سىز بۇ تېمىنىڭ 5392ـ ئوقۇرمىنى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ بەتتىكى تېما: يوتىسىغا ماركا چاپلىۋالغان قىز IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Hursan.
خۇرسەن بوۋاي

ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10158
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1286
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1286دانە
شۆھرەت: 1363 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 14220 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :355(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-11-29
ئاخىرقى :2008-04-13

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 يوتىسىغا ماركا چاپلىۋالغان قىز





يوتىسىغا ماركا چاپلىۋالغان قىز
ئەنۋەر جۇلا


ھەركۈنى كەچتە ئىستىراھەت مەيدانىدا ئۇسسۇل بەك قىزىيدۇ، ئۇسسۇلنى ئىشسىز ياشلار، ئوقۇغۇچىلار، لايىق ئىزدىگۈچىلەر، كەچ قېلىپ قايتالمىغان ئەنجۈرچى بالىلار، پارچە ھاراق ئىچىۋېلىپ پەيزىنى سۈرگىلى كەلگەن شەھەر كەمبەغەللىرى ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرمۇ مائاشلىق كادىر، سودىگەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇ يەرگە يېقىن بېرىپ قالساق بۇرنىمىزغا ئۇرۇلىدىغىنى توڭرىلىق تەنلەرنىڭ سېسىق پۇرىقى. كەمبەغەل بولسىمۇ تېگى-تېگىدىن پاكىز يۈرۈيدىغان، تېنى سېسىق پۇرىمايدىغان ئادەملىرىمىز نۇرغۇن، بەزى مېھنەتكەشلەر ئېغىر ئىش- ئوقەتتە چارچاپ كېتىپ ۋاقتىدا يۇيۇنالماسلىقى مۈمكىن. لېكىن بۇ يەرگە ئىش-ئوقىتى بار، قانداق قىلىپ بىرنى- ئىككى قىلىش ھەققىدە باش قاتۇرىدىغان ئادەملەر ھەرگىزمۇ كەلمەيدىكەن. يەنىلا كۈن بويى بىكار لاغايلاپ يۈرۈپمۇ بىر ئاپقۇر سۇدا يۇيۇنۇپ تېنىدىكى نەسچىلىكنى چىقىرىۋەتمەي تاكىنىڭ تېرىسىدەك سېسىق پۇراپ يۈرۈيدىغان ئىنسان ئەخلەتلىرى بىكارلىق ئويۇن بار دەپ كېلىدىكەن.
سېسىق پۇراق بار جايغا يەنىلا بىز ساقچىلار بارماي ئامال يوق. ئادەم كۆپ جايدا جېدەل- ماجرا، ئوغرى- يانچۇقچىلىق، تەرتىپنى بۇزۇش ھامان بولۇپ تۇرىدۇ. بىز ئۇ يەرگە بەك يېقىنلىشىپمۇ كەتمەي، بەك يىراقتىمۇ تۇرىۋالماي كۈزۈتۈپ تۇرىمىز. ئەگەر بىز بولمىساق، بۇ يەر ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئوۋ مەيدانىغىمۇ ئايلىنىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.
بىر قېتىم سىڭلىمنىڭ بالىسىنى يىپ قورچاق بىلەن ئالداپ ئېلىپ ماڭغان بىر قېرىنى بىر ياخشى نىيەتلىك ئايال سېزىپ قېلىپ، ئۇ قېرىنى سىلكىۋېتىپ، جىيەنىمنى يېتىلەپ ئەكىلىپ نەق مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرۇپ بەردى. لېكىن ئۇ قېرى شۇندىن باشلاپ بۇ يۇرتتا قايتا كۆرۈنمىدى. كىچىك بالىلارنىڭ ئېزىپ قېلىپ يوقاپ كېتىشى كۈندە يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىش. بۇنداق چاغدا بالىنى تېپىپ بىغەم ئاتا- ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىشتە بىز ساقچىلارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. بالا يۈتكىنىنى ئاڭلىغان ھامان مۇزىكىنى توختىتىپ كانايدا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاتقىنىمىز ئۈچۈن خەيرخاھلىق، رەھمەتتىن كۆرە، بىر ئوبدان ئۇسسۇلنى بۇزغىنىمىز ئۈچۈن مۇكاپاتقا ئالىدىغىنىمىز ھامان نارازىلىق سادالىرى! 
"تۇرۇپ تۇرە، كىچىك نارىسىدە يۈتۈپ كېتىپتۇ، تەڭ ئىزدىشىپ بېرەيلى" دەپ بىزگە ماسلىشىدىغانلار، خىزمىتىمىزنى قوللايدىغانلار يەنىلا ئاز ساندا. ئەكسىچە، قەستەن قېيىشىپ پىچىقىنى يانپىشىدىن چىقىرىپ قويۇپ جېدەل چىقىرىشقا ئاران تۇرىدىغانلار كۆپ ساندا. بىز نەچچە قېتىم چىققان جېدەللەرنى كەسكىن بېسىقتۇرۇپ، بەزى يانچۇقچىلارنى نەق پاكىتى بىلەن تۇتقاندىن كېيىن ئاندىن بۇ يەرنىڭ بىخەتەرلىكى، تەرتىپى كۆپ ياخشىلاندى. بۇ ساقچىلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئەلۋەتتە! كىشىلەر بىزنى تىللىسا، ئۆچ كۆرسە كارى چاغلىق! لېكىن شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ يېڭىدىن بەرپا بولۇۋاتقان شەھەر قۇرۇلىشى، ئۇل مۇئەسسەسە، جامائەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، مەدەنىي ھاياتنى قوغداپ كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن بىخەتەر، ئىناق بولغان مۇھىت يارىتىپ بېرىشتە بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار. بۇ مەسئۇلىيەت- مەجبۇرىيەتنى ياخشى ئادا قىلمىساق خەلق- ئاۋامغا قەتئىي يۈز كېلەلمەيمىز. مەدەنىي، دېمۇكراتىكلىققا، قانۇنچىلىققا، سىياسىي مەدەنىيلىككە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقان ئەلدە خۈنۈكلۈكنى گۈزەللىك ۋە شەرەپ، ئادالەت ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشنى نومۇس دەپ بىلىپ، ئىلغارلىققا پىتنە-پاسات تېرىپ يۈرۈيدىغان مەدىنىيەتسىز، جاھالەتنىڭ ساقىندىلىرىمۇ ھامان قىسمەن ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن. L o41Gy<
ئىشىنىمەنكى، تارىخى كاتىگورىيىنىڭ ئۆتكۈنچى پاسسىپ ئېلېمېنتلىرى بارا-بارا ئۆز مەۋجۇدلىقىدىن قېلىپ ئىلغارلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان گۈزەل جەمئىيەت ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ...قانۇن سىستېمىسىدىكى چىرىكلىشىپ خەلق بىلەن ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى بۇزغان ناكەسلەرمۇ ھامان بىر كۈنى جاجىسىنى يەيدۇ... .
ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بىلەن ھەر كۈنى كەچتە ئائىلىگە جەم بولۇش خۇشاللىقى، ئىجادىيەت ۋە ياشلىق ھەۋەسلىرىمىزدىن مەھرۇم بولغان ھالدا كىشىلەرنىڭ بىكارلىق ئويۇنلىرىنى قوغدايمىز دەپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ سېسىق پۇراقلىرىغا، مۇتىھەم كۆزلىرىگە يەم بولۇپ،كۈندە ئوخشاشلا تەكرارلىنىپ،قۇلاقنىڭ يېغىنى يەيدىغان مۇزىكا ۋە گۈپۈرلەڭلەر ئارىسىغا سىڭىپ كېتىمىز.
ئوينىغان ئۇسسۇللىرىنىڭ "چىرايلىق"لىقىدىن ئۆرگىلەي! ئاستى تەرىپى دېسكو، يۇقۇرى بەدىنى ئازراق ئۇيغۇرچە ئەبجەشلەشكەن ئۇسسۇل ئويناشلارغا قاراپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالىمەن! لېكىن بۇلار ئارتىست ئەمەس، بۇلارغا مۇشۇنداق ئويناشنى كۈرەش رەجەپ كېلىپ ئومۇملاشتۇرۇپ بېرىپ كەتمىگەن. بۇلار مۇزىكا قانداق بولسا شۇنىڭغا كەلتۈرۈپ ئويناۋېرىدىغان خەق. ئويلاپ باقسام مەشرەپ كۆرۈپ چوڭ بولغان كىشىلەرمۇ ھازىرقى مۇزىكىلار ئالدىدا ساپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى ھەرگىز ئوينىيالمايدىكەن. مەنمۇ ئەشۇنداق مۇزىكىلارغا پۇتۇمنى قانداق كەلتۈرۈش ھەققىدە تەسەۋۋۇرلارنى قىلىپ باقتىم. تەبىئىيكى، مەنمۇ پۇتۇمنى دېسكوچە، قولۇمنى مىللىيچە قىلىپ ئوينايدىكەنمەن. قارىغاندا ھازىرقى ئاتالمىش مودا ناخشا- مۇزىكىلارغا پەقەت كەسپىي ئارتىسلارلا ساپ مىللىي ئۇسلۇپتا ئوينىيالايدىغان ئوخشايدۇ. كىم بىلىدۇ! خەلق سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ئاددىي خەلق ئارىسىغا ھازىرقى ئەبجەش ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئومۇملىشىپ قېلىپ ، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئادەت ئېقىمىغا ئايلىنىپ كەتسە بىزنىڭ يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان كەسپىي ئارتىستلىرىمىزنىڭمۇ پۇت قولى ساپ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىمىزگە كەلمەي قالامدۇ تېخى! "شوتىنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى" دەپ ئۇسسۇللىرىمىزنى بۇزۇۋاتقان ھازىرقى گۈپۈر-گۈپۈرلەڭ ناخشا- مۇزىكىلىرىمىزغا، شۇنداق مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىۋاتقان كومپزوتۇرلىرىمىزغا ئېچىنماي تۇرالمايمەن.
يېقىندىن بۇيان بۇ يەرگە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان بىرنەچچە "ساھىپجامال خېنىم" لار پەيدا بولۇشقا باشلىۋېدى، بىزنىڭ پاختا سېتىپ قولى ئازراق پۇل كۆرگەن بەزى دېھقانلارمۇ ئىلگىرىكى ئۇدۇل بوتكىغا قاتراپ شوۋا ئىچىشتىن بۇ يەردە ئەستايىدىل چېكىپ تۇرۇپ تاللاپ شوۋا ئىچىدىغانغا ئۆزگەردىمۇ قانداق، مۇشۇ يەرگە كېلىۋېلىپ تېخىمۇ كۆل قوپۇرىۋەتتى. 
ئۇ "ساھىپجامال"لارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۆزىنىڭ پاھىشە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كۆپرەك ھاجەتمەننى ئارقىسىدىن ئىتتەك سوكۇلدىتىش ئۈچۈن دۈمبىسى، قولتۇقى، يوتىسى ئوچۇق قالدۇرۇلغان قىسقا كۆڭلەكلەرنى كىيىپ بىلىكى، مەيدىسىنىڭ ئازراق ئۈستى تەرىپىگە قانداقتۇر بىرەر توۋارنىڭ ماركىسىنى كېسىپ تۈكۈرۈك بىلەن ھۆلدەپ چاپلىۋالىدىكەن.
بۇلار ئۇۋۇلاقخانا، ھۆسۈن تۈزەش ئورنى، پۇت يۇيۇش ئورنى دېگەندەك تىجارەت دۇكانلىرىنىڭ "مۇلازىمەتچى" خادىملىرى بولۇپ، خۇجايىنلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە "ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئۆگۈنۈپ ئورۇقلاشقا كەلگەن" سالاھىيەتتە يېڭىدىن سەپكە قېتىلغانلار ئىدى.
ئىككى سەر ئىچىپ تۆت سەر مەس بولۇۋالغان شەھەرلىك مۇتىھەم ياشلار بۇلارغا ئادەم كۆرمىگەندەك ھىجىيىپ قارايتتى، چۆرىسىنى قاماپ ئۆرگىلەيتتى، ئىسقىرتاتتى، كۆزلىرى بىلەن مەلۇم مەقسەتنى بىلدۈرمەكچى بولۇپ ئىما- ئىشارەتلەرنى قىلاتتى. لېكىن بۇ "ساھىپجامال"لار ئۇلارغا تۈزۈك پەرۋا قىلماي چەتتە تاماشا كۆرۈپ بىردە ھېيىقىپ،بىردە چالا ھىجىيىپ كۆزلىرىنى ياغ سالغان چايدەك پارقىرىتىپ تۇرغان ئىلمەك بۇرۇت، قارا گەدەن دېھقان ئەرلىرىمىزگە ناز- كەرەشمە بىلەن قاراپ ئىندەككە كەلتۈرۈشنىڭ كويىنى قىلاتتى.
ئۆتكەن يىلى قىشتا 60نەچچە ياشلىق بىر بوۋاي دەل مۇشۇنداقلارنىڭ بىرسىنىڭ ئۈستىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسلى قوزغىلىپ ئۆلدى. ئۇ ئادەمنىڭ بالىلىرى نومۇس دەستىدىن رەھمەتلىكنىڭ ئاخىرەتلىكىنى قانداق ئۇزاتتى بۇنى تەسەۋۋۇرغىمۇ سىغدۇرماق تەس!
بىر يىل قوڭ سۆرەم قىلىپ تاپقان پۇلىنى مۇشۇنداقلارنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ ئوغرىغا ئالدۇرۇپ چىقىپ كېتىدىغان ئادەملەرمۇ نۇرغۇن.(ئەمىلىيەتتە ئەشۇ پاھىشىلەر راسا ئىچۈرۈپ مەس قىلىپ قويۇپ تۇيدۇرماي ئېلىۋالىدۇ) 
ھەر خىل جىنسىي كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۇپ ئۇنى ئۆيىدىكى ئايىلىغا يۇقتۇرۇپ كېسەلمەن قىلىپ قويۇۋاتقانلارمۇ نۇرغۇن. كەلگۈسىدە ئىمان- ئېتىقادتا چىڭ دەپ تەرىپلىنىدىغان دېھقانلىرىمىز ئىچىدىن قانچىلىك ئادەم ئەيدىز چىقىدۇ، بۇ خۇدايىمغا ئامانەت!
بىزنىڭ ئادەملىرىمىز نىمانداق ناداندۇ-ھە؟ ئەيدىزدەك ۋابا يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان، سانلىق مەلۇماتتا ئەيدىز تارقالغان خەتەرلىك رايون ئاتىلىپ قېلىۋاتقىنىمىزدا ئادەم تېپىلمىغاندەك؟...ئاھ!...ئۇلاردىن مېدە ئېشەك مىڭ ھەسسە پاكىز ئىدى دەرىخا!
بىزنىڭ بۇ ئىشنى باشقۇرىشىمىز ناھىيىتى چەكلىك بولغاچقا ئامال يوق 2-3 بېلىكىگە ماركا چاپلىغان ساھىپجامالنىڭ ئارقىسىدىن ئىتتەك سوكۇلداپ كېتىۋاتقان ئادەملىرىمىزگە قارىغىنىمىزچە غىلتاڭ ئېڭەكلىرىمىزنى سىلاپ خەپ دەپ قالىمىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىشنى تۈزۈك تەرتىپكە سېلىش دولقۇنىمۇ ھامان بىر كۈنى قوزغىلىدۇ، لېكىن تولىمۇ كېچىككەن بولىمىز...
بىر كۈنى كۈندۈزدە قاتناشنى تەرتىپكە سېلىشقىمۇ ئاجرىتىلىپ بىر يول دوقمۇشىدا يېرىم كۈن تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قاۋاق بوتكىلىرىغا چۈشكىچە ئۇ يەر-بۇ يەردىن "قىز"لار كېلىپ ئاينىپ قېلىشقا باشلىدى. ئۇلار دۇكان ئىشىكى ئالدىغا بەلدىڭ قويۇۋېلىپ ياكى پەلەمپەيدىلا ئولتۇراتتى. بۇ يەردىن يېقىن ئۆتۈپ قالغان ئەركەك زادىنى "كىرمەمسىز" دەپ چاقىراتتى...
لېكىن ئىككى ئۈچ ساقچىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىدىن قورقتى بولغاي بۇ يەرگە شوۋا ئىچكىلى كەلگەن كىشىلەر بىردە ئۇلارغا بىزدە بىزگە قاراپ قويۇپ يا يىراققا كەتمەي يا دۇكانغا كىرمەي شاپاق ئەتراپىدىكى چىۋىندەك ئولاشقىلى تۇردى. شۇ كۈنى دۇكاندارلارنىڭ "نورمال تىجارىتى"نى بىز ئۈچ ساقچى ئۆلتۈردۇق. ,)
ئاخىرى بىر خۇجايىن چىداپ تۇرالمىدى بولغاي، قېشىمغا كېلىپ، سېرىقبۇيىنىڭ پىشىپ يېرىلغان چىلگىسىدەك ھىجىيىپ بىر تال تاماكىنى سۇندى-دە، سورىدى:
_ ساقچى، بۇ يەردە قانچىلىك تۇرىدىكەنسىلەر،يۇقۇرىدىن باشلىق كېلەمدىكەن؟
_ سائەت ئۈچكىچە تۇرىمىز، نېمە بولدى؟ )
_ ھېچنېمە بولمىدى، ھېچنېمە بولمىدى، سوراپ باقتىم..._ ئۇ شۇنداق دەپ دۇكىنىغا باش چايقىغىنىچە كىرىپ كەتتىم.
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ تاماكىنى مىجىپ نېرىغا تاشلىۋەتتىم...
ئەگەر يول قويۇش مۇشۇ ھالەتتىلا كېتىۋېرىدىغان بولسا "ئاياللارنىڭ ئىپپەت- نۇمۇسىنى سېتىشقا ئويۇشتۇرۇش" قىلمىشى ساقچىلاردىن ھېيىقماي قىلىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق ئەركانلىرىغا مۇخالىپ كەلمەيدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ...
ئۇ يەردىكى ئىشتىن چۈشۈپ فورمامنى سېلىۋېتىپ، ئادەتتىكى پۇقراچە كىيىمىمنى كىيىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.
يەنە بىر "ساھىپجامال"لار كوچىسىدىن ئۆتۈش توغرا كېلىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا بىر دۇكاننىڭ ئىشىك تۈۋىدىلا ئولتۇرغان بىر ئۇيغۇر "قىز" كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنى ئۈستىگە قەستەن قايرىۋېتىپ "ئولجا" كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىكەن.
_ ھۇي يىگىت، چۈشمەملا!_ دېدى.
ناھىيىتى سەت ھومىيىپ قارىدىم، شالاققىدە ئالدىغا تۈكۈردۈم.
كۆزۈم ئۇنىڭ چېتىنى ئاران ياپقان كالتە ئىشتىنىنىڭ تۈۋىنىدىكى ماركىغا چۈشۈپ قالدى. يەنە بىرنى شالاققىدە تۈكۈردۈم-دە، يولۇمغا راۋان بولدۇم...
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شەبنەم پۇلى:+20(bilgar) ئالقىشلانغا ..
  • شۆھرەت:+10(saadat) ئالقىشلانغا ..
  • بېلەت تاشلاڭ
    ھايۋاننى چۈشۈنىشكە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشۈنىشكە بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ!
    | ۋاقتى : 2008-04-10 10:14 [باش يازما]
    ahtorna0999

