ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بىشىدىلا ئەسكەرتىپ قوياي ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ھەرگىز قالايمىغان ئىنكاس يازماڭ .مەن بۇنى ھەرگىزمۇ بىرەرسىنى ھاقارەتلەش ئۈچۈن يازمىغان بەلكى قىزىقچىلىق قىلىپ يازغان خالاس . رەخمەت ھۆرمەتلىك شەبنەم ئەھلى ، سۆيۈملۇك باشقۇرغۇچىلار :
مەن بۈگۈن بۇيەردە سۆز قابىلىيىتىمىزنى ئۇشتۇرۇشىمىزنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە ئاز-تولا توختالماقچىمەن . سۆز قابىلىيىتىمۇ بىرخىل كۈچ ۋە قۇرال ، ھەرقانداق كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەمممىسى ئۆزىنىڭ سۆز قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۇشكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . چۈنكى ، ياخشى سۆزقابىلىيەتنىڭ بولىشى ، چوڭ ئىشلارنى چۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ زۆرۆر شەرتى ، بىلىم بولۇپ ، ئۇنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ياخشى سۆزقابىلىيەت بولمىسا ، ئۇخىل بىلىم كىشىلەرگە ئۆز نۇرىنى كەڭ چاچالمايدۇ . بۇنوقتىنى كلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى ئەلشىر ناۋايىنىڭ « نۇرغۇن مال - دۇنيا سەرپ قىلىپ يىتەلمىگەن نەتىجىلەرگە جايىدا ئىشلىتىلگەن بىرياخشى سۆز بىلەن يېتىش مۇمكىن » دىگەن ھېكمەتلىك سۆزىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ ، ھەر دەرىجىلىك مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم . چۈنكى ، سۆز باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئەزالارنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرەك . ھەرخىل ئىدىيە ، كۆزقاراشلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق كەڭ ئەزالارغا يەتكۇزىلىدۇ ، ئەزالارنىڭ ئارزو ، تەلەپ ۋە ئىنكاسلىرىمۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يەتكۇزىلىدۇ . شۇڭا باشقۇرغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ سۆز قابىلىيىتىنى ئۆستۇرۇشكە ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . ئەمما ، بىزنىڭ قىسمەن باشقۇرغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ سۆز قابىلىيىتىنى ئۆستۇرۇشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ، سۆز قابىلىيەت بىلەن مۇنبەرنى تېخىمۇ گۇللەندۇرۇش مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چۇشەنمەيدۇ . نەتىجىدە ئىز ئۇنۇمى ناھايىتى تۇۋەن بولىدۇ . مەن بۇيەردە ئۆزۇم بىۋاستە ئۇچراتقان مەلۇم بىر باشقۇرغۇچىنىڭ سۆز قابىلىيىتىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى سەۋىيىدە ئىكەنلىنى سۆزلەپ بېرەي :
مەن يېقىندا مۇناسىۋەتلىك ئەزالارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بېيجىڭ شەبنەم ئۇيغۇر تورى خىزمەت تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا باشقۇرغۇچىلارنىڭ سۇپپىتىنى تەكشۇرۇشكە باردىم . بارغان كۈنۈم ئۇلار دەل زالدا مۇھىم بىر يىغىن ئاچماقچى بولۇپ تۇرغانىكەن ، مەن ئۇدۇللا يىغىن زالىغا كىرىپ ئورۇن ئالدىم . يىغىن باشلاندى ، بىكەت باشلىقى ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى مۇنداق دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى . ھۆرمەتلىك شەبنەم ئۇيغۇر تورى خىزمەت تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار : مەن بۇگۇن بۇيەردە بىر مەسىلە ئۈستىدە سۆزلىمەكچىمەن ، بۇمەسىلە ئەسلىدە ئانچە چوڭ مەسىلىمۇ ئەمەس ، ئەمما ھامان بەرىبىر بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ . بۇمەسىلىنى ئەگەر سۆزلىمىسەم چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ كىتىدۇ - دە ، ئەڭ ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان ياكى ئەپو قىلىشقا بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . ئۇنداق بولسا ، بۇمەسىلە قانداق مەسىلە ؟ بۇ مەسىلە _ ئاددىي مەسىلە بولماستىن ، بەلكى ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەسىلە . بۇمەسىلىنى سۆزلىمىسەم سىلەر مۇنبىرىمىزدە قانداق مەسىلە بارلىقىنى بىلمەيسىلەر ، قانداق مەسىلىنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەنلىكىڭلار _ مىنىڭ شۆزلىشىمدە مەسىلە بارلىقى چۇشەندۇرىدۇ . ئەمما ، بىراق ، لىكىن شۇنىڭغا تاغدەك ئىشىنىمەنكى ، كۆپچىلىك مەن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئىچىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىپ ، ئۇنى جەزمەن مەسىلە چىقمايدىغان مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ كېتەلەيدۇ . دەپ ئويلايمەن .
كۆپچىلىك ئەيتاۋۇر مەن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنى ئاڭلىغانسىرى كۈلكىلىك بىرمەسىلىدەك ھېس قىلىشى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە ، ئەپسوسكى مەن دېگەن بۇ مەسىلە ئىنتايىن ئالاھىدە بىرمەسىلە . شۇڭا ، كۆپچىلىك بۇمەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك . ئەڭ ئاخىرىدا ، كۆپچىلىكنىڭ سالامەتلىكىدىن مەسىلە چىقماسلىقىنى مەسىلە چىققاندىمۇ چوڭ مەسىلە چىقماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن ...
مانا بۇ ، مەن خىزمەتكە تەكشۈرۈشكە بارغان كۈنى ئاڭلىغان دۇكلاتنىڭ ئاساسى مەزمونى . مىنىڭچە بۇ باشقۇرغۇچىغا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇچى ئەڭ ئىسراپخور دېگەن قالپاقنى كىيدۇرۇش كېرەك . چۈنكى ، دۇنيادا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتىنمۇ چوڭ ئىسراپچىلىق يوق - تە ! يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ، كۆپچىلىك بۇ باشقۇرغۇچىنىڭ يىغىن ئىستىلىغا نىبەتەن جۇملىدىن گەپنى كۆپ تەكرارلايدىغان كېسىلىگە قارىتا سەمىمىي تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى . باشلىق كۆپچىلىكنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، ئەتىسى ئېچىلغان بىريىغىندا كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدىي پىكرىگە قارىتا ئىپادە بىلدۇردى . بۇ مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى نېمە دىدى دىمەمسىلەر ؟
_ تۇنۆگۇن كۆپچىلىكنىڭ بىرقىسمى مېنى بىرگەپنى تەكرالاۋېرىپ تۈگەتمەيدۇ ... دەپ تەنقىد قىپتۇ . مەن بۇنىڭدىن كىيىن بۇمەسىلىگە دىققەت چۇقۇم دىققەت قىلىمەن ! ھە ، چۇقۇم دىققەت قىلىمەن . سۆز قىلغاندا ، كۆپچىلىك دېگەندەك گەپنى كۆپ تەكرارلىماسلىق كېرەك ، ھە ، تەكرارلىماسلىق كېرەك . ھازىردىن باشلاپ ، بىرقىتىم سۆزلىگەن سۆزۇمنى ئىككىنچى قىتىم تەكرارلىمايمەن . دەرۋەقە ، تەكرارلاشقا تىگىشلىك بولسا ، يەنىلا تەكرارلاش كېرە ، ھە ، تەكرارلاش كېرە . تەكرارلىماسلىققا تېگشلىك بولسىچۇ ؟ تەكرارلىماسلىق كېرەك ، تەكرارلىماسلىق كېرەك ، تەكرارلىماسلىق كېرەك ، ...
مەن بۇ نىجات ئازات ئىسىملىك باشقۇرغۇچىنىڭ ئىككى قىتىملىق سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنىمۇ تەكشۇرۇپ كۆرۇش ئۈچۈن ، بۇ باشقۇرغۇچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ئەتىسى زالدا بىريىغىن چاقىردۇق . بۇيىغىندا ھازىر سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن گەپ - سۆزلىرى جايىدا باشلىق رىياسەتچىلىك قىلماقچى ، مەن سۆزلىمەكچى ئىدىم . يىغىن باشلاش ۋاقتى توشتى ، مەن باشلىقنىڭ يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىن ئېلان قىلىپ ، مىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىشىنى تۆت كۆزۇم بىلەن كۇتۇپلا ئولتۇردۇم . مەزكور باشلىق كۆپچىلىككە قاراپ نېمە دىدى دىمەمسىلەر ؟ ئەزالار ھازىر يىغىننى باشلىماقچى ئىدۇق ، ئەمما ، بۇيىغىنغا قاتنىشىشقا تىگىشلىك بولغانلار تېخى كەلمەپتۇ ، سەل - پەل ساقلاپ تۇرايلى . گەپنىڭ ئاخىرى تۆگە - تۇگىمەيلا ئەزالار ئىچىدە غۇلغۇلا بولۇشتى . بەزىلەر كۆڭلىدە : نىجات ئازات ئەپەندىنىڭ گىپىگە قارىغاندا ، بىز بۇيىغىنغا قاتنىشىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئەزالار ئۇخشايمىز ، دەپ ئاستا- ئاستا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ مىڭىشتى ! بۇئەھۋالنى كۆرگەن نىجات ئازات ئەپەندى ئالدىرىغان ھالدا ، بۇ قانداق گەپ كەتمەسلىككە تىگىشلىك ئەزالار كىتىپ قالدىڭلارغۇ ؟ بۇقانداق گەپ بولدى دىدى . زالدا قوزغالماي ئولتۇرغان بىرقىسىم ئەزالار بۇگەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، كۆڭلىدە : ئەھۋالدىن قارىغاندا ، كىتىشكە تىگىشلىك بولغانلار بىزئۇخشايمىز دەپ ئويلىدى بولغاي ، ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ سىرتقا قاراپ مىڭىشتى . بۇئەھۋالنى كۆرگەن نىجات ئازات ئەپەندى شىلتىغان ھالدا چىقىپ كىتىۋاتقان ئەزالارغا قاراپ : ھەي شەبنەمنىڭ ئەزالىرى مەن سىلەرنى دىمىدم ، دېدى . بۇگەپنى ئاڭلىغان يەنە بىرقىسىم ئەزالار كۆڭلىدە : ئۇلارنى دېمىگەن بولسا ئۇنداقتا جەزمەن بىزنى دېگەن ئۇخشايدۇ دەپ ئويلىدى بولغاي ، ئورنىدىن تۇرۇپلا زالدىن چىقىپ كېتىشتى . ئەڭ ئاخىرىدا زالدا مەن بلەن نىجات ئازات ئەپەندىلا قاپتۇق . دېمەك يىغىن ئىچىلمىدى .
بۇ ئىشتىن كېيىن ، مەن نىجات ئازات ئەپەندىنىڭ كونكرت مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى تەكشۇرۇپ بىقىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا باردىم . ئىشخانىدا نىجات نىياز ئەپەندى بىلەن ھەرخىل مەسىلىلەر ئۈستىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق ، ئەللىك ياشلار چىمىسىدىكى بىر ئايال يىغلىغان پىتى ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى . « ئۇدەل مۇنبىرىمىزدىكى ئىشەنچ ئىكەن . ئۇئەسلى بىرقىز ئەمەسمىدى ، ئىشەنچ دىگەن بىريالغانچى ئىكەن ئەسلى ئۆلەي دەپ قالغان بىر قېرى ئىكەن ئەمەسمۇ »
![](./9.gif)
ئىشەنچ قوشۇمچە ئۈچ بالىسى بولۇپ ، يولدىشى خېلى بۇرۇنلا ئۆلڭپ كەنكەنىكەن . ئىشەنچ ئىشخانىغا يىغلىغان پىتى ئاغزى بىسىقمىغان ھالدا نىجات نىياز ئەپەندىگە : بالامنى ماشىنا سوقۇپ ئۆلتۇرىۋەتتى ، خاپا بولماي دەرھال ماڭا دەرھال بىر ماشىنا تەييارلاپ بەرسىلە دېدى . بۇنداق چاغدا مۇنبەرنىڭ چىكىرى بولغان ھەرقانداق بىرباشقۇرغۇچى ئەلۋەتتە ئىشەنچكە ھېسداشلىق بىلدۇرۇشى ، سىلىق گەپ بىلەن ھال ئېيتىپ كەلگۇچى ئىشەنچىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ئۇنىڭ تەلىپىنى چىرايلىق ھەل قىلىشى كېرەك - تە !
ئەمما بۇنىجات ئازات ئەپەندى نېمە دەيدۇ دىمەمسىلەر ؟ ھىلىقى ئىشەنچ : بالامنى ماشىنا سوقۇپ ئۆلتۇرۇپ قويدى دىسە ، قانچە بالىڭىز ئۆلدى دەپ سوراۋاتىدۇ . مەن نەق مەيداندا بولغاچقا ، ياكى ئاق ياكى كۆك دېيەلمەي ، ئاغزىمنى تۇتقان پېتى ھال ئېيتىپ كەلگەن ئىشەنچنىڭ قىياپىتىدە يەرگە قاراپ جىملا ئولتۇردۇم . ئويلاپ باقايلى ، بىرئانا دېگەنگە بىربالىنىڭ دەردىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ . قانچە بالىڭىز ئۆلدى ، دەپمۇ گەپ سورىغان بارمۇ ؟ بىچارە ئىشەنچ نىجات ئازات ئەپەندىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ لام-جىم دېمەيلا كۆز يېشى قىلغان پىتى ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئەتىسى خزمەۇ ئۇسولىغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا ، بولۇپمۇ گەپ - سۆزگە دىققەت قىلىشنىڭ زۆرۆرلىكى توغرىسىدا رەسمىي سۆزلىشىش ئۈچۈن نىجات نىياز ئەپەندىنىڭ ئۇيىگە باردىم . ئەمما ئۇ ئۆيىدە يوق ئىكەن . بالىلىرى بىلەن ئۇنىڭ خۇتۇنى بار ئىكەن . نىجات ئازات ئەپەندىنىڭ ئۇزۇنغا قالمايلا قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى خەۋەرتاپقاندىن كىيىن بىردەم ساقلاپ تۇردۇم . مەن بېرىپ يىرىم سائەتلەردىن كىيىن ھېلىقى مۇنبىرىمىزدىكى بالىسىنى ماشىنا سوقۇۋىتىپ ئۆلتۇرۇپ قويغان ئايال نىجات ئازات ئەپەندىنىڭ ئايالىغا : تۇنۆگۇن ئۇ كىشىنىڭ دىگەن گىپىدىن قاتتىق رەنجىپ كەتكەنلىكىنى شىكايەت قىلىپ بەردى . ئەمدى بۇ ئايال نېمە دىدى دېمەمسىلەر ؟
بىزنىڭ بۇئادەمنىڭ ئاغزى ئىتتىك بولسىمۇ كۆڭلى تۈز ، ئەمما گەپ - سۆزلەرگە ئانچا دىققەت قىلىپ كېتەلمەيدىغان كېسىلى بار ، مەن بۇھەقتە ئۇنىڭغا كۆپ سۆزلەپ كېلىۋاتىمەن ، كۆڭۇللىرىگە ئالمىسىلا ، رەنجىمىسىلە ...
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە تۇگىسە بولاتتى ، ئەمما ھىلىقى نىجات ئازاتنىۇ ئايالى خۇددى ناھايىتى مۇھىم بىرگەپنى ئۇنتۇپ قالغاندەك گېپىنى يەنە داۋاملاشتۇردى . نەتىجىدە ئىش تېخىمۇ چاتاق بولدى . بۇ نىجات ئازاتنىڭ ئايالى نېمە دىدى دىمەمسىلەر ؟
ئاچا ، مۇنبىرىمىزدە بىزنىڭ ئادەمدىن باشقا يەنە بىرنەچچە باشقۇرغۇچى بار . ئەگەر بۇنىڭدىن كىيىن قالغان بالىلىرىڭىز ئۆلۇپ كەتسە بىزنىڭ ئادەمنى ئىزدىمەي ، باشقىلارنى ئىزدىگەيسىز ...
قاراڭلار كۆپچىلىك ، مۇشۇنداقمۇ تەسەللى بېرىش بولامدۇ ؟ بۇيەردىكى مەسىلە باش؛ىقنىڭ ئايالدا ئەمەس ئەمەس ، بەلكى باشلىقتا . ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى جايلاپ قىلالماسلىق ئىللىتى خۇددى يۇقۇملۇق كىسەلدەك ئۇنىڭ ئايالىغىمۇ يۇققان دە ! مەن باشلىقنىۇ يۇقىرقىدەك « يۇقۇملۇق كىسىلىنى » ساقايتىش ئۈچۈن ، ئەتىسى چۈشتى كىيىن يەنە باشلىقنىڭ ئۇيىگە باردىم . ئەمما ، مۇنبەردىكى موللا پوك - پوك ئىسىملىك بىرياش باشقۇرغۇچىنىڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۇزىلىدىغان بولغاچقا ، باشلىق خۇتۇنى بىلەن شۇتويغا بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانىكەن . باشلىق مىنىڭ كەلگەنلىكىمنى كۆرۇپ ، تويغا بىللە بارايلى دەپ تۇرىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تويغا باردىم . بۇ باشلىق توي مۇراسىمىنىڭ رىياسەتچىسى ئىكەن . ئۇ توي مۇراسىمىنى مۇنداق باشلىدى :
_ ھۆرمەتلىك مىھمانلار ، بۇگۇن شەبنەم مۇنبىرىمىزدىكى ياش باشقۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان موللا پوك - پوك بىلەن
xنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۇزىۋاتىمىز . موللا پوك - پوك ئەقلى ھۇشى جايىدا يىگىت بولغاچقا xئايدەك ئاي دېسە ئاغزى بار ، كۈن دىسە كۆزى بار ، بىرچىرايلىق قىزنى قولىغا تىرىك چۈشۇرۇپتۇ . بۇ موللا پوك - پوك ئىپتىخارى بولۇپلا قالماستىن بەلكى شەبنەم مۇنبىرىنىڭمۇ ئىپتىخارى ، ئەمما ، ئەسكەرتىپ قويايكى ، يالغۇز x ئاغزى كۆزى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ، موللا پوك - پوكمۇ ئاغزى كۆزى بار يىگىت . بۇلارنى ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس ، دېگەندەك ، بىر - بىرىگە كۆيۇشۇپ ، مۇھەببەت دەرياسىدا بىرگە ئۈزۈشۇپ تېپىشقان تېپىلماسلىقنىڭ خورمىلىرىدۇر . شۇڭا مەن كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن توپلاشقان قىز - يىگىتلىرىمىزنىڭ توي مەرىكىسىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ھەمدە بۇئىككى ياشنىڭ خۇددى شەبنەم مۇنبىرى ئارقىسىدىكى قېرى توغراقتەك ئۆمۈر كۆرۇشىگە تىلەكداشلىق بىلدۇرىمەن . ..
توي مەرىكىسى مانا مۇشۇنداق سەلتەنەتلىك سۆز دۇردانىلىتىنىڭ ھىمايىسى بىلەن باشلاندى . توي ئاخرلىشاي دېگەندە بۇ باشلىقنىڭ يەنە بىر - ئىككى ئېغىز سۆزلىگۇسى كىلىپ قالدى ئەمدى بۇ باشلىق توي ئاخىرىدا نېمە دەيدىغاندۇ دەپ قوپلاق سالسام مۇنداق دېدى :
_ شەبنەم ئەزالىرى ، بۇگۇن مەن توي مەرىكىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇش سۇپىتىم بىلەن توي مەرىكىمىزنىڭ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە ئاخرلاشقانلىقىنى جاكارلايمەن . ئالدىرشچىلىقتا ، تەجرىبىمىزنىڭ كەملىكىدىن تۇپەيلىدىن داستىخىنىمىز ناھايىتى ئاددىي بولۇپ قالدى . ئەزالارنىڭ ئەپو قىلىشىنى سورايمەن . توينىڭ كەم قالغان تەرەپلىرىگە ئەزالارنىڭ قىممەتلىك پىكىر - تەلەپلەرنى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . بەرگەن پىكرىڭلارنى موللا پوك -پوكنىڭ قۇلىقىغا ئۆز ئاغزىم بىلەن يەتكۇزىمەن . سىلەر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭلاركى ، موللا پوك - پوك سىلەرنىڭ قىممەتلىك پىكرىڭلارنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ كېيىنكى قىتىم يەنە بىرسى بىلەن توي قىلغاندا جەزمەن تۈزىتىپ كىتىدۇ . ئەگەر تۇزەتمىسە ماڭ تىلفون قىلساڭلار بولىدۇ ، ئۆيۇمنىڭ تېلېفون نۇمۇرى : 2828288
![](./a13.gif)
[ يوللىغانئىشەنچتەرىپىدىن2008-04-08 00:19قايتا تەھرى ]