدا بولسا،بىز مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ موقىملىققا كاپالەتلىك قىلىمىز،دىدى. مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ___ باشقۇرغۇچى : qinmodan تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-10
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|