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23965
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 452
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە452دانە
    شۆھرەت: 483 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4365 سوم
    تۆھپە: 38 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-19
    ئاخىرقى :2008-04-14

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز ~~رەخمەت دەت بەرمىسۇن قولىڭىزغا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


    يولداش سىز   قالايمىقان ئىنكاس يازماي  ئەستايدىل بۇلۇشنى ئۈگنىڭە .
    بۇ خۇرسەننىڭ  ئەسرى   ئەمەسكەن ئەنۋەر جۇلانىڭ ئەسرى ئىكەن .  سىز بۇ ئەسەرنى بىردەمدە ئۇقاپ بولدىڭىزما .
    رەھمەت دەرت بەرمىسۇن قۇلىڭىزغا دىگەن سۆزنىڭ ئاخىرىغا  ؟ مۇشۇ سۇئال بەلگىسى كېلەمدۇ ؟ سۇئال بەلگىسىنى سىز چۈشنەمسىز ؟  بۇندىن كىيىن ئىنكاس يازسىىڭىز  دىققەت قىلىڭ بۇ ئەسكەرتىش .  باشقۇرغۇچىدىن
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-10 10:21 1 -قەۋەت
    kitaphumar

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 11950
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 73
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە73دانە
    شۆھرەت: 74 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 730 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :32(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-02-13
    ئاخىرقى :2008-04-10

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    قارىغاندا بۇ تىمىدىكى ۋەقەلەر راسىت بولغان ئىشلاردەك تۇرىدۇ،بۇنداق رىئاللىقتىن ئېلىنغان تېمىنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
    بېلەت تاشلاڭ
    مەن كىم؟
    | ۋاقتى : 2008-04-10 10:36 2 -قەۋەت
    manxu@1

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27209
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 402
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە402دانە
    شۆھرەت: 403 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4020 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :142(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-08
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بۇنىڭغا  نىمە  دىگۇلۇك  .ھۆكەمەت  ئورۇنلىرى  بۇنى  توسمايدۇ .ئەكسىچە مۇشۇنداق  سۇرۇن  تەييارلىغانلارنى  يۇلەپ ......................
    بولدى  ئوشۇق  سۆزلىمەي  ،بۇ  تىمىنى  كۆرۇپ  جەميەتنى  ئىنىق  كۆرۇپ  يازغانلىقىنى  بىلىپ  قالاي.














