![]() |
| ||||||||
kuysoyar
| | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
kuysoyar
| 40 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، زامانىۋى تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يۇقۇملۇق كېسەل، يەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ھەم ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىنى كۈچەيتىدۇ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ. 41 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرۇپ، مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرىدۇ. 42 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا جايلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرىدۇ. ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە چەت ئەللەر بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ. 43 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاقما نوپۇسنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 44 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار پىلانلىق تۇغۇتنى ۋە ساغلام تۇغۇش، ئوبدان بېقىشنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 45 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراپ ۋە ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، نۇپۇس، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 4 - باب مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىملىرى 46 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىملىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىملىرى يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق سوت مەھكىملىرىنىڭ سوت خىزمىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىملىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خادىملىرى ئىچىدە تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ خادىملىرى بولۇشى كېرەك. 47 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق سوت مەھكىملىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىملىرى دېلو سوتلاش ۋە تەپتىش قىلىشتا ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى پىششىق بىلىدىغان خادىملارنى مۇۋاپىق سەپلىشى كېرەك. شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىقىنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك. قانۇن ھۆججەتلىرىدە ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يېزىقنى قوللىنىشى كېرەك. ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىپ دەۋالىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. 5 - باب مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى مىللىي مۇناسىۋەت 48 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنى بىرلىكتە گۈللەندۈرىدۇ. 49 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت كادىرلىرىغا بىر - بىرىنىڭ تىل يېزىقىنى ئۆگىنىش ھەققىدە تەربىيە ۋە ئىلھام بېرىدۇ. خەنزۇ كادىرلار شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئۆگىنىش كېرەك. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى دۆلەت خادىملىرىدىن شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئىككى خىلدىن ئارتۇق تىل - يېزىقنى پىششىق ئىگىلىگەنلىرىنى مۇكاپاتلاش كېرەك. 50 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇناسىپ ئاپتونومىيىلىك جاي ياكى يېزا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىدۇ. 51 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرگە چېتىلىدىغان ئالاھىدە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تولۇق كېڭىشىشى، ئۇلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشى شەرت. 52 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ. 53 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوممۇنىزم ۋە مىللىي سىياسەت توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ، ھەر مىللەتكادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا بىر - بىرىگە ئىشىنىش، بىر - بىرىدىن ئۆگىنىش، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىش، بىر - بىرىنىڭ تىل يېزىقى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ. 6 - باب يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى 54 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا دائىر قارار، بېكىتمە، بۇيرۇق ۋە يوليورۇقلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. 55 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيسىنى مۇھاكىمە قىلىشى، تۈزۈشى ۋە يولغا قويۇشىغا ياردەم بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. دۆلەت ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تۈزۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈشتە، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىشى لازىم. 56 - ماددا دۆلەت بىر تۇتاش پىلان ۋە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالدى بىلەن مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا بايلىق ئېچىش تۈرلىرى ۋە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرلۇش تۈرلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. دۆلەت چوڭ - چوڭ ئۇل مۇئەسسەسەلەرگە مەبلەغ سېلىشتا سېلىنما سالمىقى ۋە بانكىدىن بېرىلىدىغان سىياسەت خاراكتېرلىك قەرز پۇل سالمىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرىدۇ. دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ يۈرۈشلەشكەن مەبلەغ سېلىشى زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قاراپ، يۈرۈشلەشكەن مەبلەغنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش جەھەتتە ئېتىبار بېرىدۇ. دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئەمەلىي پەن - تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشىگە، ئەمەلىي تېخنىكا ۋە تەرەققىيات شارائىتىغا ئىگە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشىگە، ئىختىساسلىق پەت - تېخنىكا خادىملىرىنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا مۇۋاپىق يۈرۈشۈشكە پائال يېتەكلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يۆتكەپ بەرگەندە، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ، ئىلغار، ياراملىق ئۈسكۈنە ۋە ھۈنەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. 57 - ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پۇل بازىرى ۋە كاپىتال بازىرىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما تۈرلىرى ۋە دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كارخانىلىرىنىڭ بايلىق ئېچىش، كۆپ خىل ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى مۇۋاپىق مەبلەغ تەلىپىنى نۇقتىلىق قوللىشى لازىم. دۆلەت سودا بانكىلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا سېلىنىدىغان كرېدىت سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ تەلىپىنى پائال قوللىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. 58 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا، كەسىپ قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساس ئىگىلىرى قاتارلىق جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى كارخانا باشقۇرغۇچىلار ۋە تېخنىكا خادىملىرىنى ئىقتسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارغا بېرىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي تەرەققىي تاپقان رايونلاردىكى كارخانا باشقۇرغۇچىلار ۋە تېخنىكا خادىملىرىنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يېتەكلىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. 59 - ماددا دۆلەت تۈرلۈك خاس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار - يۆلەك بولىدۇ. دۆلەت ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خاس مەبلەغ ۋە مىللىي رايونلارغا بېرىلىدىغان ۋاقىتلىق مەخسۇس ياردەم پۇلنى ھەر قانداق تارماقنىڭ ئازايتىۋېتىشىگە، تۇتۇپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ نورمال خام چوت كىرىمى ئورنىغا دەسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 60 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ مىللىي سودا سىياسىتىگە ۋە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ سودا، تەمىنات - سودا ۋە تېببىي دورا كارخانىلىرىنى مەبلەغ، پۇل مۇئامىلە، باج قاتارلىق جەھەتلەردىن يۆلەيدۇ. 61 - ماددا دۆلەت ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تۈزۈپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ تاشقى ئىقتىساد - سودىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار يۆلەك بولىدۇ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانلىرىنىڭ تاشقى سودا تىجارىتىدىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتىدۇ، يەرلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە مەھسۇلاتلار ئېكسپورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، چېگرا سودىسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. 62 - ماددا خەلق ئىگلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى تەدرىجىي كۈچەيتىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تەرەققىي تاپقان رايونلار بىلەن بولغان پەرقىنى پەيدىنپەي كىچىكلىتىش ئۈچۈن، مالىيىدىن ئادەتتىكى يۆتكەپ چىقىم قىلىش، مەخسۇس يۆتكەپ چىقىم قىلىش، مىللىي رايونلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق يۆتكەپ چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ھەمدە دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا ئۇسۇللار بىلەن، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىدۇ. 63 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مەبلەغ، پۇل مۇئامىلە، باج قاتارلىق جەھەتتىن مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق شارائىتى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ۋە سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش مۇئەسسەسەلىرى قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسەلەرنى ياخشىلىشىغا يار - يۆلەك بولىدۇ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ شۇ جايدىكى بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، يەرلىك سانائەت، يېزا - بازار كارخانىلىرى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى، شۇنىڭدەك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدە ئېھتىياجلىق تاۋارلار ۋە ئەنئەنىۋى قول سانائەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار - يۆلەك بولىدۇ. 64 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار بىلەن ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك سىستېما بويىچە ياردەمنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، مەدەت بېرىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، پەت - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى لازىم. 65 - ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا بايلىق ئاچقاندا، قۇرۇلۇش قىلغاندا، شۇ جاينىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ، ئۇنى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك. دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، تەبىئىي بايلىق چىقىرىدىغان مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا مۇئەييەن مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلاردىكى كارخانىلارنى ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا مەبلەغ سېلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. 66 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق، مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى ھەر تەرەپلىمە تۈزەيدىغان چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق، مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا دۆلەت مۇئەييەن مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخس مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا بايلىق ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلىشتا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شۇ جاينىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسرىشى ۋە ياخشىلىشى، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك. 67 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئېلىشتا، ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئېلىشى كېرەك. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار شۇ جايدىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، شۇ جاينىڭ ئاپتونومىيە نىزامى، ئايرىم نىزاملىرى ۋە يەرلىك نىزام، قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى، شۇ جايدىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 68 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا قاراشلىق كارخانىلارنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ. 69 - ماددا دۆلەت ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا، ئىختىساس ئىگىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى نامرات رايونلارنى يەنىمۇ يۆلەپ، نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن تېز قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. 70 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ شۇ قايدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى، تۈرلۈك كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ؛ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ساندىكى ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، پەن - تېخنىكا خادىمى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئەۋەتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىدۇ. 71 - ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىدۇ ھەمدە ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە باشقا مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەن - مەدەنىيەت سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. دۆلەت مىللىي ئالىي مەكتەپ ئېچىپ، ئالىي مەكتەپلەردە مىللىي سىنىپ، مىللىي تەييارلىق سىنىپ ئېچىپ، مەخسۇس ياكى ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، نىشانلىق تەقسىم قىلىش چارىسىنى قوللانسا بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملار يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى ۋە شەرتىنى مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىدۇ، ئاھالىسى ئىنتايىن ئاز بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەكتەپلەر كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. دۆلەت تەرەققىي تاپقان رايونلاردا مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ ئېچىپ ياكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مىللىي سىنىپ ئېچىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا مائارىپنى يولغا قويىدۇ. دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشى ۋە تەربىيلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. دۆلەت ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ۋەزىيە ئۆتەش شەرتىگە لايىق كېلىدىغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا بېرىپ مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا تەمىنات جەھەتتە مۇناسىپ ئېتىبار بېرىدۇ. 72 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ئارىسىدا مىللىي سىياسەت تەربىيسىنى كۈچەيتىشى، مىللىي سىياسەت ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشى لازىم. 7 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ 73 - ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە، بۇ قانۇننى يولغا قويۇش ئۈچۈن مەمۇرىي نىزام، قائىدە، كونكرېت تەدبىر ۋە چارىلەرنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ۋە تەۋەسىدە ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە بار ئۆلكىلىك، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ قانۇننى يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 74 - ماددا بۇ قانۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاندى. 1984 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
otuken.cn
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا | جانىجان مەنپەئەتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بۇ قورالنى يوللاپ توغرا قىلىپسىز
بىز بار كۈچىمىز بىلەن بۇ قانۇننى قوغدايلى ۋە ئىجرا قىلىشقا تىرىشايلى | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
kok-sultan
تەۋپىق ئىزچىسى
| تولىمۇ سۆيۈندۈم ئەمگەەلىرىڭىزدىن، ھارمىغايسىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
NEWERA
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ قورالنى يوللاپ توغرا قىلىپسىز ساقلىۋالدىم!!!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
qayan~xah
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | siz rasla qidam lik kan siz ~~rahman sizga?
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0999yurut
ساغلام تەندە ساپ ئەقىل
| ئەجىرڭىزگە رەخمەت ............مەن ساقلىۋالدىم .
باشقۇرغىچىلارنىڭ سىزگە مىدال بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .ياخشى تىما 10 مىليۇن قىرىندىشىمىزنىڭ مەنپەتىگە چىتىلىدۇ .مۇنبەردە مىدال تۇگىگەن بۇلسا مىنىڭ ئىككى مىدالىمنىڭ قايسىسىبولسا شۇنى بىرىشكە مەن رازى . | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
makan30688
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | 10 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |