| |||||||||
azmat0999 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قەشقەردىكى يەرشارى قەشقەردىكى يەر شارى
(داستان) ئادىل تۇنىياز سالام ئۇيغۇر دىگەندە قۇياش، سالام ئۇيغۇر دىگەندە تارىخ، قەشقەر شەھىرى ئوخشار قەسىرگە. يۇلتۇزلار پەرۋاز قىلار تاڭ سەھەردە، پەسىللەر پەرۋاز قىلار دەرەخلەردە، بۇشەھەر پەرۋاز قىلار چۆچەكلەردە. بۇيەردىكى ئادەملەر پەرۋاز قىلار يۈرەكلىرىدە. ئات قوشۇلغان قىزىل سايىۋەنلىك مەپە تاڭ سەھەردەئۆتتى يېنىمدىن، جىرىڭلىتىپ قوڭغىرىقىنى. سىۋىتىنى قويۇپ بېشىغا گىردە سېتىپ يۈرگەن بىربالا تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن. قۇشلار، ھارۋا، سۇمبۇل چاچلىق ئايال، يەنە بىر ئايال، كۆز، ئەتلەس كۆڭلەك، ساقال تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن. مەن كىشىلەر چاي ئىچىۋاتقان، مۇڭدىشىۋاتقان، يۆتەلگەن، چەينەك جوغىسىنى پىيالىگە تەككۈزۈپ چاي قۇيغان، چاي شامىسىنى پۈۋلەۋاتقان، كىشىلەر بىر-بىرىگە بېقىپ گەپلەشكەن سەنلەشكەن قايناق بىر چاي خانا ئالدىدىن ئۆتكەچ كىملىكىنى بىلىندۈرمەستىن كۆيىۋاتقان مەخپى ئاشىقتەك ئوغرىلىقچە كۆيۈپ يۈرىمەن. كوچىدىكى ھەممە نەرسىگە قاراپ-قاراپ يەنىلا تويماي نۇردەك ئۈنسىز سۆيۈپ يۈرىمەن. سۆيىمەن ئاي نۇرىدا تۇرغان ئاق تېرەكلەرنى، جىمجىت تۇرغان كۆلەڭگىسىنى، ئېرىپ كەتكەن كۆلەڭگىسىنى. سۆيىمەن سىنتەبىردە ياغقان يامغۇرنى، ماي يولىدا جىم ياتقان يامغۇرنى، ئۈنسىز يىغلاۋاتقان يامغۇرنى. ئەينەكلەرنىڭ سۇنۇقلىرىدا نۇرمارجىنى چاچقان يامغۇرنى. سۆيىمەن مەسچىتتىن قايتار ۋاقىتتا خۇدانىڭ قوللىرىدىن ئاققان يامغۇرنى. سۆيىمەن ئۇندىكى قارنى،شامالنى، چىملىقلاردا ئېرىق بويىدا سازاڭ تېرىپ يۈرگەن باھارنى. 12-ئاينى،12 ئاينى، چوڭ كوچىنى،خالتا كوچىنى، تىلەمچىنى،پالچى ئايالنى، تەشتەكلىك،تەشتەكسىز دېرىزىلەرنى، سېنى ھەم ئۇنى. مىلادىدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى تارىخنى سۆيىمەن تارىخنىڭ كەلگۈسىنىمۇ. ___ باشقۇرغۇچى : alturuk تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-08
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
atirgulkiz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تىرىشىڭ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0999yurut ساغلام تەندە ساپ ئەقىل | قەلىمىڭىز ھارمىسۇن ......................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ئىشەنچ گۇزەللىك سەندە | Quote:بۇ يازما3قەۋەتتىكىbankaنىڭ2008-04-08 00:42يوللىغان : ئاھ ، خۇدا ، بۇتوردىشىمغا نېمە بولغاندۇ ، ھەممە تېمىغا ماشۇ ئىنكاسنى يىزىپ ، باشقۇرغۇچىلار سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر ؟ ئەجىبا بۇنداق تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازسا بولامدۇ ؟ مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يىزىپ قويدۇم ، | ||||
---|---|---|---|---|---|
BAGZADA دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى .............................................................................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
vmidyar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىشەنچ، توغرا ئېيتىپسىز!! بەزىلەر شاتۇتىدەك ئۈگىنۋالغان بىر گەپنىلا تەكرارلايدىكەن! بۇ شىئېر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شىئريىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغان شائىرىمىز ئادىل تۇنياز ئەپەندىنىڭ «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق داستانىدىن پارچە ئىكەن. (بۇ داستان دەسلەپتە «شىنجاڭ مەدەنىيتى»گە بېسىلغان، كىيىن «قەشقەردىكى يەرشارى» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن، كىيىن ئادىل تۇنيازنىڭ «دېڭىزدىكى كوچا» ناملىق كىتاۋىغا كىرگۈزۈلگەن.) «ئەزىمەت 0999 » دىگەن تورداش بۇ شىئرنىڭ ئوندىن بىرنىمۇ يوللىماپتۇ! ھەم داستاندىن پارچە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ! نىمېلا دىمەيلى بۇ داستان ۋەتەن توغرىسىدىكى ئەڭ ياخشى داستان!
«ئەزىمەت 0999 » سىزگە رەھمەت! ۋاقتىڭىز بولسا شېئىرنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ يوللاپ قويارسىز! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turanshah دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى يوللاپسىز. لىكىن قارىسام ئادىل تۇنىيازنىڭ بۇشئېرىنى تۇرداشلار سىزنى يازغان دەپ ئويلاپ قالغاندەك قىلىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|