سىز بۇ تېمىنىڭ 114ـ ئوقۇرمىنى
abdullaorhun

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37391
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-04
ئاخىرقى :2008-04-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئەركەكلەر ئەتىراپىمىزدا

مەن <شىنجاڭ مەدىنيىتى> ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 5-سانىنى تولىمۇ كىچىكىپ ۋاراقلاپ قالدىم، ھەم زوھراگۈل ئابدۇۋاھىت خانىمنىڭ <ئەركەكلەر قېنى؟> ناملىق <خانىم-قىزلار نىداسى>نى ئۇقۇۋېتىپ، رەھمەتلىك ئاپامنىڭ <ئات ئاتىدىن، ئادەم ئانىدىن بالام> دىگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ كەتتى. ئاپام ساۋات چىقىرىش مەكتىپىدە بىر نەچچە ئايلا ئۇقىغان، مەھەللىدە پاتەك ساراڭ دەپ ئاتىغى بار، ئۇچۇق چىراي ئايال بولۇپ، <باشقىلار نىمە دەپ قالار> دىگەنلەر ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتى. توي-تۈكۈنلەرگە يالاڭئاياق بېرىۋىرەتتى. قوشنىلار <پاتىخان نىمىشقا ئاياقنى پۇتلىرىغا كىيمەي يۇدىۋالىلا> دەپ سورىسا <كۈڭۈل ئاغىتقان دوست ئەمەس، مەيدا ئاغىرىتقان ئاش ئەمەس دەپتىكەن، ئاياغ پۇتۇمنى ئاغىرىتتى شۇڭا> دەپ قۇيۇپ يولىغا راۋان بولاتتى. مەن ئېرىمدىن ئاغىرنىپ دەرت ئېيتسام <كۆڭلۈڭ تىنىچ، سۇغۇت سۇ ئىچ دىگەن گەپ بار بالام، ئۇنىڭ كۆڭلى سەندىن سۇۋۇپ كەتكەندە مىڭ تىللا خەجلەپمۇ ئەسلىگە ئەپكىلەلمەيسەن> دەيتتى. ئۇ دائىم <ئادەم تۇغۇلغانكەن ھامان ئۆلىدۇ، 10ياشتىمۇ بىر ئۈلۈم، 100ياشتىمۇ بىر ئۈلۈم، گەپ قانداق ئۈلۈشتە ئەمەس قانداق ياشاشتا> دەيتتى. بىر كۈنمۇ راھەت كۈرۈپ باقمىغان ئاپام ئالەمدىن ئۈتۈش ئالىدىدا تەسەۋۋۇر قىلغانلىرىنى بىز بىر-بىرلەپ كۆردۇق. ئەمما ئۇنىڭ خاتالاشقىنى بولسا ئاتامنىڭ 21يىلدىن بىرىدىكى بويتاقلىغى ئىدى.
خىياللىرىم زېھنىمنى بۆلىۋەتكەچكىمىكىن تازا چۈشۈنەلمەي قايتا-قايتا ئۇقۇپ چىقتىم، ئۇقۇغانسېرى مەندە ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان بىر سېزىم پەيدا بولدى. پۈتۈن بەدىنىمنى تەر بېسىپ كەتتى، بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇياتقا قالغان قىزدەك بېشىمنى كۆتۈرۈپ ماڭالمىدىم.
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىمنىڭ <شىنجاڭ ئاياللىرى> ژورنىلىدا ئېلان قىلغان <خوتۇن قىزلار بىزنىڭ ۋەتىنىمىز> دىگەن يازمىسىنى ئۇقۇۋېتىپ ھاياجىنىمنى باسالماي كۆزۈمنى ياشلىغان ئىدىم. تولىمۇ ئەپسۇس ھازىر ئۆزۈمنى قويغۇدەك جاي تاپالماي قېلىۋاتىمەن. بىر مۇنچە خىجالەت يەلكەمنى بېسىۋالغان بولۇپ، قايسى مىللەتكە تەۋە ئادەم ئىكەنلىگىگە بىر قاراپلا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايۋاتقان، ياۋروپالىقلارنىڭ سالاھىيتىدە كۆزگە چېلىقدىغان، ئەمما ئۆز ئانا تىلىدا <ئەركەكلەر قېنى> دەپ توۋلاۋاتقان بىچارە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى........ ئۇغۇل تۇغۇشنى قىلچىمۇ ئارزۇ قىلمايدىغان، تۇنجى بالىسىنىڭ ئۇغۇل بوپقالغىنى ئۈچۈن ھەتتا ئەمچەك سالغۇسى كەلمەي قالىدىغان شەخسىيەتچى ئۇيغۇر ئانىلىرى........
<سەرگەردان> فىلىمدىكى كۈرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە، سوتىچى راگونات ئەپەندىمنىڭ ئايالى لىدىيىنى بۇلاپ قاچقان قاراقچى زاكىر راگونات ئەپەندىمنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى تۇرۇغلۇق ھامىلدار ئايالىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەركەكلىگىنى ئېسىگە ئېلىپ يامان نىيتىدىن ياندى. بىراق سوتچى راگونات ئەپەندىمنىڭ ئانىسى، ئۆز ئوغلىنىڭ نەسەبىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن بىچارە لىدىيىنى ئۆيدىن قوغلىۋىتىدىغان چاغدا ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن نام ئابرويى بار ئائىلە، ھەشەمەتلىك قورو ئىچىدە ئاپىرىدە بولۇپ، يۇندا ئازگىلىدا دۇنياغا كۆز ئاچقان راجىنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتى باشلاندى.
ئەڭ بۈيۈك نەتىجىنىڭمۇ، ئەڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنىڭمۇ سەۋەپسىز روياپقا چىقىشى ناتايىن. بىز ئۇيغۇر ئانىلىرىمۇ ئۆزىمىز كۆرگەن كۈننى كېلىنىمىزگە كۆرسەتمىسەك چيىمىز چىرايىمىزغا چىقمايدۇ، ئوغلىنىڭ بوۋىقىنى كۆتۈرۈۋالغىنىنى كۈرۈپ <بالاڭنى بېقىپ يۈردۈڭمۇ ھەي خۇمسى! گېزى كەلسە خۇتۇنۇڭنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالاشتىنمۇ يانمايدىغان ئوخشايسەن> دەپ تىللايدىغان ئانىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. مەن يەنە بىر ئانىنىڭ <خوتۇنىڭنىڭ پۇتى يوقمىكەن! ئىشقا بارسا ئۆزى مېڭىپ بارسۇن، مەن سىنى بۇنداق لاتا غىلاپ ئەر بوپ قالار دىمەپتىمەن> دەپ ئوغلىنى تىللاۋاتقانلىغىنى ئۆز قۇلىمىم بىلەن ئاڭلىغان. مەن يەنە بىر ئانىنى تۇنۇيمەن، ئۇ كېلىنى بالنىستا ئىڭراپ ياتسا پەرۋا قىلماي <بىز ئۈرۈمچىگە كۈندە كەلمەيمىز، خەق بىزنى مېھمانغا چاقىرسا بارمىساق بولمايدۇ> دەپ ئوغلىنى مەجبۇرى ئېلىپ كەتتى. مىنىڭ كۆڭلۈم يېقىن بىر دوستۇم بار ئىدى، ئۇ ئارزۇلۇق قىزىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دىگەن ئىدى، <ئىسىت سىنى باققانلىرىم، ئاشۇ قولى قىسقا يالاڭ تۆشنى تاپتىڭمۇ، ئاڭلاپ تۇر، مەن سىنى ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ بەرمەيمەن.> شۇنداق قىلىپ ئۇ ئەتىۋارلىق قىز رېستۇراندىكى <ئۈچتە ھەمرا > خېنىملاردىن بولۇپ قالدى. ئەرلىك شىجائىتى ئورغۇپ تۇردىغان ئۇ قولى قىسقا يىگىت <خانىم-قىزلار نىداسى>دا ئېيتىلغان <بارغانچە سىلىقلىشىپ ياۋاشلىشىپ كېتىۋاتقان، ناھەقچىلىكنى بىلىپ تۇرۇپ پىكىر قىلمايدىغان، كۆكىرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقمايدىغان، رەسۋاچىلىقنى كۈرۈپ تۇرۇپ غۇتۇلداپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، كېچە قاراڭغۇسىدا دەسسەپ سالمىسا بىلىپ تۇرۇپ بىر پوقنى ئوتتۇردىن ئىككى قىلۋېتەلمەيدىغان ئەرلەر> توپىغا قۇشۇلۇپ كەتتى........
زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ روھىيىتىمىزدىكى بوشلۇق شۇنچە كېڭىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەل-ئاغىنىلەر ئۆز-ئارا پاراڭغا چۈشكەندە قىز بالا تۇغقان ئاياللار تەلەيلىك ئانىلار قاتارىدا بېشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئولتۇرسا، ئۇغۇل بالا تۇغقان تەلەيسىزلەر ئوڭايسىزلىنىپ نىمە دىيىشنى بىلمەي قالىدۇ، بېشى چۈشۈپ كېتىدۇ.
مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئۇغۇل بالا تۇغقانلىغىدىن ماختىنىۋاتقان بىرەر ئانىنى تېخى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم، شۇنداقلا ئۇغۇل بالا تۇغقان دوستىنى ماختايدىغان ئايال زاتىنىمۇ كۈرۈپ باقمىدىم. ئويلاپ باقسام بىز ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ قورسىقىدا، قۇچىقىدا، بۆشۈكىدە تۇرۇپلا ئەركەكلەر ئۆز ئەركىسىنى يوقىتىپ قويدىكەن. ئۇلار بەش-ئالتە ياشلارغا كىرگەندىن باشلاپلا ئانىسىنىڭ <ھەي ئىسىت قىز بالا بولغان بولساڭ قۇلۇم سوۋۇپ قالاتتى. ھىچ بولمىسا قازان-قۇمۇچلارنى يۇيۇپ ئۆي سۈپۈرەتتىڭ> دەپ تاپا-تانە قىلىشلىرىغا دۇچار بولىدىكەن، قورامىغا يەتكىچە بولغان ئارلىقتا، خانىم-قىزلارنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى جاپا-مۇشەققەت ۋە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدىغان ئەركەكلىك- خۇددى پىيازنىڭ پوستى سۇيۇلغاندەك ئەرلەرنىڭ روھىدىن بىر-بىرلەپ سۇيۇلۇپ چۈشۈپ قالىدىكەن. ئۇلاردا بويسۇندۇرۇش ئىستىگى تۇغۇلماستىن ئەكسىچە مۇقەررەر ھالدا بىر بويسۇنغۇچىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن. بىز ئانا بولغۇچىلار <ئەركەكلەر قېنى> دەپ شۇئار توۋلىماي ئەركەكلەرنى قانداق تۇغۇپ قانداق تەربىيلەش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، ئاشۇ قۇتقازغۇچىلىرىمىزغا ساغلام روھ، ئەرلىك جاسارەت ۋە ئەركەكلەرگە خاس ماھارەت ئاتا قىلىش يۇلىدا ئىزدىنىپ باقساق بولغۇدەك!
                                                                                                        ئاپتورى: مەرىيەم پەيزۇللا

 

___ باشقۇرغۇچى : musallas تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-04

 

ئېلان ئورنى
| ۋاقتى : 2008-04-04 19:43 [باش يازما]
alexrose

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37372
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-04
ئاخىرقى :2008-04-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەقىقەتەن ھازىرقى بەزى ئانىللىرمىز شۇنداق.
گۈزەل ياشلىق
| ۋاقتى : 2008-04-05 00:42 1 -قەۋەت
nazakat29

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36591
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە74دانە
شۆھرەت: 75 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 750 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :29(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-26
ئاخىرقى :2008-04-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

      ئانىلارنىڭ  مىھرىبانلىقى  سۇزلاپ  كەتمىسە بۇلاتتى  ....جاھان ئانا  مىھرى بىلەنلا  شۇ قەدەر ئىللىق  .....    
ئېلان ئورنى
| ۋاقتى : 2008-04-08 22:01 2 -قەۋەت


 
شەبنەم كىنو قانىلى
Time now is:04-09 19:32, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation