munise دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى ![](./8.gif)
UID نۇمۇرى : 35903 نادىر تېما :
0
يازما سانى : 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە
شۆھرەت: 16 نۇمۇر شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-19 ئاخىرقى :2008-04-09 | ھېكمەتلىك رىۋايەت(بۇنى ئۆزىڭىزگە سىڭدۇرالامسىز؟)
ھەسەن بەسرى ئېيتىدۇ: مەلۇم بىر كۇنى باغداتنىڭ كوچىسىدا مەن بىر تەقۋادار ياش بىلەن بىللە كېتىۋتاتتىم، توساتتىن بىر تېۋىپقا يولۇقتۇق. تېۋىپ بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بۇلۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئۇنى ئورىۋالغان ئىكەن. ئەر- ئايال، قېرى-ياش كۆپچىلىك قولىغا بىر سۇ تولدۇرۇلغان ئەينەك شىشىنى ئېلىپ تېۋىپنىڭ كۆرۈپ قويىشىنى ئۆتۈنەتتى. بۇ تەقۋادار ياش ئالدىغا بېرىپ، تىۋىپتىن سورىدى: _ سىلىدە گۇناھنى يۇيۇپ، قەلب كىسىلىنى داۋالايدىغان دورا بارمىدۇ؟ _ بار! _ ئۇنداقتا ئىچىپ كۆرۈپ باقايلىمۇ؟ _ نامراتلىق بىلەن كەمتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن ئېلىپ، ئىچىگە توۋا قىلىشنىڭ مىۋىسىنى قوشۇپ، ئاندىن بۇ ئۈچ خىل دورىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش ئىدىشىگە سېلىپ، قانائەت كالتىكى بىلەن ئۇنى ئىزىپ، مۇتتەقىيلەر قازىنىغا تۆكۈپ، ئۈستىگە شەرم _ھايا سۈيىنى قۇيۇپ، ئاللاھقا ياخشى كۆرۈنۈش ئوتىدا دورىنى قاينىتىپ، پىشقان دورىنى تەشەككۈر ئىستاكانىغا سېلىپ، ئاللاھقا ئۈمىد باغلاش يەلپۈگۈچىدە يەلپۈپ سوۋۇتۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھنى مەدھىيلەش قوشۇقىدا بۇ دورىنى ئىچ. ئەگەرسەن تېۋىپ كۆرسەتمىسگە ئەمەل قىلالىساڭ بۇ دورا مەيلى بۇ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە پۈتۈنلەي ساڭا پايدىلىق بۇلۇپ، تۈرلۈك كىسەللىكلەرنى داۋالاپ، تۈرلۈك ئاپەتلەرنى يوقىتىدۇ.
___ باشقۇرغۇچى : PAYKAR تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-08 |