مىللەت ھەققىدە
تېيىپجان ئېلىيوف
سۆيىمەن دەيدۇ ھەر كىم مىللىتىنى ،
مىللەتنى ساتقۇچىمۇ دەيدۇ شۇنى.
سۆيۈشنىڭ راس- يالغىنى شۇندىن ئايان،
يەمدۇ يوق مىللىتىنىڭ غەم قايغۇسىنى.
تىللىساڭ ھامان باشقا مىللەتنى سەن ،
بولامسەن مىللىتىڭنىڭ قەھرىمانى ؟
مىللەتكە باشلاپ كېلەر يىتىمچىلىك ،
مىللەتنىڭ مۇنداق نادان مېھرىبانى .
ئۇ مىللەت پۈتۈنلەي داشقال بولۇپ ،
بۇ مىللەت كەم -كۈتسىز ئالتۇن ئەمەس .
ئۇ مىللەت پەگادىكى پالاز بولۇپ ،
بۇ مىللەت تۆرگىلا خاس دۇردۇن ئەمەس.
مېغىزى شاكىلى بار ھەر نەرسىنىڭ ،
ئەي ئەقىل ، شۇنداق چۈشەن مىللەتنىمۇ ،
بېيىيدۇ مىللەتنىڭمۇ پەزىلىتى ،
چۈشەنسە ئۆزىدىكى ئىللەتنىمۇ .
ياراتقان سېسىقلىققا سەسكىنىشنى ،
چىقارغان خۇش پۇراققا ئىشتىياقنى.
يۇيماستىن سېسىقىنى ماختانسا كىم ،
بۇلغايدۇ ئۆزىدىكى خۇش پۇراقنى.
تېيىپجان ئېلىيوف