سىز بۇ تېمىنىڭ 254ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: نورۇزلۇق پائالىيەت-ئىت تالاشتۇرۇش IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
qokka

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 4809
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
شۆھرەت: 230 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1626 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :187(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-05-28
ئاخىرقى :2008-04-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 نورۇزلۇق پائالىيەت-ئىت تالاشتۇرۇش

بۇ تىمىنى ~uyghurjan~ : ناخشا-مۇزىكا ئارامگاھى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-04-01)

 

نورۇزلۇق پائالىيەت-ئىت تالاشتۇرۇش

كىچىك ۋاقتىمدا چوڭ دادامنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ ئىت تالاشتۇرۇش سورۇنلىرىغا تولا باراتتىم، مەكتەپكە كىرىپ ، چوڭ بولۇپ كىرىپ باقماقتىمەن، مانا خىزمەتكە چىققىلىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قاپتۇ، شەنبىلىك دەم ئېلىشتا ئىت سورۇنلىرىغا بېرىپ، تەپسىلى ماتىريال توپلىماقچى، ئىتۋازلىقنىڭ تارىخىنى، ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئورنىنى بىلىش ئىستىكىدە، سورۇنلاردىن ئاساسەن قالمىدىم. بۈگۈن ئىت لاتاشتۇرۇش ئويۇنى توغرىلىق ئىگەللىگەن ئەھۋاللارنى سىلەرگە يوللىماقچى بولۇپ تېمىنى باشلىدىم. ئاخىرىدا يەنە داڭلىق ئىككى ئىتنىڭ تالىشىش فىلىمىنىمۇ يوللاپ قويدۇم. مەرھەمەت!

ئۇيغۇرلاردا ئىت تالاشتۇرۇش ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، تارىخىنى ھون دەۋرىگە سۈرۈش مومكىن. ئىت تالاشتۇرۇش نورۇزلۇق پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، قەدىمكى كىتاپلاردا كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى باش باھاردا تارقاق ھالەتتە چارۋا باقىدىغان كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ باش باھاردا ئۆز قەبىلە ياكى تەڭرىقۇت تۇرىدىغان جايغا (پايتەختىگە) يېغىلىدىغانلىقى، بىر يىلدا يىغقان تىرە-يۇڭلارنى ۋە چارۋىلارنى ئېلىپ-سېتىشىپ، سودا بىلەن شۇغۇللانغاچ ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى، بىللە ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن پادىچى ئىتلىرىنى تالاشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچىدىغانلىقى خاتىرلەنگەن.  گەرچە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى تېرىقچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدىغان بولغان بولسىمۇ لېكىن ئىت تالاشتۇرۇشمۇ خۇددى ئوغلاق تارتىش، خوراز چوقۇشتۇرۇش، قوچقار ئۇسۇستۈرۈش ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئوخشاشلا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
گەرچە ھازىرقى تالاشچى ئىتلا بۇرۇنقى پادىچى ئىتلىرى بولمىسىمۇ، بۇ ئىتلار مەخسۇس تالاشچى قىلىپ كۆندۈرۈلگەن ۋە مەخسۇس بېقىلىدۇ. تالاشچى ئىتلار 100نىڭ ئىچىدىن بىرەسى چىقىپ قالسا قالىدۇ. كۆپچىلىك ئويلىغاندەك ئىت بولسىلا تالاشمايدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش ئويۇنى ئاساسلىقى جەنۇبى شىنجاڭ تەۋەسىدە ئوموملاشقان بولۇپ، شايار، شىنخا، يەكەن ۋە خوتەندە ئېلىپ بىرىلىدۇ.
ئىت تالاشتۇرۇشتا بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان يىڭىش-يىڭىلىش قائىدىلىرى بەلگۈلەنگەن بولۇپ، ئىت تالىشىش جەريانىدا قاۋاپ سالسا، قۇيرۇقىنى تاشلىۋەتسە، چىقىرىسا ياكى قېچىپ كەتسە يىڭىلگەن ھىساپلىنىپ دەرھال ئايرىۋېلىنىدۇ. بىر قېتىم تالاشقان بىر جۈپ ئىت ئۆمۈر بويى يەنە بىر قېتىم يەنە شۇ ئىت بولەن تالاشتۇرۇلمايدۇ. خۇددى ئايلانما مۇسابىقىگە ئوخشاش يىڭىش ئەھۋالى بويىچە ، دەرىجىسى بويىچە دەرىجىسى تەڭ، جۇغى تەڭ ئىتلار تالاشتۇرلىدۇ (خۇددى بوكىسچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە ئېلىشقانغا ئوخشاش)
ئۇيغۇرلاردا ئىت تالاشتۇرۇش سورۇنلىرى ناھايىتى تەرتىپلىك ، دوستانە ئېلىپ بېرىلىدۇ. پۇل تىكىشىدىغان ئادەتلەر يوق.( بولۇپمۇ خوتەندە) ئىت تالاشتۇرغۇچىلارنى بەزىلەر رەھىمسىز دەپ ئەيىپلىشىدۇ، لېكىىن ئىتلار ئادىللىق بىلەن تەڭ جۇغدىكى ئىتلارنى تالاشتۇرىدۇ، ھەرگىزمۇ كىچىك ئىتنى چوڭ ئىتقا تالاتمايدۇ، يارا بولۇپ بولغۇچە قاۋاش، قۇيرۇق تاشلاش ئەھۋالىغا قاراپلا  يىڭىش-يىڭىلىشنى بەلگۈلەپ ئىتلارنى ئايرىۋىتىدۇ، ئىتۋازلار ئىتلىرىغا بەك كۆيىنىدۇ.
ئىت سورۇنلىرىدا ئىتلار چوڭ جەھەتتىن ئۈچ تۈر بويىچە ئايرىپ سېلىنىدۇ، يەنى چوڭ يەرلىك ئىتلار، كىچىك يەرلىك ئىتلار ۋە پېتىر ئىتلار ( يېقىندا چەتتىن كىرگۈزۈلگەن سورت) يەرلىك ئىتلار ھەرگىز پېتىر ئىتلارغا سېلىنمايدۇ. يەرلىك ئىتلارنىڭ تالىشىش تاماشاسى پېتىر ئىتلاردىن يۇقىرى بولىدۇ. يەرلىك ئىتلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى قۇيرۇقىنى تۇلۇق تۈگىدۇ.
يەرلىك چوڭ ئىتلارنىڭ بويى ئادەتتە 70سانتىمىتىر ئەتىراپىدا ئېغىرلىقى 40كىلوگىرام ئەتىراپىدا بولىدۇ. (پېتىر ئىتلارنىڭ بۇ نىڭدىن كىچىك)
بۇ يىلقى شىنجاڭ  بويىچە  ئالدىنقى قاتاردىكى ئىتلارنىڭ تالىشىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا زىراپە ئىسىملىك چاڭلاش  ئىت بىلەن لاسكۇي تاغىل ئىسىملىك يەرلىك ئىتنىڭ نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ، تالاشتۇرۇش قېتىم سانى ۋە يىڭىش ئەھۋالى باشقا ئىتلاردىن ئالاھىدە ئۈستۈن. ئىتۋازلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ئىككى ئىتنىڭ تالىشىشىنى كۆرۈشمۇ بىر تەلەي ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى ئىت سورۇنىدا ئىتلارنى ئۇدۇللاش بەك تەس، ئەلۋەتتە ئىتنىڭ ئىگىلىرىنى سېلىشقا ئۇنىسا ئاندىن سالىدىغان گەپكەن.
ئىتۋازلارنىڭ تۆت كۈزى بىلەن كۈتكەن كۈنى ئاخىرى يىتىپ كەلدى، 3-ئاينىڭ  29-كۈنى (شەنبە) لوپ ناھىيە مال بازىرىدىكى سورۇندا بۇ ئىككى ئىت تالاشتۇرۇلدى. زىراپە ئىسىملىك قىزىل ئىت بويىنىڭ ئىگىزلىكى، ئېغىرلىقىنىڭ ئارتۇقلىقى بىلەن تاغىل ئىتقا قىلچە پۇرسەت بەرمەي ئاز ئۈستۈلۈك بىلەن غەلبە قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىدى، لاسكۇي تاغىل چىداشچانلىقى، قەيسەرلىكى بىلەن ئىتۋازلار تەرىپىدىن پىشقان، چىداملىق ئىت، زىراپىدىن باشقا رەقىپ يوق ئىت ، دەپ تەرىپلەندى.
تۆۋەندە بۇ ئىككى ئىتنىڭ ماھارىتىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر.
(تەكلىپ: بۇنىڭغا قىزىقمىسىڭىز كۆرمەيلا قويۇڭ ، زىرىكىپ قالىسىز، يەنە ماڭا دەرس ئۆتۈپ، دوق قىلىپ بەرمەڭ، ئىتنى تالاشتۇرسا ئىتنىڭ ئىگىلىرى تالاشتۇردى، مەن گۇناسىز، پەقەت يوللاپ قويدۇم، خالاس)
[ يوللىغانqokkaتەرىپىدىن2008-04-01 23:40قايتا تەھرىر ]

 

___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-04-01

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+15(kisek) ئەنئەنىۋى با ..
  • ئېلان ئورنى
    ???????? ????????!
    | ۋاقتى : 2008-04-01 23:31 [باش يازما]
    molla-zaidin
    ئالتىنجى سەزگۈ

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى :تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 30658
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1153
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1153دانە
    شۆھرەت: 2851 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 588 سوم
    تۆھپە: 70 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :349(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-24
    ئاخىرقى :2008-04-08

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئالامەت ياخشى تالاشتى .رەسمى قەيسەر ئىتلار ئىكەن
    ئېلان ئورنى
    يوق ئىشىم ھاكىم،ئەمەلدار ،شاھى سۇلتانلار بىلەن،
        بىرگە بولسام دەيمەن دائىم باغرى سۇنغانلار بىلەن.
    | ۋاقتى : 2008-04-02 00:06 1 -قەۋەت
    kisek

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23530
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 477
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە477دانە
    شۆھرەت: 534 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5670 سوم
    تۆھپە: 83 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 87 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :136(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-10
    ئاخىرقى :2008-04-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

      مەن شەخسەن ئۆزەم بۇ توخۇ سوقۇشتۇرۇش،ئىت تالاشتۇرۇش،قوشقار ئۈسۈشتۈرۈش...ھەتتا بوكسىيورلۇق قاتارلىق تۈرلەرگە تەنقىدى پوزىتسىيەدە  ئەمما بۇ ئەجداتلىرىمىزدىن نەچچى مىڭ يىلدىن بېرى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى نورۇزلۇق پائالىيەتلەر شۇنچە كۆپ ھەۋەسكارلارنى قىزىقتۇرىشى مېنىڭچە بۇنىڭمۇ مەلۇم جەھەتتىن ئاساسى بار.
      ئەنئەنىۋى بايراملىق پاالىيىتىمىزدىن تورداشلارغا  ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگىنىڭزگە تەشەككۈر!
    | ۋاقتى : 2008-04-02 00:17 2 -قەۋەت
    sertlan

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34211
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 409
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە409دانە
    شۆھرەت: 1666 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 0 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-02-29
    ئاخىرقى :2008-04-06

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئىت  تالاشتۇرۇش  مەن  ئانچە  ياقتۇرمايمەن  بۇ  ئۇيۇنى
    ئېلان ئورنى
      ئازاپ مىنى  تەپەككۇر  قىلدۇردۇ . تەپەككۇر  مىنى ئازاپلايدۇ!!!
       
    | ۋاقتى : 2008-04-02 06:49 3 -قەۋەت
    diki-dikkang

    يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 6596
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1317
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1317دانە
    شۆھرەت: 1446 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 13017 سوم
    تۆھپە: 72 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 70 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :343(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-07-17
    ئاخىرقى :2008-04-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مىنىڭچە بۇ بىر قالاق ئەن-ئەنە.
    جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇ تۈردىكى مىللى ئەنئەنىلىەر شاللىنىشى كىرەك.
    ئىسلام شەرىئىتىدىمۇ بۇنداق  ھايۋانلارنى تالاشقا سېلىپ تاماشا كۆرۈش( پۇل تىكىپ قىمارۋازلىق قىلىشنىڭ گۇناھلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز)  گۇناھقۇ دەيمەن ( بىلگۈچى ئاللا ) .
    زورىگۇل قۇتئال



    www.ukij.org/teshwiq



    | ۋاقتى : 2008-04-02 11:19 4 -قەۋەت
    aliali

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15550
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 888
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە888دانە
    شۆھرەت: 914 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8880 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :1002(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-10
    ئاخىرقى :2008-04-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن گۇناسىز، پەقەت يوللاپ قويدۇم، خالاس......................
    قارىسام  راستلا  گۇناسىزدەك  تۇرسىز  !
    يۇقارقى  پائالىيەتنىڭ    ئەنئەنمىز  ئىكەنلىكىنى  ( تولۇق  تارىخىي  ئىسپاتلار  )  بىلەن  ئىسپاتلاپ  ئادەتتىكى  ،  نۇمال    ئىشلار  قىلىپ  جۇاڭشىيۇ  لىۋىتىپسىزيۇ    ماقالىڭىزنىڭ  ئاخىردا  نىمە  ئۈچۈن  ئۆزىڭىزنى ( مەن گۇناسىز  )  دەيسىز         
    | ۋاقتى : 2008-04-02 13:13 5 -قەۋەت
    aliali

    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15550
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 888
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە888دانە
    شۆھرەت: 914 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8880 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :1002(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-10
    ئاخىرقى :2008-04-09

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەگەر  يۇقارقى  پائالىيەت  راستىنلا  بىزنىڭ  ئەنئەنىمىز  بولسا  مەن  بۇ    تىمىدا  دىكى  -  دىكاڭ  خانقىز  بىلەن  ئورتاق  قاراشتا 
    ئېلان ئورنى
    | ۋاقتى : 2008-04-02 13:15 6 -قەۋەت


     
    شەبنەم كىنو قانىلى
    Time now is:04-09 19:32, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation