S.3
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 34
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:10(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-13
|
ئېرىنى شىر ئاغزىدىن قۇتقۇزىۋالغان ئايال.
ۋەقە پەيدا قىلغان شىر.
ئايال يارلانغان ئېرىدىن خەۋەر ئالماقتا.
ئامىرىكا كالفۇرنىيە شىتاتىدا بىر جۈپ ياشانغان ئەر-ئايال دۆلەتلىك ھايۋاناتلار باغچىسىنى ئايلىنىۋاتقاندا شىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. شىر ئەرنىڭ باش قىسمىنى چىشلىۋالغان بۇلۇپ، ئايال بىر تال كالتەك بىلەن شىرغا قارشىلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى ئېرىنى شىر ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرىۋالغان. 65ياشلىق نېيىر.خام، ئېرى جېم.خام(70ياش) بىلەن لوس-ئانجىلىسنىڭ 500كىلومىتىر شەرقىدىكى دۆلەتلىك ئورمان ھايۋاناتلار باغچىسىغا ساياھەتكە باردى. ئالدىدىراق ماڭغان نېيىر كەينىدىن بىر غەلىتە ئاۋازنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ كەينىگە قاراپ چۆچۈپ كەتتى. بىر ياۋۇز شىر جېمنىڭ باش قىسمىنى چىشلىۋالغاندى.< ئۇ ۋارقىرىيالمىدى. لىكىن بىرخىل خېخىرىغان ئاۋاز چىقاردى. مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىغان ۋاقتىمدا شىر ئاللىقاچان جېمنى يەرگە بېسىۋالغاندى.> نېيىر دەرھال يەردىن 10سانتىمىتىر توملۇقتىكى كالتەكنى ئېلىپ شىرنى ئۇرۇشقا باشلىدى. بىراق شىر جېمنىڭ بېشىنى قويۇپ بەرمىدى. <بۇ جەرياندا جېم ماڭا گەپ قىلىپ تۇردى. ئۇ ماڭا:- يانچۇغۇمدا بىر قەلەم بار ئېلىپ شىرنىڭ كۆزىگە تىقىۋەتكىن.-دىدى.> نېيىر ئېرىنىڭ يانچۇغىدىن قەلەمنى ئالدى.< مەن بار ئاماللار بىلەن قەلەمنى ئۇنىڭ كۆزىگە تىقماقچى بولدۇم. بىراق بۇ ئىش مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان بولمىدى.> قەلەم سۇنۇپ كەتتى .نېيىر يەنە كالەكنى قولىغا ئېلىپ شىرنى ئۇرۇشقا باشلىدى. بۇچاغدا ئېرىنىڭ قېنى شىرنىڭ ئاغزىنى بويلاپ توختىماي ئاقماقتا ئىدى. بىر ئازدىن كىيىن شىر ئاخىرى ئېغىزىدىكى <ئولجا>سىنى قويۇپ بەردى. نېيىر بولسا تاكى شىر يېنىدىن كەتكۈچە بىر تەرەپتىن ۋارقىراپ، بىر تەرەپتىن قولىدىكى كالەكنى پۇللاڭشىتىپ تۇردى. شىر ئاخىرى كەتتى. جېمنىڭ باش قىسمى ۋە باشقا ئەزالىرىمۇ ئېغىر جاراھەتلەنگەن بولۇپ،قان توختىماي ئېقىۋاتاتتى. نېيىر شاخ-شۇمبىلار بىلەن ئۆزلىرىنى قوغداپ يول بويىدا ساقلىدى. ئاخىرى بىر ئورمان چارلىغۇچى كەلدى. جېم ئوڭۇشلۇق دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى. دوختۇر جاراھەت ئېغىزلىرىنى تىكتى. جېمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. سۆزلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى كىيىنكى ئايدا ئۇلار توي قىلغانلىقىنىڭ 50يىللىق خاتىرسىنى ئۆتكۈزمەكچىدى.
( بۇ راسىت بولغان ۋەقە. مەنبە شېنجېن تورى.)
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-02-24 01:45 |
| |