| |||||||||
axik029 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەھمەتلىك ئانامغا يېزىلغان خەت! رەھمەتلىك ئانامغا يېزىلغان خەت
گۈلجەننەت ئېلى مەن بۇ ماقالەمنى قايسى بىر شائىرنىڭ مۇنداق بىر شېئېرى بىلەن باشلىماقچىمەن . ئانىلار دۇنيادا ئەڭ ئولۇغ ئىنسان ، ئۇخۇددى باغۋەندەك ئىشچان كۆيۈمچان . ئەزەلدىن شۇڭىلاشقا ئۇلار شەنىگە ، تارىختا يېزىلغان تۆگىمەس داستان . سۆيۈملۈك دوستلار سىلەر مىنڭ بۇ ماقالەمنىڭ تېمىسىنى ۋە ئاددىغىنە يېزىلغان بۇ بىر كوبىلىت شېئرىمنى كۆرۈپلا زادى كىمنى يازغانلىقىمنى ، كىمنى تەسۋىرلەيدىغانلىقىنى بەلكىم بىلىپ بولدۇڭلارغا دەيمەن . ناھايتى توغرا ، ئانىلار دۇنيادىكى ئەڭ ئولۇغ ، ئەڭ شەپقەتلىك ئىنسان ، چۈنكى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ، ياشلىق باھارى ، كۈلكىسى ، قايغۇسى ، مىھرىبانلىق قۇچاقلىرى پەقەت بىز بىلەن مەۋجۇت بولىدۇۋە جۇلالىنىدۇ. بىراق مەن ۋە ماڭا ئوخشاش كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئانىدىن ئايرىلىش ، ئىللىق قۇچاقتىن ئايرىلىش تولىمۇ –تولىمۇ زۇلمەتلىك ئەلۋەتتە ، باشقىلارمۇ بىزگە كۆيىنىدۇ، ئاسرايدۇ، ئەمما بۇنداق كۆيۈنۈش ، ئاسراشلار بىزگە ۋاقىتلىق تەسەللي بولغىنى بىلەن بىزنىڭ يىغا بىلەن يوغۇرلۇپ كەتكەن قەلبىمىز پەقەت ئۆز ئاتا-ئانىمىز بىلەنلا تەسەللي تاپىدۇ ۋە سۆيىنىدۇ . قەدىرلىك ئانا ، سىز مىنىڭ يازغان بۇ خەتلىرىمنى ئوقۇيالمايدىغانلىقىڭىزنى ئەلۋەتتە بىلىمەن . بىراق نېمىشقىكىن قولۇمغا قەلەم ئالغان ھامان سىزنىڭ ئاشۇ سۇلغۇن چىرايىڭىز كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئائىلەمدىكىلەر ئالدىدا سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى قىلىشقا ، خەت ئارقىلىق سىزگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇلىرىمنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆز يېشى قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم بىراق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۆز ھىسىياتىمنى قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ ئىپادىلەشكە تەمشەلدىم . «ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك دوستلار ، ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر ياخشىمۇ سىلەر !» مەن ئۈچۈن مىھرىبان ، پەرىشتە سۈپەت رەھمەتلىك ئانا ياخشىمۇ سىز ! مۇشۇ تاپتا سىزگە بولغان ھىسىياتىمنى قايسى سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەشنى قايسى سۆزلەر بىلەن يېزىشنى ھەقىقەتەنمۇ بىلمەيۋاتىمەن . چۈنكى سزنىڭ ئولۇغلىقىڭىزنى ، بۆيۈكلىكىڭىزنى بۇنچە ئاددى قەلىمىم ،بۇنچە ئاددى سۆزلىرىم بىلەن قانداقمۇ ئىپادىلىگلى بولسۇن ! دىلكىشىم ئانا ، مەن بۇرۇن سىزنى ئاشۇ تاتلىققىنە تىللىرىم بىلەن «ئانا» دەپ چاقىرغان بولسام ئەمدىلىكتە قۇم بېسىپ كەتكەن تۇپراق بېشىڭىزدا تىزلىنىپ ئولتۇرغىنمچە «ئانا» دەپ چاقىرۋاتىمەن . بۇ ئىككى سۆز ئوتتۇرىسىدا نېمىدىگەن … نېمىدىگەن چوڭ پەرىق بار-ھە! جېنىم ئانا ، مەن بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال «ئانا»دېگەن سۆزنى ئاڭلىسام ئىنتايىن خوشال بولاتتىم . بىراق بۆگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ سۆزنى ئاڭلىسام ئەپسۇسلىنىمەن . قايغۇرىمەن ھەمدە خېجىل بولىمەن . چۈنكى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال مەن قارماي تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدىم . بۇ ۋاقىتتا ئۆگىنىشىم ئىنتايىن جاپالىق بولغاچقا سىزگە ياردەم بەرگىلى ۋاقىتمۇ چىقىرالمىغان ئىدىم. ئەڭ قىسقىسى تاماق يىگەندە قاچامنى ئاشخانىغىمۇ ئەكىرىپ قويمايتتىم . سىزنىڭ مىنى كۈتىشىڭىز مىنى خۇددى ئىسىلزادە خېنىملارغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى . بىراق مەن بۇ تۇرمۇشتىن بەك بىزار ئىدىم . چۈنكى سىز بىر ئولۇغ ئانا ، مەن بىر ئاددى قىز . ئەسلى سىز مىنى ئەمەس مەن سىزنى كۈتىشىم كېرەك ئىدى –دە! تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى بۇ چاغدا دادام ئۆلۈپ كەتكىلى ئىككى يىل بولغان بولۇپ ، سىز ئائىلىدە ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ مەندىن باشقا يەنە بەش بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىڭىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆگىمەس ئۆي ئىشلىرى ، تۆگىمەس جاپا مۇشەقەتلەر سىزنى ئاخىرى ياشانغانلىق پەللەمپىيىگە ئاستا –ئاستا چىقتۇردى. ئىلگىرى نۇر يېغىپ تۇرغان كۆزلەر ، قاپقارا قۇندۇزدەك چاچلار ، مانا ئەمدى مىسكىن سۇلغۇن كۆزلەرگە ، قاردەك ئاقارغان چاچلارغا ئايلانغان ئىدى . ئاشۇ نۇرلۇق يۈزىڭىزگە چۈشكەن يول-يول قورۇقلار سىزنى تېخىمۇ ئازاپ دېڭىزىغا باشلىغان ئىدى . بىر كۈنى تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرسام ، سىز يېنىمغا كىلىپ «قىزىم ،سىزدىن سوراپ باقاي، قارماي تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈشكە ئىشەنچىڭىز بارمۇ ؟»دەپ سورىغان ئىدىڭىز پەس ئاۋازادا . «ئەلۋەتتە ، ئەلۋەتتە بار»دەپ جاۋاپ بەردىم مەن روھلۇق ھالدا ، سىز يەنە مىنىڭ قولۇمنى چىڭ توتۇپ تورۇپ «جېنىم قىزىم ، مەن سىزگە ئىشىنىمەن، ئەگەر سىز ئۆتۈپلا قالسىڭىز ،مەن كېيىملىرىمنى سېتىپ بولسىمۇ سىزنى چوقۇم ئوقۇتىمەن ، ئەگەر ئۆتەلمەي قالسىڭز………. »دېدىڭىز دودۇقلىغان ھالدا . بۇ ۋاقىتتا كۆزلىرىمدىن ياشلار مۆلدۈردەك تۆكۈلىۋاتقان ئىدى. مەن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىمنى سىزگە تىكىپ تورۇپ «ئانا ، جېنىم ئانا ، مەن چوقۇم تىرىشىمەن . سىز ئۈچۈن بولسىمۇ تېرىشىمەن ، ئەگەر راستىنلا ئۆتۈپ قالسام ئۇيەردە تېخىمۇ تېرىشىپ ئۆگىنىپ سىزنى بەخىتلىك تورمۇشقا ئىگە قىلىمەن .»دېدىم يىغا ئارلاش ئاۋازىم بىلەن . بۇ ۋاقىتتا سىز كۆلۈمسىرەپلا قويدىڭىزيۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن چىقىپ كەتتىڭىز . بۇ ئىش ئۆتۈپ نەچچە كۈندىن كېينلا سىز ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىڭىز . ئاكا –ھەدىلىرىم سىزگە كېچە-كېچىلەپ قارىدى . ئاخىرى بولمىغاندا سىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق ، دوختۇرلار سىزنى بىر قاتار تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن «ئېغىر دەرىجىلىك ئۆپكە تىبىركىلىيوز»دەپ دىئاگىنوز قويدى. بۇ ۋاقىتتىكى شارائىتقا نىسبەتەن بۇ يەردىكى دوختۇرلارنىڭ بۇ كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىشقا قورۇبى يەتمەيتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز باشقا تونۇش-بىلىشلەردىن ئازراق پۇل ئۆتنە ئېلىپ ئەتىسىلا خوتەنگە قاراپ ماڭدۇق ، بۇ چاغلاردا ئۆگىنىشىم سەل جىددى بولغانلىقتىنمىكىن ئاكا-ھەدىلىرىم مىنى بارغىلى قويمىدى. كېىن ئاكىلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە سىز يول ئۈستىدە توختىماستىن مىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپلا مېڭىپسىز . ئاكا-ھەدىلىرىم سىزنى كارۋاتقا ئەمدىلا ياتقۇزىشى ھامان ،سىز مىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغان پېتى كۆز يومۇپسىز ، بۇ ۋاقىتا ئويلاپ قالدىمكى «سىز مەندەك بىر كىچىك قىزىڭىزنىلا ئەمەس بەلكى مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەردىن كۈتكەن بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى بىرگە ئېلىپ كەتكەن ئىدىڭىز. »سۆيۈملۈك دوستىلىرىم ، سىلەر مىنىڭ ھازىرقى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان ھېسىياتىمنى ئانىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ نەقەدەر زۇلمەتلىك ، نەقەدەر ئازاپلىق بولىدىغانلىقىنى ئازراق