ئىزىقىش فىلىمى ئامېرىكا ABC شىركىتى ئىشلىگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى، فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش ئۇسلۇبى خۇددى ۋوللىۋود فىلىملىرىدەك بولۇپ، سۈرەتكە ئېلىش، ئاۋاز بېرىش قاتارلىقلاردا ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنغان. فىلىمنىڭ ۋەقەلىگىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىمۇ ناھايىتى ياخشى ھەم ئەمەلىيەتكە ماس كەلگەن (بەزى بىر يەرلىرىنىڭ نىسبەتەن فانتازىيىلىك بولغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا)، ھېندىستاننىڭ كېنولىرىغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە مېليارد ھەسسە ياخشى دىيىشكە بولىدۇ (ھېندىستان كىنولىرى دۇنيا كېنوچىلىقىدىكى ئەخلەت ھېساپلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ كېنوسىنى 5 مىنۇتلا كۆرسىڭىز ھەممە مەزمۇنىنى پەرەز قىلالايسىز، لېكىن ماۋۇ كېنونىڭ ۋەقە تەرەققىياتىنى قەتئىي پەرەز قىلالمايسىز). بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىگى ناھايىتىمۇ مۇرەككەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پىرسوناژلارنىڭ تەقدىرى، ۋەقەلىك تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولىشىنى ھەرقانچە پەرەز قىلسىڭىزمۇ سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك چىقىشى ناتايىن، شۇڭا فىلىمنىڭ ئادەمنى قىزىقتۇرۇش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك (ئۆزىڭىز چۈشۈنۈپ بولغان نەرسىگە نىسبەتەن قىزىقىشىڭىز قالمايدۇ، چۈشەنمىگەن شەيئىلەرگە نىسبەتەن قىزىقىشمۇ كۈچلۈك بولىدۇ)، شۇڭا فىلىمنىڭ ئېرىشكەن ئىقتىسادى ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولغان (ھەر ھەپتىدە بىر قىسىمدىن قويۇپ چاتئەللىكلەرنىڭ پۇلىنى سۈپۈرۈپ بولدى بۇ گۇيلار).
تۆۋەندە مەن فىلىم توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
بۇ فىلىمدە خۇددى تۈرمىدى قېچىش فىلىمىغا ئوخشاشلا ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچىنىڭ غايەت زور بولىدىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، يەنى ھېچقانداق ئاياق ئىزى باسمىغان، ئۆزى يالغۇز تۈرمۇشىنى قامداش مۇمكىن بولمىغان ياۋايى ئورمانلىقتا، ئايروپىلان ھادىسىسىدىن ئامان قالغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىتتىپاقلىققا تايىنىپ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ھايات كەچۈرەلىدى ۋە ئورتاق دۈشمىنىگە تاقابىل تۇرالىدى، گەرچە ھېچكىم ھېچكىمنى تونىمىسىمۇ، تەقدىر ئۇلارنى ئۆز- ئارا ياردەملىشىشكە، ئۆز- ئارا ئىشىنىشكە ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى، كۆپچىلىك ھەممىسى ئۆزىنىڭ قولىدىن كەلگىنى بويىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ھايات قېلىشىدە بەلگىلىك رول ئوينىدى. مەسىلەن: جەك (دوختۇر) پۈتۈن كىشىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئىش تەخسىماتى قىلىش ۋە ئۇلارنى سالامەتلىكىنى ئاسراشتا ھالقىلىق رول ئوينىدى، يەنە ھاياتلىقنىڭ ئاساسى بولغان تاتلىق سۇنى تېپىپ چىقىپ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ كاپالىتىنى ياراتتى، جون لوك بولسا دەسلەپتە ئورمانلىقتىن يىگۈدەكمۇ نەرسە تاپالمىغان كىشىلەرگە ياۋا چوشقا تۇتۇپ ئۆلتۈپ گۆشىنى يىگۈزۈش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئاشلىق ئەندىشىسىنى يوقاتتى...... قاتارلىقلار. بۇلار ھەر قايسىسى ئۆز قولىدىن كەلگىنىچە تېرىشىپ، نۇرغۇن سىرلارغا تولغان، ئۆزىگە ناتونۇش بولغان بۇ ئارالدىن كېتىش ئۈچۈن تېرىشتى.
بۇ فىلىمدا يەنە بىر بىرىگە زىت بولغان كىشى ئوبرازلىرى يارىتىلغان. يەنى:
Jack نىڭ ئوبرازى-- كىشىگە ياخشىلىق قىلىشنىلا ئويلايدىغان، باشقىلارنىڭ غېمىنى قىلىدىغان، ئاقكۆڭۈل، قەيسەر، ھېچكىشىگە زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈشنى خالىمايدىغان، ھەممە كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدىغان بىر ئوبراز.
James (كىيىن قويىۋالغان ئىسمى Sawyer) ئوبرازى-- ھېچكىشىگە چىش كولىغۇچچىلىك پايدا يەتكۈزمەيدىغان، باشقىلارنى قارىغا دەسسەتسەم، باشقىلاردىن پايدىلانساملا دەپ ئويلايدىغان، ئۆز مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، باشقىلار ئۆزىگە ھەرقانچە ياخشىلىق قىلسىمۇ يەنە ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭغا يامانلىق قىلىۋېرىدىغان، يۈزسىز، ناچار كىشىلەرنىڭ ئوبرازى (ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇ خىل مىجەزنى يېتىلدۈرىشىدە تۇرمۇشى، ئەتىراپىدىكى مۇھىت چوڭ رول ئوينىغدان، لېكىن كىيىن ئۇ بۇ بىر تۈركۈم ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئارىسىدە ئازراق ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلدى).
يەنە دىسەك گەپ تولا، ئىشقىلىپ بۇ فىلىمنى قەۋەتلا ياقتۇرىمەن. سىلەرمۇ كۆز قارىشىڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار.
بۇ فىلىمگە ئائىت مۇنازىرەبۇ فىلىمنى كۆرۈش ئادرىسى