| |||||||||
otyak | توۋا قىلىپ تۇرىمەن ( ئوتياق)توۋا قىلىپ تۇرىمەن ( مەسنىۋى ) توۋا قىلىپ تۇرىمەن، كۇچ-ماداردىن قالغاندا ، بىلمەپتىمەن ئۆزەمنى، ياشلىققا ئات سالغاندا . توۋا قىلىپ تۇرىمەن ، قىرانلىققا تولغاندا ، توغرا يولمۇ تاپالماي ، ئازغۇن شەيتان بولغاندا . توۋا قىلىپ تۇرىمەن ، نازىنىنغا قاش ئاتقانغا ، ئۆز قەدرىمنى خاراپ قىپ، زەي پاتقاققا پاتقانغا . توۋا قىلىپ تۇرىمەن ، ئېچىپ-چېكىپ يۇرگەنگە ، ئۆز-ئۆزەمنى پايلىماي، كەيپى-ساپا سۇرگەنگە . توۋا قىلىپ تۇرىمەن ، دايىم قىمار ئاتقانغا ، يانچۇقۇمدا پۇلۇم يوق، ئەمدى بېشىم قاتقانغا . توۋا قىلىپ تۇرىمەن ، مەندىن ئامەت قاچقانغا ، نامراتلىقنىڭ ئىشىكى، قۇچىقىنى ئاچقانغا . توۋا قىلىپ تۇرىمەن ، زەيىپلىشىپ كەتكەنگە ، مېنى تاشلاپ ھەممىنىڭ، تەرەپ-تەرەپ يۇتكەنگە . توۋا قىلىپ تۇرىمەن ، غىرىپلىقمۇ يەتكەنگە ، بۇ ھالىمنى مازاق قىپ، ھەممە كۇلۇپ كەتكەنگە . توۋا قىلىپ تۇرىمەن ، قېرىلىققا يەتكەنگە ، بىر بىرىنىڭ كەينىدىن ، مەندىن قىيداپ كەتكەنگە . توۋا قىلىپ تۇرىمەن ، تەقدىرىمگە قىسمەتكە ، ئەل قاتارى ئوغلاندەك، ئىرىشمىگەن ھىممەتكە . توۋا قىلىپ تۇرىمەن ،ھايات شۇنداق ئۆتكەنگە ، ياخشىلىقتىن ئىز سالماي ، ئۆمۈر شۇنداق كەتكەنگە . ئاپتۇرى: يۇسۇپجان سابىر ئوتياق [ يوللىغانotyakتەرىپىدىن2008-04-08 23:14قايتا تەھرىر ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
BOSS010 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | قېرىغاندا توۋا قىلغاندىن ،ياش ۋاقىتتا ئەمەلىي ئىش قىلغان ئەۋزەل .<قېرىغاندا قىلغان ئىبادەت قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك ،ياشلىقىڭدا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك >.ياخشى يېزىپسىز
| ||||
---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | توۋا قىلسا ئاللا كەچىرىدۇ .شېئىرىڭىز ياخشى مەزمۇنلۇق ئىكەن رەخمەت ! توۋا قىلىپ بولۇپ يەنە قىلغۇلۇقنى قىلىدىغانلارمۇ بار بۇ جاھاندا ،شۇلارغا ياخشى بىر ئىبرەت بولۇپ قالسۇن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
layli0317 توغراق قىزى | شۇنداق، ھەممىمىز توۋا قىلىپ تۇرايلى، ئەمما خاتا ئىشنى قىلىپ بولۇپ ئەمەس.................ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Ark-zat ئەمەتجان مۇھەممەت | مەن مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ«توۋا دەيمەن توۋا...»
ناملىق شېئىرى بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ شېئىرىڭىزغا رەھمەت ئېيتاي: ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،ﺗﻮﯞﺍ... ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺑﯘﻟﺪﯗﻗﻼﭖ ﺗﯧﺸﯩﭗ، ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﺍ ﻗﺎﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﺷﻮﯞﺍ! «ﺳﻪﻫﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﺴﻪﯓ ﯪﺯ ﻳﻪ، ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﺗﯩﻠﯩﺴﻪﯓ ﯪﺯ ﺩﻩ»- ﺩﻩﻳﯩﺘﺘﻰ ﯪﺗﺎ -ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰ، ﻟﯩﻜﯩﻦ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻤﯩﺰ ﭘﯘﺗﺘﺎ ﯬﻣﻪﺱ،ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﺍ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺋﯧﯖﯩﺰﺩﺍ، ﺷﻪﻫﻪﺭ ﯪﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ، ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،ﺗﻮﯞﺍ..... ﻛﯚﺯ ﺋﯩﻜﻜﻰ،ﻗﯘﻻﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ، ﻗﻮﻝ ﺋﯩﻜﻜﻰ،ﯪﻳﺎﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ، ﺋﯧﻐﯩﺰ، ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻗﻪﺕ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﯲﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻫﯩﻜﻤﻪﺕ... ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﯬﻣﺪﻯ، ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﻳﯜﻛﻠﻪﭖ ﻳﯜﻛﻨﻰ، ﯮﯓ- ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺑﯚﻛﻨﻰ، ﮔﻪﭖ -ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ «ﺳﯘﺧﻪﻥ»ﺗﻮﻗﯘﭖ، ﺳﯩﯟﻩﺕ-ﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺳﺎﺗﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﻻﺯﯨﻤﻰ ﺗﻮﯞﺍ! ﻫﻪﻱ ﭼﻮﻛﺎ، ﻫﻪﻱ ﺳﻪﻥ ﭼﻮﻛﺎ، (ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ،ﺗﻮﯞﺍ ! ) ﯪﺵ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯬﺳﯟﺍﺑﻨﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯗﻕ ﯬﻣﺪﻯ؟ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺩﻭﺳﯩﺘﻼﺭ، ﺗﻠﯩﻢ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ ﺯﺍﺩﻯ. ﯪﺗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯰﺩﯗﻣﻤﯘ، ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﺗﯘﻟﯘﻣﻤﯘ، ﻳﺎ ﭘﻪﻳﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻟﻪﻧﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻣﻤﯘ؟ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺗﻮﯞﺍ ! ﻣﯘﻧﺪﯨﻦ ﯮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎﺭﺍﯓ ﻗﯘﻳﯘﻥ--- ﺋﯧﭽﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﯮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﻮﻧﺎ ﮔﯚﺭﻟﻪﺭﻧﻰ. ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﺸﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ، ﯬﺭﯞﺍﻫ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺗﻪﻛﻜﯜﺭ «ﻟﯩﻖ»ﯞﻩ«ﻟﯩﻚ» ، «ﺳﻪﻥ ﺳﻪﻫﺮﺍﻟﯩﻖ ،ﻣﻪﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ، ﯪﯞﯗ ﯪﺩﺍﺵ ﻗﻪﻳﻪﺭﻟﯩﻚ؟»--- ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯲﺗﻤﻪﺱ ﻣﺎﺗﺎ . (ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﺳﺎﺗﺎ،) ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ،ﺗﻮﯞﺍ ! ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﯪﺯﺩﻩﻙ، ﯰﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﺎﺯﺩﻩﻙ، ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﯰﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ، «ﻣﻪﻥ ﭘﺎﻻﻧﻰ ،ﺳﻪﻥ ﭘﺎﻻﻥ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﯬﺳﻠﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺕ، ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﯪﺕ. ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﯲﺯﻯ ﻛﯩﻤﻜﻪﻥ، ﯰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯧﯖﯩﻤﻤﯩﻜﻪﻥ؟ » ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻻﯞﺯﯨﻠﯩﻘﻼﺭ ﯬﺩﻩﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﺧﯧﻠﯩﻼ ، ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ،ﺗﻮﯞﺍ ! ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻧﻪﺳﻪﺑﻜﻪ، ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﻫﻪﻡ ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻜﻪ ، ﺗﯚﺭﻣﯘ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ ﺳﯚﺯﻩﯕﮕﯜﺭ ﺧﯧﻨﯩﻤﻼﺭﺩﻩﻙ، ﯮﻟﺘﯘﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ، ﻏﺎﺩﺍﻳﻐﺎﻕ ﺑﯩﮕﯩﻤﻠﻪﺭﺩﻩﻙ . ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻱ، ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ،ﺗﻮﯞﺍ ! 1983-يىل 10-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
manggutax | بەزى ئىشلارغا توۋا دېيىش كېرەك، يەنە بەزى ئىشلارغا ئۇنداق دېيشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
nurdun | ياش ۋاقتىدا توۋا قىلىش كېرەك ئۈلۈم كەلگەندە ،قېرلىق يەتكەندە قىلغان توۋا قۇبۇل بولمايدۇ
ئالامەتلە يېزپلا يۈسۈپجان مۇنبەرگە ئوت يېقىپ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|