بولىسمۇ چۈشەندىڭلارغۇ دەيمەن . بولدىلا مەن كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرماي . رەھمەتلىك ئانام تۆگەپ بىر نەچچە ئاي ئۆتە-ئۆتمەيلا مېنىڭ قارماي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە بىرىدىغان ئىمتىھانىممۇ باشلاندى. دەسلەپتە ئىمىتھانغا كىرگەندە سەل جىدىلەشكەن ئىدىم . بىراق تويۇقسىزلا بىر خىل كۈچ ماڭا مەدەت بىرىۋاتقاندەك قىلاتتى. بەلكىم بۇ ئانامنىڭ ماڭا بىرىۋاتقان ئىلھامى بولسا كېرەك . مانا ، بۇ قېتىمقى ئىمتىھانمۇ يەنىلا ئانامنى ئەسلەش ۋە سېغىنىش بىلەن ئاياقلاشتى، ھەر بىر قېتىملىق سۇئالغا جاۋاب يازاي دەپ تورۇشىمغىلا بىچارە ئانام يادىمغا يىتىپ قېلىپ ئىمتىھاننى كۆڭۈلدىكىدەك بېرەلمىگەن ئىدىم . ئىمتىھان ئاياقىشىپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن بىزنىڭ نەتىجىلىرىمىزمۇ چىقتى مەن ئېغىر قەدەملىرىمنى منىڭ تەستە يۆتكەپ مۇئەللىم ئالدىغا باردىم . «مۇئەللىم ، مەن قانچە ئاپتىمەن؟ » دېدىم پەس ئاۋازدا . مۇئەللىم ماڭا بىر پەس قاراپ قويغاندىن كېيىن «196»دەپ جاۋاب بەردى. مەن يەنە «ئۇنداقتا …. ئۇنداقتا نومۇر سىزىقى قانچىدە توختىدى؟ » يادىمدا قېلىشىچە «227» دېدى. «نېمە ؟227 دە » دەپ سورىدىم ھەيرانلىق بىلەن . «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى مۇئەللىم . مەن بۇ ئۈمىتسىز جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈگۈرىگەن پېتى ئانامنىڭ قۇم بېسىپ كەتكەن تۇپراق بېشىغا چىقتىم . بۇ ۋاقىتتا مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنى دەپ ۋاقىتسىز ھاياتىدىن ئايرىلغان ئانامغا ئېيتالايدىغان بىرلا سۆزۈم پەقەت «كەچۈرۈڭ » ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان كىچىك دوستلارغا ئېيتماقچى بولغان يۆرەك سۆزۈم «دوستىلىرىم سىلەر مەيلى نەدە، ئارزۇيۇڭلار نېمە بولسۇن چوقۇم بىرىنچى ئورۇنغا ئۆگىنىشىنى قويۇڭلار ، ئۆز ئاتا-ئاناڭلارنى قەدىرلەڭلار .ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس بەلكى خۇش تەپەسسۇمنىڭ جىلۋىلىنىشىغا ئاساس سېلىڭلار ». ___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-10
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MARGINA218 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەگەر سىز بۇ ماقالىدىكى باش پىرسۇناژ بولسىڭىز سىزگە دەيدىغىنىم: مىنىڭچە سىز تېخى كېچىككىنىڭىز يوق. گەرچە ئانىڭىز ھايات چېغىدا ئۇنى خۇشال قىلالمىغان بولسىڭىزمۇ ئانىلار دۇنيادىكى ئەڭ ئەپۇچان، ئەڭ قانائەتچان ئىنسان. سىز ھېلىمۇھەم تېرىشىپ ئانىڭىزنىڭ روھىنى خۇش قىلسىڭىز ئۈلگۈرىسىز دەپ قارايمەن. تېرىشىڭ! چۈنكى جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا ئەمەسمۇ!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
axik029 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما1قەۋەتتىكىMARGINA218نىڭ2008-04-10 17:43يوللىغان : سىزنىڭ نەسيتىىڭىزگە رەخمەت ~~~ لىكىن مەن بۇ ھېكايىدىكى پۇرسىناج ئەمەس~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
otyak | رەخمەت سىزگە . تەسىرلىك يېزىپسىز . ئانىلارنى قەدىرلەيلى، سۆيەيلى !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mozai | ياخشى يېزىپسەن ئاداش.....................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yigana2 | ياخشى چىقىپتۇ...يەنىمۇ تىرىشىڭ..............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
almira88 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭمۇ ئاپام تۇگەپ كەتكىلى 2 يىل بولدى
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Yagmauyghur دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت سىزگە قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|