سىز بۇ تېمىنىڭ 103ـ ئوقۇرمىنى
Eh!Huda

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 28565
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :47(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-27
ئاخىرقى :2008-04-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 يېقىملىق مۇئامىلە

بۇ تىمىنى ~uyghurjan~ : مۇنبەر مەخسۇس سەھىپىسى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-04-08)

 

يېقىملىق مۇئامىلە

ماميې ئادامس دائىم پوچتىخانىغا بېرىپ،خەت سالاتتى ياكى پوچتا ماركىسى سېتىۋالاتتى،چۈنكى ئۇ يەردىكى خىزمەتچىلەر كىشىلەرگە ئىنتايىن يېقىملىق مۇئامىلە قىلاتتى.
بىر يىلى مىلاد بايرىمى ھارپىسىدا ،ماميې پوچتىخانىغا ماركا سېتىۋېلىشقا باردى.ئۇ كۈنى ئادەم بەك كۆپ،ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كەتكەنىدى.بىرى ئۇنىڭغا ئۆچىرەت تۇرۇپ ئاۋارە بولغۇچە،ماركا سېتىش ماشىنىسىدىن ئېلىشنى ئېتتى.
_ئۇ يەردىن ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن،_دېدى ماميې،_بىراق ئۇ ماشىنا مەندىن رېماتىزمىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ،دەپ سورىمايدۇ.
يېقىملىق مۇئامىلە ۋە غەمخورلۇق رېماتىزم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارنى ئۇزۇن ئۆچىرەت ساقلاشقىمۇ رازى قىلىدۇ.
بۇ قىسقىغىنە پارچىنى <تەرمىلەر>نىڭ2008-يىل4-سانىدىن كۆردۈم.بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزەمنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئويلاپ كېلىۋاتقانلىرىمنىمۇ ھورۇنلۇق قىلماي يېزىپ چىقىشنى قارار قىلدىم.راست گەپنى قىلسام،مەن ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا خەت ئۇرۇشنى ئەمدىلەتىن ئۈگىنىۋاتىمەن.ئويلىغانلىرىمنى بۇ يەردە توغرا ۋە ئېنىق قىلىپ يېزىپ چىقىش مەن ئۈچۈن بىر مۇشكۈل خىزمەت.شۇنداقتىمۇ تىرىشىپ باقتىم.تورداشلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ياپونىيىدىكى ئوقۇشۇمنى تۈگىتىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىمگە ئىككى يىل بولاي دەپتۇ.ھەر قېتىم ئاممىۋى ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرۇپ ئىشقا ماڭغىنىمدا،شوپۇرلارنىڭ ماشىنىنى قاراملىق بىلەن ھەيدەشلىرى،يولۇچىلارغا تۇتقان قوپال مۇئامىلڭسىنى كۆرگىنىمدە،ياپونىيىدىكى شوپۇرلارنىڭ ئاتوۋۇزغا چىققان ھەر بىر يولۇچىغا مۇلايىملىق بىلەن «رەخمەت سىزگە»دېگەنلىرى،تەڭگە تاشلاشتا ئالدىراپ تەمتىرەپ قالغان ياشانغانلارغا«ئالدىرىماي تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئاۋۋال ئولتۇرىۋېلىڭ»دېگەنلىرى قۇلاق تۇۋۈمدە قايتا جاراڭلاپ،شۇ كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمدا قايتا _قايتا نامايەن بولاتتى.شۇ شامان كۆڭلۈم غەش بولۇپ،«بىز قاچانمۇ شۇنداق كۆڭۈلنى ئازادە قىلىدىغان يېقىملىق مۇئامىلىگە ئىگە بولارمىز،»_دەپ ئويلاپ كېتەتتىم.
< بىزدە تىلىسەڭ تاپارسەن >دېگەن گەپ بار ئىدى.بۈگۈن،2008-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى شۇنداق خۇرسەن بولغۇدەك بىر ئىشقا يولۇقتۇم.ئەتتىگەندە يەنىلا شۇ ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرماق بولۇپ بېكەتكە قاراپ يول ئالدىم.مەن ئولتۇرماقچى بولغان ئاتوۋۇز بېكەتتىن قوزغالمقچى بولۇپ تۇرغانىكەن،ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇنىڭغا چىقىشتىن ئۈمۈد يوق ئىدى.شۇنىڭدىمۇ يۈگۈرۇپ ئالدىغا بېرىپ باقتىم.
_ئالدىرىماڭ، بىخەتەرلىككە دېققەت قىلىڭ.تۇتقۇچنى چىڭ تۇتىۋېلىڭ،_دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ،قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم.
_رەخمەت،_دېدىممەن خۇرسەن بولۇپ.
ئەتتىگەندە ھەممەيلەن ئالدىراش بولغاچقا،تېزدىن ئىچكىرى ئۆتۈپ ئورنۇمنى تاپتىم.بىراق ئىختىيارسىز بۇ شوپۇرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشقا باشلىدىم.
_ۋاقىتنى قەدىرلەيلى،ماشىنىغا تېزرەك چىقىشىڭىزنى ئۈمۇت قىلىمەن.
_ياشىنىپ قاپسىز،سىز بەك ئالدىراپ كەتمەڭ.
_شاكىچىك،بىخەتەرلىككە دېققەت قىلىڭ.تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇڭ.ئالدىرىماي ئىچكىرىگە مېڭىڭ....
يۈرۈكۈم ئختىيارسىز دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى.قەلبىمدە قانداتتۇر بىر ئۈمۈت پەيدا بولدى.
_ئېھ خۇدا، بەرگەن كۈنلىرىڭگە مىڭ مەرتىۋە شۈكرى.بۇ خەنزۇ شوپۇرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپسەن.بۇلاردىن بۇنچىلىك ئادەم چىقتى دېگەنلىك،ئەلۋەتتە بىزدە ئۈمۈد تېخىمۇ زور دېگەنلىك،ئۆزەڭ مەدەتكار بولارسەن.-دېدېم ئىچىمدە.
شۇ خىياللار بىلەن مەنزىلىمگە يېتىپ كەپتىمەن.ئارقا ئىشىكتىن چۈشىدىغان مەن،ئالاھىتەن ئالدى ئىشىككە بېرىپ شوپۇرغا قاراپ:
_يول بويى سۆزلىرىڭىزگە قۇلاق سېلىپ كەلدىم.رەخمەت سىزگە.مۇئامىلىڭىزدىن كۆپ مىننەتدار بولدۇم.جاپا چەكتىڭىز ،_دېدىم.
_ياقەي،سىز رازى بولسىڭىز،مەنمۇ خۇشال بولىمەن._دېدى ئۇ.
مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم_دە،ئاپتوۋۇزدىن چۈشۈپ كەتتىم.
ئۇف،ھەجەپ ھاردىما .نېمىلا بولمىسۇن،مەن ئۆزۈم قىلماقچى بولغان ئىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم.دوستلارنىڭ بۇ يەردىكى مىللەتكە،ياكى دۆلەتكە قارىتا ئەمەس،پەقەت <يېقىملىق مۇئامىلە> دېگەن مۇشۇ مەركىزىي تېما ئۈستىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

 

___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-08

 

| ۋاقتى : 2008-04-08 19:04 [باش يازما]
ASKAR0998

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 34225
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 254
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە254دانە
شۆھرەت: 255 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :106(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-29
ئاخىرقى :2008-04-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

man birnqisikanman         
| ۋاقتى : 2008-04-08 21:20 1 -قەۋەت
Eh!Huda

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 28565
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :47(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-27
ئاخىرقى :2008-04-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

      ئەسقەرجان،رەخمەت سىزگە،ھەرنېمە بولسا سىز بولسىڭىزمۇ بىر قۇر خەت يېزىپ قوللاپ قويۇپسىز.
ئېلان ئورنى
| ۋاقتى : 2008-04-09 11:39 2 -قەۋەت


 
شەبنەم كىنو قانىلى
Time now is:04-09 19:50, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation