| |||||||||
دۇنيا ئىللىق دۇنيا | موللام تۇغۇلغان كۈنىڭگە موبارەك بولسۇن .بۇ تىمىنى xabnam ئىلگىرلەتتى(2008-04-01)
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۈم ئىنىم موللا زەيدىن قوتلۇق تۇغۇلغان كۈنىڭگە موبارەك بولسۇن . ئىنىم ،مۇشۇ مىنۇتلاردا سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭنى تەبرىكلەپ ئولتۇرغىنىمدىن تولىمۇ خوشالمەن .گەرچە بىزبىر-بىرىمىزنى كۆرۇپ باقمىغان ،ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان بولساقمۇ تۇر دۇنياسىدىن ئىبارەت بۇ مەۋھۈم بوشلۇق بىزنى ئۆزئارا تونۇشتۇردى .شۇ جەرياندا سىنىڭ گەرچە ياش جەھەتتىن كىچىك بولساڭمۇ ،بىراق ھەممە جەھەتتىن خىلىلا ئەتراپلىق يېتىشكەن بىر ئۆسمۈر ئىكەنلىكىڭنى تونۇپ يەتتىم .بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىتىم بىلەن ئەلۋەتتە ساڭا ئوخشاش بالىلىرىمغا مەسئۇل بولۇش ۋەزىپەم بار دەپ ئويلايمەن .ئالدى بىلەن مۇنبەردىكى بارلىق ئاكا-ھەدىلىرىڭگە ۋاكالەتەن (4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى)قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىڭنى تەبرىكلەيمەن .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەردىكى بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ساڭا بولغان كۆڭۈل سۆزىنى ئىيتماقچىمەن : ئىنىم ،مەڭگۈ ئالدىغا قاراپ ياشاشنى بىل .ئەقىللىق كىشىلەر مەڭگۈ ئۆز زىيىنى ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۇرمەيدۇ.بەلكى خوشاللىق بىلەن چارە تېپىپ بەدىنىدىكى جارەھەتلەرنى ساقايتىدۇ . ئۆز-ئۆزەڭنى كۈزىتىپ تۇر ،كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۆمۈدۋار بول .بىراق يىراقتىكى غۇۋا نەرسىلەرگە بىرىلىپ قىلىپ ياندىكى ئىنىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالما . ئاتا-ئاناڭنى قەدىرلە .ئۆزەڭنىڭمۇ بىر كۈنلەردە شۇلارنىڭ ئىزىنى بىسىپ چىقىدىغانلىقىڭ مەڭگۈ ئىسىڭدە بولسۇن .ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەش ،ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىش ،ھالداش ،مۇڭداش بولۇش بىز پەرزەنتىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىتىمىز ھەم مەجبۇريىتىمىزدۇر .شۇڭا مەن سىنىڭدەك بىر بالىنى بىقىپ قاتارغا قوشقىچە كۆپ جاپالار تارتقان ئاناڭنىڭمۇ ،سىنى ئۈشبۈ دۇنياغا ئاپىرە قىلغان قۇتلۇق كۈنىنى تەبرىكلەيمەن .ھەم ئاللادىن ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر ،تۇرمۇشىغا ئالامچە خوشاللىق تىلەيمەن . شۇنى ئىسىڭدە چىقارمىغىنكىن سەن ،مەن ياشاۋاتقان بۇ دەۋر دەل رىقابەت دەۋرى ،كۈچلۈكلەر ياشايدىغان دەۋر.بىر ئادەمنىڭ كۆزى كۆرمىسە ئۇنى يېتىلەيدىغان ئادەم چىقىدۇ ،بىراق ئەقلى كۆرمىسە ئۇنى ئورىغا ئېتتىردىغانلار كۆپ بولىدۇ .ھايات مۇساپەڭدە ئۈگۈنىشنى ئۆزەڭگە ھەمراقىل .باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىپ قولۇڭدىن يېتىلىشىنى كۈتۈپ يۇرمە ،چۈنكى پەقەت كۆزى كۆرمەس ئەما كىشىلەرلا شۇنداق قىلىنىشقا ھەقلىق .ھەرگىزمۇ كۆزى ئوچۇق قارىغۇبولۇپ قالما. نەتىجىلىرىڭدىن پەخىرلىنىپ قالما ،چۈنكى تۇنۇگۈنكى نەتىجە ھەرگىمۇ سىنىڭ بۈگۈنىڭگە ،كەلگۈسىڭگە يۆلەنچۈك بولالمايدۇ.ئۆتمۈش ئۇ ھامان تۈنۈگۈنگە خاس .بۈگۈن ھامان يېڭىچە بىر كۈن .غەپلەتتىن ھامان يىراق بول .شۇنداق بىر ياشايلىكى ،بىزمۇ كىينكىلەرگە يىغلاپ تۇرۇپ ئاچچىق نەسىھەت ئەمەس بەلكى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆچمەس نەتىجىلەر قالدۇرايلى .ھايات يولىدا باسقان ھەربىر ئىزىڭدىن قىزىل گۈللەر ئۈنسۈن . ئۆزەڭگە ھەددىدىن زىيادە ئىشنىپ كەتمە .شۇنەرسە ئىسىڭدە بولسۇن .تارىختا دەل مۇشۇنداق ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كىتىش سەۋەبىدىن بىزنىڭ تارىخىمىزدا نۇرغۇن پاجىئەلىك كۆرۈنىشلەر قىلىپ قالغان .ئۆزىگە ئىشنىپ كىتىش ئادەمنى شەيتاننىڭ ئۇسسۇلىغا سالىدۇ. پۇرسەت -بىر چاقماق .ئۇ غىپلا قىلىپ ئۆتۇپ كىتىدۇ .بىلمىگەن كىشىلەر ئۇنى بەلكىم بىر ئۆمۈرمۇ ئىزدەپ تاپالماسلىقى مومكىن بىراق ،ھەقىقىي ئەقىل كۆزى بىلەن ياشاۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇنى ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق .چۈنكى ئۇ سىنىڭ ،مىنىڭ ئالقىنىمدا .موھىمى شۇنى ھىس قىلىشتا . ھەرقانداق ئۇرۇندا ھەق سۆزلە ،بىراق ئۆزەڭ ئالدى بىلەن شۇنىڭغا ئەمەل قىل. ھەرگىمۇ «موللامنىڭ دىگىنىنى قىل ،قىلغىنىنى قىلما»دىن بولۇپ قالمىسۇن . ھەرۋاقىت باشقىلار ئالدىدا ئاجىزلىقىڭنى سۆزلەشتىن ئىھتىيات قىل .چۈنكى سەن بىر قىتىم ئاجىزلىقىڭ ھەققدە سۆزئاچساڭ ،دۇشمىنىڭ بىر قىتىم كۈچىيىدۇ . ھايات يولىدا ئۆزگىچە يول تۇتۇپ ياشا .ۋىجدانلىق بول . قالدۇرغا ن ھەر بىر ئىزىڭدىن ۋىجدان قەسىدىسى ياڭراپ تۇرسۇن . بوپتۇ بۈگۈن ئالامچە شادلىق ، ھاياتتا خوشاللىق تۇغۇلغان كۈنۈڭ. چىن بەخىت تىلىدۇق يۇرەكتىن ساڭا، مەڭگۈگە پاك بولسۇن بۇ تۇرمۇش يولۇڭ. ھۆرمەت بىلەن :دۇنيا بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنى بولغان مۇنبەردىكى بارلىق تۇرداشلارنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيمەن . pixanamxu sapar2007 KARABORAN JASRAT.41 xax401 uyghurmusic aksakal gominam mahmutjan_xj HemirBatur ھەيدەر Jasarat41 دولقۇن dolan0997 مەجنۇنشاھزادە NaDaNGιЯL kalapoki Erpan0999 IZQILA hacker253 kayguluk molla-zaidin SAYRAM888 tanhaman KAPLAN.007 qakmak1 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
ئىز | تۇغۇلغان كۈنىڭلىغا مۇبارەك بولسۇن ! موللام ... بەخت-ئامەت سىلىگە يار بولسۇن !
بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنى بولغان بۇ ئەزالارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى چىن دىلىمدىن تەبىرىكلەيمەن. pixanamxu sapar2007 KARABORAN JASRAT.41 xax401 uyghurmusic aksakal gominam mahmutjan_xj HemirBatur ھەيدەر Jasarat41 دولقۇن dolan0997 مەجنۇنشاھزادە NaDaNGιЯL kalapoki Erpan0999 IZQILA hacker253 kayguluk molla-zaidin SAYRAM888 tanhaman KAPLAN.007 qakmak1 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
باغۋەن تەنھالىق تەسلىمنامىسى | مۇبارەك بولسۇن، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ۋە گۈزەل كېلەچەك تىلەيمەن ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
matematika0995 | ئەسسالامۇ -ئەلەيكۈم مۇلاخۇن بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭىزكەندە
قوتلۇق بۇلغاي تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە. تېزاراق چوڭ بۇلغايسىز........... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0999yurut | تۇغۇلغان كۇن دىگەن مىنىڭكىدەك ئۇن تىنسىز ئوتكەن بەك ياخشىكەن .
موللاخۇن موبارەك بۇلسۇن .ئىككىمىز بىر كۇن پەرىقلىنىدىكەنمىز .. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
JAHANGIR51 | توردىكى بۈگۈن تۇغۇلغان بارلىق تورداشلارنى قۇتلۇقلايمەن،تۇغۇلغان كۈنۈڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! بەخت-سائادەت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
judun | مۇبارةك بولسۇن ئىنىم . بىرنىڭ تىلىكى مىڭنىڭ تىلىكى ئةلۋةتتة ...
بةلكىم ئۆز ھېسياتىڭىز بويىچة ھاياجانلانغان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن . تاغ باغرىدا تۈز يول تاپماق ئانچة ئاسان ئةمةس ، ئةنة شۇ تىرىشچانلىق يار بولغاندىلا مةنزىل تېخىمۇ سۈيۈملۈك بولدۇ ... سىزگة تىلةنگةن ئاق تىلةكلةرگة تةشةككۈر . سالامةت بۇلۇڭ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sabiha bbs.xabnam | تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بەخىت - ئامەت سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sertlan دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن . سىزگە بەخت تىلەيمەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
GUL~BARNA دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
ئۆگۈنىشىڭىز نەتىجىلىك بولسۇن! تېنىڭىز سالامەت بولسۇن! ئاللاھتىن سىز گە بەخىت يار بولسۇن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nabira | pixanamxu sapar2007 KARABORAN JASRAT.41 xax401 uyghurmusic aksakal gominam mahmutjan_xj HemirBatur ھەيدەر Jasarat41 دولقۇن dolan0997 مەجنۇنشاھزادە NaDaNGιЯL kalapoki Erpan0999 IZQILA hacker253 kayguluk molla-zaidin SAYRAM888 tanhaman KAPLAN.007 qakmak1
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!!! سىلەرنى دۇنىياغا ئاپىرىدە قىلىغان ئولۇغ ئاناڭلارنىڭ ئولۇغ كۈنگە مۇبارەكلەر بولسۇن!!!اللا ھەممەيلەننىڭ ئەزىز باشىنى ئامان قىلىسۇن .... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
1aspiranet دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:موللا م تۇغۇلغان كۈنىڭگە موبارەك بولسۇن .بۇ ئەسلى ئوماق ئىنىمىزكەنغۇ،تۇغۇلغان كۇنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!بەخىت ۋە خوشاللىق سىزگە مەڭگۇ يار بولسۇن!ھەر بىر قەدىمىڭىز نەتىجىلىك بولغاي!باشقا تورداشلارنىڭمۇ تۇغۇلغان كۇنىگە مۇبارەك!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
matimatika | تۇغۇلغان كۇنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .
تىنىڭلار سالامەت بولسۇن ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tanha~suygu1 | تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن . سىزگە بەخت تىلەيمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|