| |||||||||
uighur_ay سىنىڭ ئۈچۈن | سىلەر ئۇيغۇرمۇ دىيىش تەس ئەمەسكەنئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشى تۇرۇپسىلەرمۇ بىر نەچچە كۈنلەر ئاۋال بولغان كىچىككىنە ئىشتا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كىلىپ قالدى. مەكتەپكە كىتىۋىتىپ مەن بىلەن بىر ئاپتۇبۇسقا چۈشكەن، ئوماققىنا كەلگەن ئىككى قىز تۇيۇقسىز دىققىتىمنى تارىتتى، ئۇلار مەندىن ئىككى ئورۇن ئالدىدا ئولتۇرغان بولسىمۇ قىلىشقان بەزى ئۇيغۇرچە گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى،،،،،،،،،،،،،،قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىمنى بىلمەيمەن.، يىلدا بىر ئاڭلاپ قالىدىغان بۇنداق ناتونۇش ئۇيغۇر ئاۋازى مىنى خوش قىلىۋەتتى، شۇ چاغدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ يىنىغا بىرىپ مەن ئۇيغۇر دەپ تونۇشلۇق بەرمەكچى بولدۇم. لىكىن مەن ئورنۇمدىن تۇرمايلا ئۇ ئىككى قىز بىر يىقىن ئۆتىدىغان مۇشۇ يەردىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر قىزلىرنىڭ غەيۋىتىگە چۈشۈپ كەتتى، ئەمدى بارايمۇ يىنىغا؟ ياق، قىلىشقان گىپىدىن خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دىگەنلەرنى ئويلاپ مەكتىپىمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە كۆڭلۈم يىرىم چۈشۈپ كەتتى. شۇ كۈندىن كىيىن بۇ قىزلار كۈندە بولمىسىمۇ ئىككى كۈندە بىر ئۇچىراپ تۇردىغان بولدى، يىنىغا بىرپ مەن ئۇيغۇر ، سىلەرمۇ ئۇيغۇركەنسىلەر دىگۈم كىلەتتىيۇ،،،،،،،،،يەنى دىيەلمەي قالدىم. سىشەنبە كۈنى مەكتەپكە سەل ۋاق تۇرۇپ قاپتىمەن، يۈگرەپ يۈرۈپ ئارانلا ئاپتۇبۇسقا چىقتىم، مەكتەپكە بىرشىم ئۈچۈن يەنە بىر ماشىنا ئالمىشىشقا توغرا كىلەتتى، قارسام ئاپتۇبۇس بىكىتىدە ھىلىقى ئىككى قىز ئولتۇرۇپتۇ. مەن شۇنداق جۈرئەتسىزمۇ، بىرىپ گەپ قىلايچۇ، بەلكىم ئۇلار مىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى بىلمىگەندۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۇلارنىڭ يىنىغا بىرىپ سالام قىلدىم،،،،،،،،مىنىڭ ئۇيغۇرچە گەپ قىلۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ شۇنداق ھەيرانلىقتا چۇقىرشىپلا كەتتى، ئەسلى ئۇلارمۇ مىنى ئۇيغۇرمىكىن دەپ ئويلاپ، سەن سورا دىسە سەن سورا دەپ بىر_بىرگە دۆڭگىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇلار ئوقۇشقا كەلگىلى تىخى 10 ئاي ئەتراپىدا بولغان ئىكەن. ئىتالىيەلىك ئايال بىلەن تۇرغانلىقى ئۈچۈن كەچلىكى ئۇلارنى ئۆيىمىزگە تەكلىپ قىلدىم، مەكتەپتە تۇرۇپ ئاپامغا تىلىفۇن قىلىپ قويغاچقا بىز بارغۇچە ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇپتۇ، بىچارە قىزلا 10 ئاي بوپتىكەن، ئۆي تامىقى يىمىگىلى،كىچىك بولغاچقا ئىتالىيەلىك قىلىپ بەرگەن تاماقنى يەيدىكەن. شۇنداق ياخشى پاراڭلىشىپ كەچنى قىلدۇق،،،،شۇ بانادا يەنە ئىككى ئۇيغۇر قىز بىلەن تونۇشۇپ ، ئۇلارنى سىڭىللىرىم بىلەن دوس قىلىپ قويدۇم،،،،،،،،،،، ئازراقلا كۈچىسىڭىز، سىلەر ئۇيغۇرمۇ دىگەن سوئالنى بۇ ئالدىراش يەردە سوراش تەس ئەمەسكەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىشەنچ سەن ئۈچۈن ! | توغرا ئىتتىپاقلىق كۈچتۇر .