    ئاللاھ  بەندىلىرىنىڭ  كۆڭلىگە  ئىنساپ ،ئىمان  ئاتا  قىلغاي.
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-10 10:53 3 -قەۋەت
    kalima

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 35470
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 86
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە86دانە
    شۆھرەت: 87 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 860 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :76(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-14
    ئاخىرقى :2008-04-12

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ناھايىتى ياخشى يېزىلغان تىمىكەن،بۇلۇپمۇ ھازىر جەمىيىتىمىزدە ئەۋج ئېلىۋاتقان ،مىللىتىمىزنى خاراپلاشتۇرۇپ،ئىماننى سۇسلاشتۇرىۋاتقان ناچار خاھىشلار  ئېچىپ تاشلىنىپتۇ،بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ  ئۇنداق ئىشلار  خېلى  كۆپ،شۇنداقلارنى كۆرسەم بەك  نەپرەتلىنىمەن،مۇشۇنداق يەرلەرنى ھۈكۇمەت ئورنىدىكىلەر  نىمىشقا توسمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كىتىمەن،يىغىپ ئېيىتقاندابۇنىڭ ھەممىسى نادانلىق قالاقلىقنىڭ ئالامىتى،بۇنداق ئىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىشى مىللىتىمىزنى خاراپلىشىشىقا ئېلىپ بارىدۇ خالاس،

    ئەي نادان ئۇيغۇر  ئويغان ،ئۇيقۇڭ يىتەر،
    سەندە مال يوق ،ئەمدى كەتسە جان كىتەر.
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-10 10:56 4 -قەۋەت
    wesal

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13179
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 668
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە668دانە
    شۆھرەت: 669 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6600 سوم
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :371(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-03-18
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ھەي قاچان تۇزۇلەر.ۋاي خۇدايىم بالايى -ئاپەت دىگەن مۇشۇدە دىھقانلارئاساسلىق نىشانى ئىكەن تىخى .ساقچىلارقاراپ تۇرۇشنى بىلدىكەندە............                  
    بېلەت تاشلاڭ
    بىركىتاپ -بىرئالەم .
    | ۋاقتى : 2008-04-10 11:01 5 -قەۋەت
    akida513

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 34134
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 14
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
    شۆھرەت: 15 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 140 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-02-28
    ئاخىرقى :2008-04-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بۇ ئىش بىزنىڭ بۇيەردىمۇ خىلى كۆپ، ئۆيگە قايىتقۇچە دۇكان ئالدىدا ئولتۇرۇپ مىھمان كۈتىۋاتقانلارنى، كۆرنۈشتە ياۋاش كورنىدىغان نادانلىرىمىزنىڭ ئالدىغا بىرىپلا نەچچە پۇل دەپ نەرقىنى سورايدىغان، نەرقى توغرا كەلمىسە ئۇلاردىن دەككىسىنى يەپ كىتىپ قالىدىغانلار كۆپ.
    ئاللا ئىگەم ئاشۇنداق پەرىشتە سۈپەت دىھقانلىرىمىزنىڭ ئازغۇن كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!!!
    | ۋاقتى : 2008-04-10 11:10 6 -قەۋەت
    kiran0998

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37761
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
    شۆھرەت: 8 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-09
    ئاخىرقى :2008-04-10

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

      ئامالقانچە ئاللا ھەر بەندىسنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن
    | ۋاقتى : 2008-04-10 11:26 7 -قەۋەت
    BAGZADA

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 34835
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 210
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە210دانە
    شۆھرەت: 211 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1970 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-07
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ياخشى يىزىپسىز  ................سىز ساقچىمۇ
    ياشلىق........
    | ۋاقتى : 2008-04-10 11:42 8 -قەۋەت
    nefit.ixqisi

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 27454
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 155
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە155دانە
    شۆھرەت: 156 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1550 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :64(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-11
    ئاخىرقى :2008-04-11

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بۇتېما ناھايىتى ياخشى يىزىلىپدۇ .رەخمەت سىزگە قۇلىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن.  ھەر قانداق ئۇيغۇر مىللىتى يەنى مۇسۇلمانلا    ئاللا نى ھەردايىم ياد ئىتىپ تۇرغاندىلا بۇجەمىيەت تۈزىلىدۇ .

    دۇنيادا بەز يىمەيدىغان مۈشۈك يوق      لىكىن بىز مۈشۈك ئەمەسدە        تاغنى تالقان قىلىدىغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىبىز.
    ئەخلاق - ئادەم زىننىتى .
    | ۋاقتى : 2008-04-10 11:48 9 -قەۋەت
    yultuz701

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37857
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
    شۆھرەت: 24 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-04-10
    ئاخىرقى :2008-04-12

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ناھايىتتى  ياخشى تېمىكەن. ھەي !  ئويغان ئۇيغۇرۇم!!!!
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-10 12:07 10 -قەۋەت
    bihlan007

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 33388
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
    شۆھرەت: 14 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :75(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-02-21
    ئاخىرقى :2008-04-13

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مۇشۇ ساقچىلارنى كۆرسەم بەك ئۆچلۈكۈم كىلىدۇ.تىرورچى دىسە جېنىنى تىكىپ يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈدۇ،ئەجىبا مۇشۇ پاھىشە،ئوغىرى،يانجۇقچى دىگەنلەرنى يوقىتالماسما،مۇشۇنىڭدا مەقسەتلىك بىر ئىش بارمىكىن دەيمەن.
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-10 12:21 11 -قەۋەت
    bikarqi

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 12722
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 206
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە206دانە
    شۆھرەت: 216 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2150 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :560(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-03-08
    ئاخىرقى :2008-04-12

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىدىن پاھىشىلەرنىڭ قېنىنى تەكشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا ساغلاملىق كىنىشكىسى بېرىدىكەن.دىمەك سىرتتىن كۆڭۈل ئاچقىلى كەلگەنلەر كىنىشكىنى كۆرگەندىن كېيىن خاتىرجەم ئوينايدىكەن.مانا بۇ دېمۇكىراتىك ھاكىميەتنىڭ ئۇلارغا يېقىپ بەرگەن يېشىل چىرىغى ۋە خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگىنى.    
    بېلەت تاشلاڭ
    سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
    | ۋاقتى : 2008-04-10 12:35 12 -قەۋەت
    EBNUR1

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 14428
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 184
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە184دانە
    شۆھرەت: 185 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1840 سوم
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :169(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-04-13
    ئاخىرقى :2008-04-12

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

            ھەي ... نىمە دىگۈلۈك، بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە، كۆرۈپ تۇرۇپ كورمەسكە سېلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس،تېما ئىگىسىنىڭ ساقچى بولۇش بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس، ئەمىلى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ساقچىلار بارمۇ؟ بۇ خىل ناچار، ئىپلاست ئەھۋاللارنى توسىدىغان ،جازالايدىغان قانۇننىڭ بولىشى بەكمۇ مۇھىم ئىدى.
          ئەرلەر ۋاپادار ئەر بولسا، ئاياللار پەزىلەتلىك ئايال بولسا، ياشلار ئەخلاقلىق- ھايالىق بولسا ئۇ بىرنىمىلەرمۇ بازار تاپالمايتى بەلكىم. ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ئىگە بولايلى قېرىنداشلار !!!
    بېلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-04-10 12:44 13 -قەۋەت
    BOSS010

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34946
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 342
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە342دانە
    شۆھرەت: 343 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3420 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :117(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-08
    ئاخىرقى :2008-04-14

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بۇ خەق ئۆزىنىڭ خوتۇن -قىزلىرىنى سولايدىغان خەق بولغانكىن ،ئەلۋەتتە توسمايدۇ .خۇدا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن .تېما ئىگىسىگگ رەھمەت ،رىئاللىقنى ئىپادىلەپسىز .
    بېلەت تاشلاڭ
    ئۇلۇغ اللا ئۆزۈڭگە سېغىنىمەن!!!شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىدىن پاناھ تىلەيمەن.
    | ۋاقتى : 2008-04-10 12:51 14 -قەۋەت
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )


     
    شەبنەم كىنو قانىلى
    Time now is:04-14 03:05, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation