| |||||||||
otyak | ئۆينى بۇزۇپ تېگىمەن( ئوتياق)ئۆينى بۇزۇپ تېگىمەن ( شېئىر ) ئۆينى بۇزۇپ تېگىمەن ، قېرى بولسا ھە.. دەيمەن . پۇلى چەكسىز بولسىلا ، ئېغىزىمدا ئە دەيمەن . ئۆينى بۇزۇپ تېگىمەن ، باللىرىغا نە كارىم . راھەت بولسا بولدىغۇ ؟ تاتلىق شىكەر دەپ ئېرىم . ئۆينى بۇزۇپ تېگىمەن ، پايدىلانسام بولىدۇ . باشقىسىنى قويۇڭلار ! پۇلغا يانچۇق تولىدۇ . ئۆينى بۇزۇپ تېگىمەن ، ئەسلى كۆڭلۈم كوچىدا . ئۆزۈم خۇشال يۇرۇيمەن ، ياش باللارنىڭ قولىدا . ئۆينى بۇزۇپ تېگىمەن ، ھالى كەتسە كېتىمەن . خۇشاللىققا مۆھتاجمەن ، مەخسىدىمگە يېتىمەن . ئۆينى بۇزۇپ تېگىمەن ، ياخشى كۆرۈپ نە قىلاي ؟ مەخسىدىمگە يەتكەندە ، ئۇنى كۆزگە نە ئىلاي ؟ ! ئاپتۇرى: يۇسۇپجان سابىر ئوتياق | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sad~da دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | پەرۋىن ئەپەندىمنىڭ مۇنۇ شىئېرسىنى سىلەرگە سۇندۇم:
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ پەرۋىن ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ! پۇل تۇتارسەن قولۇڭدا، تىزىق-تىزىق تىللادا، قۇل بولارسەن تويۇڭدا. ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ! گۈلدەك بولسۇن رۇخسارىڭ. شەرتىم ئاددى پەقەتلا، خوش بېگىمدۇر شۇئارىڭ. ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ! ئالتۇن ئوردام داچاڭدۇر. گەر ئۇنۇتساڭ ئەسلىڭنى، ئۈچ تالاقمۇ قاچاڭدۇر. ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ! خانىش ئاتلىق ئاتاق بار. ئالتۇن دىمە چاقنىغان، پۇت قۇلۇڭدا تاقاق بار. ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ! پۇل مېلىمنى كۆزلەپ قوي.! يەر قىلغانمۇ ئايالغۇ؟ كۇچۇڭ يەتسە تۈزەپ قوي.! ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ! باگزادىمەن ھەم سېغى. پۇل قەستىدە يۈرگەن قىز، تۇغۇلدۇڭمۇ سەن تېغى ...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BMW-760 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى ئوخشۇتۇش بوپتۇ.... ھارمىغايسىز... مۇنبەردىكى << بۇ نىكاھنى ساقلاپ قىلىش كىركمۇ >> دىن ئىلھاملىنىپ يازغان ئوخشىمامسىز؟؟؟؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
NYC دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خا خا خا~~~~~مۇشۇ كۈنلەردە قەلىمىڭىز كۈچلۈك بولۇپ كەتتى جۇمۇ ~~~!!!داۋاملىق تىرىشىڭ~~~
| ||||
---|---|---|---|---|---|
نازى دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى يېزىپسىزغۇ ....ئالدى بىلەن توۋا دەپ ياقامنى چىشلىۋېتەي .....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
amirika دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىلھاملىنىپ يازغان ئوخشىمامسىز؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kamgak0998 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | adamning elhami kalganda bak kabiliyatlik bolup kitidikan
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazuk116 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ ئەسەرنى قايسى بىر تور بەتتە كۆرۋىدىم .باشقا تور بەتىمۇ ئوينايدىغان ئوخشايسىز ھە؟ئىسىل ئەسەرتى بۇ ئۆز ۋاقتىدىمۇ؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
turghun500 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بەزى ئاياللار ئاگاھ بولۇڭلار! ئەرلىرىڭلارنىڭ قەدىرىگە يەتمىسەڭلار ئىشىڭلار چاتاق 。。。。。。。
| ||||
---|---|---|---|---|---|
muslims دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | 153نىڭ يېزىش ھۇقۇقى چەكلەندى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nargiza18 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | اللا ئىگەم ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
uqkun500 دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | ئۇنداق قىزلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ ياخشى يېزىپسىز
| ||||
---|---|---|---|---|---|
BAGZADA دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئوينى بۇز دىغىنى ئەر مۇ يا ئايالمۇ.....................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BAGZADA دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى يىزىپ سىز...........................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | بۇ شېئىرىڭىزمۇ خوتۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمامدۇ ؟ قارىغاندا خوتۇن پۇرۇچ ئوخشىمامسىز؟خوتۇن .......خوتۇن .....دەپلا يۈرىيدىكەنسىز ئوتياق ئەپەندى ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|