[ يوللىغانئىشەنچتەرىپىدىن2008-04-09 16:59قايتا تەھرى ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Hursan. خۇرسەن بوۋاي | ئەمسە سىرىتقا چىقدىغان ئادەم ئىنكاس يازماي ،شۇ چىقدىغان يەرگە چېقىپ كىرىپ تىمىنى تەپسىلى ئوقوپ ،ئاندىن ئىنكاس يازسىىڭزمۇ بولاتتى . ھەرقانداق تورداشلار بولسا تىمىنى تەپسىلى ئوقوپ ئاندىن ئىنكاس قايتۇرۇڭلار . يىزىشقا خوش ياقمىسا ئىنكاس يازمىساڭلار بولدۇ ، بىراق يازمىسمۇ بولدىغان ئىنكاسلارنى زولاپ يازماڭلار .
ئىنكاسمۇ ئىنكاستەك بولسۇن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
999kiyamat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشىمۇسىز ئۇيغۇر ئاي ! سىز ئىتالېيىدىما قايسى شەھىرىدە؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uighur_ay سىنىڭ ئۈچۈن | مەن ئاۋۇستىرالىيە،،،،،،،،،ئادىلايد شەھرىدە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyhan22 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شۇنداق ، ئىتتىپاقلىق كۈچ دىمەكتۇر ، يىغىلىش تۇپلىنىش كىرەك 1
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
habarqi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇيغۇرمۇ سىز دىگىچە ، ئادەممۇ سىز دىگەن تۇزۇك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uighur_ay سىنىڭ ئۈچۈن | Quote:بۇ يازما6قەۋەتتىكىhabarqiنىڭ2008-04-10 11:40يوللىغان : سىز سىناپ بىقىڭ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yarknO دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىز ئاۋۇستىرالىيە،،،،،،،،،ئادىلايد شەھرىدە تۇرۇپ شەبنەمگە كىرىۋاتامسىز ؟؟ئ
بارىكاللا شۇنچە يىراقتا تۇرۇپمۇ ئۇيغۇر توپىدىن چۇشۇپ قالماپسىز .سىزگە ئاپىرىن .بولسا شۇ قويغا مىنگەن دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى ،شۇ جايدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھالىنى ، يەنە بولسا شۇ يەردىكى مۇسۇلمان قرېىنداشلانىڭ ئەھۋالىنى قىسىقىچە چۇشەندۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز سىزگە اللە رەھمەت قىلسۇن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kisek | بىر نەچچى يىلنىڭ ئالدىدا ،خەنزۇ يولداشلارنى كۆرسەممۇ دۆلەتداشلىق مېھرىبانلىق ھىس قىلىدىغان بىر جايدا تەققى تۇرقى ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغان بىر كىشىنى ئۇچراتتىم،ئەسلىدە ئىچ مىجەز ،ئېغىرراق كەلگەن مەن شۇ چاغدىكى ھاياجانلىق ھىسسىياتىم ئۈستۈن كەلدىمۇ،يۈگۈرۈرۈپ ئالدىغا بېرىپلا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز ئۇيغۇرمۇ؟.......»دەپ بىرمۇنچە سۆزلەپلا كېتىپتىمەن ،ئۇ كىشىنىڭ چىرايىدىن ئىنتايىن ئەجەپلىنىش ھەيرانلىق ئالامىتى كۆرۈنگەندىلا ئۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇرغا ئوخشىغىنى بىلەن باشقا مىللەتنىڭ كىشىسى ئىكەنلىگىنى تۇيۇپ ئوڭايسىز ھالدا ئۆزرە ئېيتىپ ئايرىلغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە...
ئەمىلىيەتتىمۇ كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ يىراق يۇرتلاردا غېرىپلىق ئىچىدە تۇرغىنىمىزدىلا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چەكسىز قەدرى -قىممىتىنى چىن قەلبىمىزدىن ھىس قىلىدىكەنمىز. تېما يوللىغۇچى تورداشقا رەخمەت،تېنىڭىزنىڭ سالامەت،ئوقۇشىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazuk116 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شۇنداق سىز ئۇيغۇرمۇ دەپ سوراش تەس ئەمەس.لىكىن مەن بىيجىڭدا ئوقۇيمەن.بىر قىتىم ۋاڭ فۇجىن كىتاپخانىسىغا ئىنگىلىزچە ماتىريال ئالماقچى بۇلۇپ باردىم. يولدا ئىككى قاشتىشىچى ئۇچىراپ قالدى مەن دەرھال ئكزەمنى دالدىغا ئالدىمدە كۆز ئەينىكىمنى چۈشۈرۈپلا ئالدىراش مىڭىپ كەتتىم.كىم بىلسۇن ئارىدىكى بىر ساقالىق يۇلنىڭ باشقا تەرىپىدىكىنى چاقىرىپ ئۇيغۇر باركەن دەپ قۇيدى.ئۇ ماڭا خىلى يەرگە بارغۇچە ئەگەشتى.قۇرقۇپ يۈگۈرگەندەك ماڭدىم.لىكىن ئۇ يۈەرۈپ دىگەۈدەك ماڭا يىتىشۋادى.دەرھال تاكسىغا چۈشۈشنى ئيلاشقان بۇلساممۇ ئۇ چاغ دەل قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋاقتى بۇلغاچقا ماشىنىلار ئادەملەردىنمۇ ئاستا ماڭاتى.ئۇ ئادەم يىنىمغا كىلىپ نىمە قۇرقىسىز دىدى .مەن قۇرقمىدىم تىخى سىلەرنى چەتئەللىك ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن دىدىم ھەم ھال ئەھۋالىنى شۇنداق چىرايلىق سورۇدۇم. كىيىن ئۇ ئادەم مەندىن سىز نەدە ئوقۇيسىز قاچان ئوقۇش پۈتۈرىسىز ؟تىفۇن نۇمۇر قاتالىقلارنى سورىدى. مەن قىلچە دۇدۇقلىماي <دۇدۇقلىسام قۇرقتى دەپ بىلىپ زورلىق قىلىپ قىلىشىدىن قۇرقتۇم>مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىدا بۇ يىل پۇتۇرىمەن تىلفۇن نۇمۇرۇم دەپ بۇرۇن مەن تەييارلىقتا ئوقۇغان تۇرغان ياتىقىمنىڭ نۇمۇرنىنى دەپ ئالداپ قۇيدۇم<ئەمەلىيەتتە مەن تەييارلىق ئوقۇغان مەكتەپنى دىگەن،مەن كەسپىمگە ئەمدى چۈشكەن،ئوقۇش پۈتۈرشۇمگە 4يىل بار >ۋاقتى ئىدى.كىيىن تاس قالدى چوق كوچىدىلا قۇچاقلىغىلى كۆزۈمگە ياش كىلىپ كەتتى .بەك قۇرقۇپ كىتىپ ماشىنا ماڭىدىغان يولنىڭ ئوتۇرىسىدا ماڭدىم.ماشىنا سوقۋەتسە رازى ئىدىمكى ئۇ مەينەت رەسۋانىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قىلىشنى خالىمىدىم. لىكىن ئۇ يەنە كەينىمگە كىرۋادى.تىخى مىنى بىرنى سۈيۈپ قۇيسىڭىز كەتكۈزۋىتىمەن دەپ.بۇلمىسا باشتا ئۇيغۇر بۇلغاندىن كىيىن بۇپتۇ ئاللا ئىشلىرىڭىزگە ئاسانلىق بەرسۇن ھالال ئىشلەپ جان باققانغا يەتمەيدۇ دەپ قۇيغانتىم تىخى.كەينىدىن تىخى ماڭابۇنداق ئەدەپسىزلىك قىلماڭ مەن بەش ناماز قىز بالا بۇنداق قىلسىڭىز ئاللا كەچۈرمەيدۇ دىسەم مەنمۇ شۇ ناماز ئوقۇيمەن ،ئۇيغۇر بۇلغانكى نىمە بۇلۇپتۇ مەن بىيجىڭدا سىزدەك چىرايلىق قىز بالا كۆرۈپ باقماپتىمەن. ماڭا جوتۇن بۇلۇڭ مەن دىگىنىڭىزنى قىلىپ بىرىمەن دەپ.