| |||||||||
arkam82 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دەرﺗﻤﻪن ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﺳﺮەﺗﻠﯩﻚ «ﺋﯩﻘﺮارى»دەرﺗﻤﻪن ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﺳﺮەﺗﻠﯩﻚ «ﺋﯩﻘﺮارى» «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» ﻣﯘﺧﺒﯩﺮى ﺑﺎھاۋۇدۇن ﻛﯧﺮەم ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰ ﻗﯩﺰ. ﺑﻪزﯨﺪە ﺋﻮﻳلاپ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن، دۇﻧﻴﺎدا ﻣﯘﻧﭽﻪ دەرد - ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻪ ﺋﯚﻟﯜﭘلا ﺗﯜﮔﻪﺷﺴﻪم ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ - دەپ. ﺑﯩﺮاق، ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﭽﺎرە، ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﭽﺎن ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﻣﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻳﻤﻪن. ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ دەپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﻳﯜدﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ دﯦﻤﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎم ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن ﺑﯘ رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰ دۇﻧﻴﺎدﯨﻦ، ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﯟاﭘﺎﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎن ﺑولاﺗﺘﯩﻢ ... ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ. ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎم ﺷﯘ ۋﯨﺠﺪاﻧﺴﯩﺰ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﻪﺑﻠﻪخ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﻣﯩﯖلارﭼﻪ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎن ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن، ﺋﯚﻛﯜﻧﯩﻤﻪن. ﺑﯩﺮاق، ﺋﺎﻣﺎل ﻳﻮق، ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻜﻪن. ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﻟﻪپ ﺗﯘردى ۋە ﺋﯘزۇن ﺋﯚﺗﻤﻪي ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﻮﻳﺪى. ﺗﯘۋا ﺧﯘداﻳﯩﻢ، ﻗﯩﺰلار ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺷﯩﻜﻪر ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺧﯘدﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﯘﻳﺎﻣﺪۇ - ﻗﺎﻧﺪاق؟ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺰلا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺳﯘﺧﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪن. ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪەك ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜردۇق. ﺑﯩﺮاق، ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ... ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ ﻛﯜز ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﯩﺪى. -- ﻛﻪچ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪى، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮەر ﻳﺎﺗﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﻳﻠﻰ، - دﯦﺪى ﺋﯘ. «ﺋﺎﻟﯩﻤﻪن دەپ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘزۇن ﺋﺎرﯨلاﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺮەر ﭼﺎﺗﺎق ﭼﯩﻘﻤﺎس»، دەپ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻣﺎﻗﯘل دەﭘﺘﯩﻤﻪن. ﺑﯩﺮاق «ﻣﺎﻗﯘل» دﯦﮕﻪن ﺷﯘ ﮔﯧﭙﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻟﺪۇرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻧﻤﻪن. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪرﺳﻪﻣﺪﯨﻦ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﯘزۇن ﺋﯚﺗﻤﻪي ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮارلاﻧﺪى. ﻣﻪن ﺷﯘﻧﺪﯨلا ﺑﯘﻳﯘﻣﺪا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ. -- ﺑﯘﻳﯘﻣﺪا ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ؟ - دەپ ﺳﻮرﯨﺪﯨﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻲ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪا «ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﺑﻮﻟﯘڭ، ﮬﺎﻣﺎﻧﻰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﯘرﺳﺎم» دﯦﮕﻪن ﺑﯘ «ﺋﻪرﻛﻪك» ﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺟﺎۋاﺑﻰ «ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰدﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪۇرۋﯦﺘﯩﯔ، ﻣﻪن ﮬﺎزﯨﺮ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ» ﺑﻮﻟﺪى. ﺑﯘ ﺟﺎۋاﺑﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩلاﺟﯩﺴﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎردﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ دەرد - ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﺋﺎﯕلاﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﺪى. -- ﺑﺎلاﯕلارﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪرز ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن، - دﯦﺪﯨﻢ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ. -- ﺋﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻤﺎڭ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺑﺎلام، ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﮬﺎزﯨﺮﭼﻪ ﺋﺎﻟﺪۇرۋﯦﺘﯩﭗ ﺗﯘرۇڭ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن، ﺋﯘزۇﻧﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻳﺪۇرۋﯦﺘﯩﭗ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﯟاﻟﯩﻤﯩﺰ، - دﯦﺪى ﺋﯘلار ﻳﯘﻣﺸﺎپ. ﺋﺎھ ﺧﯘدا! ﺑﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﺪى. ﻧﯧﻤﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰ ﺗﻮﻏﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪن. ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩلاي؟ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﭽﺎن ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ، دوﺳﺖ - ﻳﺎرەﻧﻠﻪرﮔﻪ دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ... ﮬﻪ راﺳﺖ، ﻗﺎﻧﯘن ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﺎي، ﺋﯘلار ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق ﺑﯩﺮەر ﻳﻮل ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪپ ﺋﻪﻣﻪس. ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﭘﻪﻳﯩﺖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺋﺎدۋۇﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪپ ﺑﺎردﯨﻢ. ﺋﯘلار ﻣﺎﯕﺎ «ﺋﻪرز ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﺎلا ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸلار ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ، ﮬﻪر ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺗﯜپ ﺋﯩﺴﭙﺎت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘڭ»، دﯦﮕﻪن ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﻰ ﺑﻪردى. ﺗوﻏﺮا، ﺑﯘﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﻟﺪۇرﯨﺮاق ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪن. ﺋﻪﺗﯩﺴﯩلا ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺗﻜﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﺑﯩﺮ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎردﯨﻢ، ﺑﯩﺮاق ﺑﯩﺮ دوﺧﺘﯘر: -- ﮬﺎﻣﯩﻠﻪ ﺑﻪك ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﻪن، ﺗﻪﻛﺸﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، - دﯦﺪى ... ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎم، ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎزﻏﯩﻠﻰ ﺋﺎزلا ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن. ﺷﯘﻧﺪاق، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎم، دوﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ۋە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ «ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ»ﻟﻪرﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮى، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ «ﺋﻪرﻛﻪك»ﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪۇرۋﯦﺘﯩﺶ ﺗوﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺳﯘﺧﻪﻧﻠﯩﺮى، ۋەدﯨﻠﯩﺮى، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻧﯘﻣﯘﺳﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘلاﻧﻤﺎﻗﺘﺎ ﻳﻮق، ﻧﯘﻣﯘس ﺋﻪﮬﻜﺎﻣﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘپ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋەز - ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺮى ﻣﯧﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎزدۇرﻏﺎﻧﯩﺪى. «ﻣﺎﻗﯘل، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎدەم ۋەدە ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ» دﯦﺪﯨﻢ ﺋﺎﺧﯩﺮ. ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩلاردﯨﻦ ﻳﯘﺷﯘرۇﻧﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ رۇﺧﺴﻪت ﺳﻮراپ، دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا ﻳﺎﺗﺘﯩﻢ. ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘلاردا ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎرﯨﺪى. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺰﻟﯩﻤﯩﺪى. -- ﻳﯘﻗﺎﭘلا ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰﻏﯘ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺴﯩﺰ؟ -- ﻣﻪن دﯦﮕﻪن ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﺎر ﺋﺎدەم، ﺋﺎڭ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯘﻣﻨﻰ ﭘﺎراﻛﻪﻧﺪە ﻗﯩﻠﻤﺎ! -- ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﻤﻪڭ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﭼﺎ - ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎردۇ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻧﯧﻤﻪ دﯦﮕﻪن؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﯧﻘﯩﻠﻐﺎن؟ -- ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎ ... دۇﻧﻴﺎدا ﺑﻪز ﻳﯧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻤﯘ ﻣﯜﺷﯜك ﺑﺎر دەﻣﺴﻪن. ﺳﻪﻧﺪەك ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻪزﻧﻰ ﻳﯧﻤﯩﮕﻪن ﻣﯜﺷﯜك ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯜﺷﯜك ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﯧﻴﯩﻨﻠﯩﻜﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎڭ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺳﺎﻟﺪۇرۋاﻟﺴﺎﯕلا ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ... -- ﺋﯜﺳﺘﯜﯕﯩﺰدﯨﻦ ﺋﻪرز ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن. -- ﻗﯩﻞ، ﺋﻪﻧﻪ ﺳﻮت، ﻗﻮﻟﯘﯕﺪا ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﯔ ﺑﺎرﺗﺘﻰ. ... ... ﮬﻪﺋﻪ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻢ ﻳﻮق. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺗﯜﺷﺘﻪ ﭼﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪن؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺋﯘلار ۋەدە ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە ﺋﯩﺴﭙﺎت ﺧﻪت ﻳﺎزدۇرۋاﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪن؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺋﯘلارﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧلا ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﻪن؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﻏﺪﯨﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪن؟ ... ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻢ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻪن، ﮬﺎزﯨﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺷﻜﺎرلاﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻢ زاﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﭼﺎ - ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺒﺮەت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﺎلاس. ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺮەت ﺋﯧﻠﯩﯖلار، ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﻧﺪەك ﺳﺎددﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻣﯜر ﺧﺎﺗﯩﺮەﯕﻠﻪرﻧﻰ ﮬﻪﺳﺮەﺗﻠﯩﻚ داﻏﻠﯩﻤﺎﯕلار! * * * ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎن ۋەﻗﻪ. ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕلاﺷﻘﺎن ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﺳﺮەﺗﻠﯩﻚ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕلاپ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺋﻮﻳﻐﺎ ﭘﺎﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯘ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﺘﯘرﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘۋالاﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﺪى. ﻳﯩﻐلاڭ ﻗﯩﺰﭼﺎق، ﻗﺎﻧﻐﯘﭼﻪ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯔ. ﺳﺎددﯨﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯩﺶ ﺋﯘﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯜﮔﯜن ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻳﯩﻐلاﺗﺘﻰ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﭘﺮەك ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯩﭻ ﺑﺎﻏﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﺷﺎپ، دەرت - ﺋﻪﻟﯩﻤﯩﯖﯩﺰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﻪپ ﻗﺎلار. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺷﯘﻧﻰ دﯦﮕﯜم ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺴﯩﺰ دۇﻧﻴﺎ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﻪﻣﻪس، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯘل ﺗﯧﺸﻰ. ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜك، ﺳﻪﻣﻤﯩﻴﻠﯩﻚ، راﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻖ ۋە ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚزى ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﺋﺎﭼﺎ - ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﻳﻠﻰ، ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاپ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺑﺎﻏلاپ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻠﻰ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜۋرۈﻛﻰ، ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﭼﺎ - ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﯘلاﻳﻠﻰ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻠﯩﻖ ۋە ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ دەل ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯘر. ___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-09
| ||||
---|---|---|---|---|---|
zhawlan123 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھەي ،بۇنى ئوقىغىچە ياشلىرىم توختىماي كەتتى ......................
ھەي ...........ساددا سىڭىللىرىم ،سىلەر نىمە دەپ ئۈز ئىپپىتىڭلارنى ئاشۇنداق جايدا ،ئاشۇنداق بىۋاپا كىشىلەرگە ،ئاشۇنداق ئاسانلا بىرۋىتىدىغانسىلەر............... ئى ،ئاللا قىزلىرىمىزغا ئەقىل -پاراسەت،ئىمان،شەرمىي -ھايا ئاتا قىلغايسەن!!!!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
M... دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | شۇنداق ئىتنىڭ باللىرى ھازىر جەمىتىمىزدە ئاز ئەمەس ~ئۇغۇللار ھەقىقى ئەركەكتەك ،قىزلىرىمىز مۇ شەرمى ھايا بىلەن ياشايلى ~~قىز ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئىنساۋىنى تىلەيمەن ~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھەممە گۇناھ يىگىتتىلا ئەمەسكەن. چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ ئەلۋەتتە.قىز بولغىچىمۇ ئۈزىنى پاك تۇتىشى كىرەك.ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ شىرىن گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئەمدى بىر ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قاپتۇ. بۇ بىر ھەقىقەت.ھەممە قىزلار كۈرۈشكە تىگەشلىك تىما ئىكەن.تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nabira | بەزى بىر قىسىم ئوغۇللاردا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كەملەپ كەتتى ،،، قىزلىرىمىزدا ئىنىساپ، ھايا،نۇمۇس قالمىدى ، بۇتۇغۇرلۇق كۈندە نەچچە تېما ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ھازىرىقى قىزلار ئانداق، قىزلار مانداق دېگۈچىلەرمۇ بولۇپ تۇردى، ھازىرىقى قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىۋاتىدۇ،بۇنى ئىنكار قىلمايمەن ، بىراق بەزى بىرقىسىم ئاقكۆڭۈل ساددا قىزلىرىمىزمۇ ئەشۇ بىر قىسىم مۇناپىقلار تەرپىدىن ئاياغ-ئاستى قىلىنىۋاتىدۇ، تەكتىلەيدىغىم ھەممىز يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسەك.،،بىر قىز ، كەلگۈسىدىكى بىر ئانا بولۇش سۈپتىم بىلەن بارلىق قىزلىرىمىزغا ئىنساپ، ھايا نۇمۇس، يىگىتلىرىمىزگە ئەركەكلىك تىلەيمەن .... اللا ھەممەيلەننى ئامان-ئېسەن قىلسۇن !!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Nazuk-qiman ئۇيغۇر قىزى | پەقەت بىر قەدەم ، خاتا ئېلىنغان بىر قەدەم ئۇ قىزچاقنى شۇ كۈنگە دۇچار قىپتۇ ، بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
omarjappar11 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يازمىڭىزنى كۆرۈپ بەك چوڭقۇر ئويلۇنۇپ كەتتىم،سەۋەپ زدى كىمدە؟ ئوغۇل بالىدىمۇ ياكى قىز بالىدىمۇ؟ ۋە ياكى ئاشۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىمۇ؟...............................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arkam82 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەسسالامۇئەلەيكۇم، gulqikiz، سۆزىڭىزنىڭ ئاساسىي بار، بىر قىسىم ئىشلاردا ئوغۇللاردىنلا ئاغرىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، خېلى بىر قىسىم ئوغۇللىرىمىز، ھالقىلىق پەيىتكە كەلگەندە، ھەرگىزمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئوغۇللارنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى.
شۇڭا كەلگۈسى ئائىلىنىڭ ئانىسى بولمىش قىزلىرىمىزمۇ ھەر قانچە ئوتلۇق مۇھەببەت قايناملىرىغا، ئوتلۇق ۋەدىلەرگە غەرىق بولۇشقان بولسىمۇ، قارشى تەرەپكە بەك ئىشىنىپ كەتمەي، ئالدى بىلەن ئۆزىنى قوغداشنى بىلىشى ۋە ئۆگىنىشى، ھېسسىياتىنى كونتىرول قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. | ||||
---|---|---|---|---|---|
maripat1 دەرىجىسى :تېما چولپىنى | بىردەملىك ھاياجىنىنى باسالماي، ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالدىغان نادانلار نىمە ئانداق كۆپتۇر.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nefit.ixqisi دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن بىرلا ئېغىز سۆز بىلەن خۇلاسىلاي
يىڭنىنى مىدىرلاتماي تۇتمىسا يىپ ئۆتكەزگىلى بولمايدۇ . مىللىتىمىزنىڭ ئانىسى بولغان قىزلار ئىپپىتىنى چىڭ ساقلىشى كېرەك | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Naikon.x | دۆت ..... قىز بەك دۆتكەن ...... مېنىڭچە گۇنا قىزدىنمۇ ئۆتۈپتۇ ، ئوغولنىغۇ دېمەيلە قوياي . ئو بىر ئىپلاسكەن ... ۋىجدان يوق كەن !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tax~na دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەك دوت قىز بالىكەن ئۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|