| |||||||||
qogluk3.8 | سەن بەرگەن كۆكلەم (چوغلۇق)مېھرىبان نىياز چوغلۇق
ئارمىنىم مامكاپتەك كەتكەندە تۇزۇپ ، ئويغاندىم شەرىقچە تەپەككۇر بىلەن . ياشلىرىم يۈرەككە كەتتى سىڭىشىپ ، سەن بولدۇڭ قەلبىمدە ئىككىنچى ۋەتەن . سېغىنىش يۇرەككە تۇرار يۆلەكلىك ، تىترەيدۇ ھەر قېتىم سىنى كۆرگەندە. سېغىنىش تاپالماي ۋىسال پەسلىنى ، ھېجراندىن رەڭلىرى ئۈڭۈپ كەتكەندە. سەن مەندىن ئايرىلىپ كەتكەن ئاخشىمى، يۇلتۇزلار ھەسرەتتە يۇمدى كۆزىنى. يۈرىكىم باغلاندى پەقەت ساڭىلا، ئۇلغايتتى ئەسلىمەم تۇنجى سۆيگۈمنى. ئۆچمەستىن مۇھاببەت تۇرار يالقۇنجاپ ، سەن تېخى ھېلىلا ئىدىڭ شاھزادەم . قەلبىڭنى بەرسەڭمۇ باشقا بىر قىزغا ، قەلبىمدە ياشىرار سەن بەرگەن كۆكلەم . 2006-يىلى12-مارت | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turanshah دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ماڭا بەك ياقتى، لىكىن كۆڭۈىم ئازراق بۇزۇلۇپ قالدى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nurdun | ئاپرىن .،مىھرىبان بۇ تىمڭىزنى كۈرۈپ مەنمۇ تۇنجى سۆيگەن قىزمنى ئەسلەپ قالدىم .بۇ تىمىڭىز مىنىڭ ئاچچىق كەچمىشمنى ئەسلتىپ قويدى.
قەلبىدىن چىن سۆيگەن ئادەمنى ئۇنتۇش، جنايەت ۋە يەنە ئازاپتۇر دەھشەت، ساقايغان بىلەنمۇ جاراھەت ئەپسۇس، ئۇنتۇلماس ئەبىدى تۇنجى مۇھەببەت. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
judun | ئاجايىپ گۈزەل ۋە ئاۋات بىر شەھەر ، چوڭلۇقتا يوق ئۇنىڭ ھېكى-پايانى . ھەر رەستە ،ھەركوچا ۋاڭ-چۇڭلۇق بازار ، مىسالى دولقۇنلۇق ھايات ئوكيانى . * * * ئاجايىپ گۈزەل ھە گويا بوۋاقتەك ، شىرەدە ھەمنەپەس بولغان دېدارلىق . چىن دوستلۇق قول بېرىپ تۇرسىمۇ ئەمما، ۋە لېكىن مۆكۈنۈپ قالدى بىدارلىق . پارلىغان روھىڭدا نەۋرۇز كۈيىدەك ، ئۆزلىكى ئۈستىدىن غالىپ بولغان تەن . غۇبارسىز قەلبىڭنى باغاش ئېتىدۇ ، سەن كۈتكەن سۈيۈملۈك ئىككىنچى ۋەتەن . دېدار غەنىمەت مېھرىبان .ئىجادىيەتلىرڭىزدىكى سېھرى كۈچ ئاجايىپ تېگىدۇ سېھرى كۈچلەرگە . سىزدىن يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنىڭ چىقىشىدىن تولىمۇ ئۈمۈدۋارمەن .سالامەت بۇلۇڭ .رەھمەت.. ! | ||||
---|---|---|---|---|---|
parwin | ئارمىنىم مامكاپتەك كەتكەندە تۇزۇپ ،
ئويغاندىم شەرىقچە تەپەككۇر بىلەن . ياشلىرىم يۈرەككە كەتتى سىڭىشىپ ، سەن بولدۇڭ قەلبىمدە ئىككىنچى ۋەتەن . بۇ پارچىدىكى مۇنۇ مىسرانى قانداق چۈشەنگۈلۈك؟ ئويغاندىم شەرىقچە تەپەككۇر بىلەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
deldax دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شېرىڭىزدىن يەنە بىر روھلاندىم
| ||||
---|---|---|---|---|---|