دەل شۇ چاغدا يىنىدا تىلفۇن يوق دىگەىنىمنى ئاشكارلاپ سىنىپىمدىكى بىر خەنزۇ ساقدىشىم سىنىپ ئاچقۇچىنى سوراپ تىلفۇن قىپتۇ.خەنزۇچە گەپ قىلۋاتسا يانماي ئۇيغۇرچە نەدە سىز ھە مىنى كوچا ئىتلىرى قۇغلاپ كەتسىمۇ كارىڭىز يوقما مەن كەلدىمغۇ؟بىر ئاپشاركا ئەگىشىپ كەلدى مىنى ئالماقچىكەن.دەپلا ۋاقىراپ كەتسەم خەنزۇ ساۋاقدىشىم ھىچنىمىنى بىلەلمەي قۇيۋەتتى.مەن ھە ھازىر كۆدۇم ئالدىڭىزغىراق مىڭىڭ دەپلا قۇيۋەتتىم.ئەگەر ئەمدى ئىسىلىپ ناچارلىق قىلىپ قالسا سومكامدىن پىچاقنى .ئىلىپلا تىقىۋىتەي دەپ ئويلاشقان ئىدىم ،بەختىمگە يارىشا مىنى مابىتىگە چىقىشتۇردى دەپ ئۇيلىغان ئۇ ئاپشاركا قىچىپ كىتىپتۇ.كىيىن ئاكاملار ئىزدەپ تاپالمىدى.بۇلمىغان بۇلسا...
مۇشۇنداق ۋاقتىدا مەن ئۇيغۇر دەپ تۇنۇشلۇق بەرسەك بۇلامدىكەن؟ئۇيغۇرلىقىمدىن چانمايمەن لىكىن مۇشۇنداق ئاكەستىلەردىن بەك نەپرەتلىنىمەن.بۇ ئىشقىمۇ 3يىل بۇلۇپ قالدى لىكىن ئۇنى ھازىر كۆرسەممۇ تۇنىۋالالايمەن.ئۇ ھايۋاننى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uighur_ay سىنىڭ ئۈچۈن | ھەممە ئىشنى شارائىتقا ، ئەتراپىڭىزغا قاراپ قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، بولۇپمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى بەزى ئىپلاسلارنىڭ ئەسكىلىكىگە قاراپ بولسىمۇ،،،ياخشىلا يەنىلا تولا
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kisek | Quote:بۇ يازما10قەۋەتتىكىnazuk116نىڭ2008-04-10 12:00يوللىغان : ئۇيغۇر ئاي توغرا دەيدۇ،بۇ جەمىيەتتە ھەرقانداق مۈمكىنچىلىك مەۋجۇت،ياخشى كۆڭۈللۈك كىشىلەر كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ،بولۇپمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدا ياخشى نىيەتلىك ئاقكۆڭۈل كىشىلەر مۇتلەق كۆپ،سىز ئۇچرىغان تەسادىپى كۆڭۈلسىزلىكنى ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماي ئەتراپقا يەنىلا ئىشەنچ ۋە مېھرى-مۇھەببەت بىلەن نەزەر سېلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BAGZADA دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | سىز ئۇ يەردە نىمىش قىلسىز ...............ئۇيۇڭلار شۇ يەردىمۇ..
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uighur_ay سىنىڭ ئۈچۈن | مەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، ھەم بۇ يەرگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-20694-keyword-.html قالغان سوئاللىرىڭىزغا بەلكىم بۇ يەردىن جاۋاپ چىقىشى مۇمكىن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|