![]() |
| ||||||||
gul-sanam
توغراق قىزى
| | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
gul-sanam
توغراق قىزى
| ___ پەرىدە بايام سىرتتا ئاغىنىلەر بىلەن ئازراق ئىچىپ قالغان ،ئۆيگە كىرىىپ ئۇخلاپ قاپتىنممەن ،ھازىر ئايالىمنىڭ بىرسىنى تىللىغان ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم، -ئۇنىڭ گىپى تۈگمەي تۇرۇپ مەن كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم :
___ بولدى ،ئەمدى ھىچنىمە دىمەڭ ، مېنىڭ ھىچقانداق گەپ ئاڭلىغىم يوق. ،- مەن شۇنداق دەپ تېلفۇننى قويدۇم . يۈركۈمنى بىر نەرسە تاتلاۋاتقاندەك ، بەك بىئارام ئىدىم ،ئۆزىمگە ھەرقانچە ئىچىم ئاغرىسىمۇ ئۈزۈمنى ئاقلاشقا ئامالىم يوق ئىدى .ئۈزۈمنى كەچۈرەلمەيتىم . ___ مەن شۇ ۋاقىتتا ئۈزۈمنى چوڭ بىر قاباھەتتىن ئويغانغاندەك ھىس قىلدىم .قەلبىمدە نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سۈكۈناتتا تۇرغان بارلىق ۋىجدانى تۇيغىلىرىم بىراقلا ئويغانغاندەك ھېلىدىن ھېلىغا مېنى ئۈزنىڭ سوت مەيدانىغا سۆرەيتى . مەن نىمە ئىش قىلىپ قويدۇم ؟ مەن ئەمدى قانداق ئايال؟ مەن قانداق ئانا ؟ ئۆز بەختىمنى ئۆز قۇلۇم بىلەن ۋەيران قىلغىنىم نىمىسى ،ھاياتتىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە ئۈزۈمنىڭ ئۈچىنچى شەخسىنىڭ رولىنى ئېلىشىم ، بۇ مېنىڭ ھايات پەلسەپەمگە ئۇيغۇنمىدى ؟ ..مانا مۇشۇنداق تالاي سۇئاللارنىڭ دەستىدە ئۇھ دىگىدەكمۇ ھالىم قالمىدى . ئازغۇنلۇق كۇچىسىدا پىتىراپ يۈرگەن مىنۇتىمغا ئېچىناتتىم .مەن ئەمدى ھەممىنى يېڭدىن باشلاش قارارىغا كەلدىم . ئىچىمدە بولسا ،<<ھەي پەرى ،ئەتە تاڭ ئاتسا سەن يېڭى قەدەم تاشلا ،سەن باشقىلارنىڭ ئاشنىسى بۇلۇپ قالغىدەك پەسكەش ھالدا ئەمەس >> دەپ ئاگاھلاندۇردۇم . ئۈزۈمنىڭ ئاجىزلىقىغا ئۈكۈندىم .شۇنداق قىلىپ مەن كۈتكەن تاڭمۇ ئاتتى . مەن راسلا ھەممىگە پەرۋاسىز ،باش چۈكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىدىغان تىمتاس ئادەمگە ئايلىنىشقا تىرشىۋاتقان ئىدىم .مەندە ھىچقانداق ئىستەكمۇ يوق ئىدى .مەندە بارى تېنىچلىق ئىلتىجاسى ،ئۈكۈنىشتىن كىيىنكى ئۈزنى ئىزلەشلا ئىدى . بۇ جەرياندا باشلىقمۇ ماڭا ئارتۇقمۇ گەپ قىلمىدى ،ئىشخانەمگە كىرسىمۇ ھىچنەرسە دىيىشكە ئىمكان بەرمەسلىكىم تۈپەيلىدىن ئۇ جىم جىت چىقىپ كېتەتتى .مەن بولسام بۇ ھالتىمدىن مىڭ شۈكرە دەيتىم . شۇ ھەپتە ئاخىرى ئىدارەدىكىلەرنى باشلىق ئۈيىگە مىھمانغا چاقىردى ، مەن بارماسلىقنى ئېنىقلا دىدىم .ئەممە باشلىق : ___ ئۇنداق قىلسىڭىز قانداق بۇلىدۇ ،ئىككىمىزنىڭ مۇناسۋىتى بارلىقىدىن قورقۇپ بارمىغىنىڭىز بىلىنىپلا قالمامدۇ ؟ -دىدى . بۇ گەپتىن بەكمۇ غەزەپلەندىم ،،<<ئىككىمىزنىڭ نىمە مۇناسۋىتى بار ئىدى ،قىزىققۇ سىز ،ھەممە ئىش تۈگدى .>>دىدىم .ئۇ بەكمۇ ئازاپلانغان قىياپەتتە چىقىپ كەتتى ،شۇ كۈنۈ كەچ ،ئۇنىڭ ئايالى ماڭا تېلفۇن قىلدى : ___ پەرىدە ،ئاڭلىسام سىز كەلمەيمەن دەپسىز ،بۇنداق قىلسىڭىز قانداق بۇلىدۇ ،چۇقۇم كېلىڭ . بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچ ئىش يوق شۇنداققۇ ،كەلمىسىڭىز باشقىلار نىمە دەپ قالار ؟ ... مانا مۇشۇ گەپلەردىن كېيىن مەن ئامالسىز ئۇلارنىڭ ئۈيگە خىزمەتداشلار بىلەن پەتىگە باردىم . كېيىن باشلىق ئايالىنى بىز تۇرۋاتقان ناھىيەگە يۆتكەپ كېلىپ، مېنى قاباھەتكە سۆرەپ كىرگەن ياتىقىنىمۇ كۈچۈرۈپ ئۈيگە كەتتى .مەن شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش تۈگەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ،ئەممە ئۇلار ئائىلىسىدىكى زىديەت كۈچەيگەنچە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ مەن توغۇرلۇق دەيدىغان گەپلىرىمۇ كۆپەيەىلى تەگدى .مەن بولسام شۇ ئاھانەتلەرنى ئاڭلاشقا ھەقلىق تەك .ئۈزۈمنى جىنايەتچىدەك ھىس قىلاتتىم .باشلىق ئۈچۈن مىنىڭ ئۈزۈمنى تارتىشىم ئاقماس ئىش ئىدى .ئۇ بىزنىڭ بۈلۈمنىڭ خىزمەتتىكى كىچىككىنە ئىشىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ماختايتى . بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىق شاراىتنى يارتىپ بېرەتتى . نورتى كەلگەندە ھەر خىل بىشارەت بىلەن مېنىڭ تەغدىرىمنى ئۆزگەرتىۋتىشمۇ قۇلىدىن كېلدىغانلىقىىنى ماڭا بىلدىرىپ قۇياتتى . مەن غۇنداق چاغلاردا ،ھەي ! ئايال ھەي ئاقىزلىق دەپ نىدا قىلاتتىم. ئەمما تۇيىقسىز يۈز بەرگەن بىر ئىش ھەممە ئىشلارنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتتى . مەسۇت باش تەپتىش بىر كۈنى ئايالى بىلەن ئۆز ناھىيەسىدىكى ئۈيىگە كىتىۋاتقاندا ئۇلار ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ ،ئۆزى ئېغىر يارىلاندى ، ئايالى شۇ ھادىسىدە ئۈلۈپ كەتتى .بۇ ۋەقە ھەممە يەردە غۇل-غۇلا قوزغاپ ،ھەممىلا كىشى ماڭا سىرلىق قاراۋاتقاندەك بىلىندى ،<<ئۇلار ماشىنىدا تەگشىپ قاپتىكەن ، مۇشۇ پەرىدە سەۋەپلىك ،ئۇلارنىڭ جىدىلى بېسىقمايۋىتىپتىكەن ،مەسۇت باش تەپتىش ئايالىغغا ئاجرىشىشىنى تەلەپ قىلىپتىكەن ....>> مانا مۇشۇنداق گەپلەرنىڭ دەستىدە مەن راسلا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ،مەسۇت ياتاقتا ،ئېغىر يارىدار ئىدى .خىزمەتداشلار ھەممىسى مېنى<< بېرىڭ يوقلاپ كېلىڭ ئۇ خېلىلا ئېغىر يارلىنىپتۇ >>دىدى .مەنمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ باققىم كەلدى .ئۇنىڭ يۈز تېرىللىرى سۈرۈلگەن ،ئوقرەك سۈڭىكى سۇنغان ئىدى . دخىتۇرخانىدا بىرئاي داۋالىنىپ ، ئىككى ئايچە ئارام ئالغاندىن كىيىن ئاندىن ئىشقا چۈشتى. بۇ ئىشتىن كېيىن بىزنى« توي قىلىدىكەن » - دەيدىغان پاراڭلار ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى ، مەن ئەمدى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بۇيچە بۇلدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قالغان ئىدىم . مەن باشلىقنىڭ بىرەر يىلدىن كېيىن ماڭا توي قىلىش تەكلىۋىنى بېرشىنى كۈتتىم . چۈنكى مېنى ئۇنىڭ ئاشنىسى دەپ ،سېسىق نامىم پۈتۈن يەرگە پۈر كەتكەن تۇرسا ،بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمنى باشقىچەرەك ئويلاشقا مەن جۈرەت قىلالمايتىم . لىكىن ئەھۋال مەن ئويلىغاندەك بولمىدى . ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ ،مەسۇت باش تەپتىش ماڭا بارغانچە سىرلىق بىلىنىشكە باشلدى ،دەسلەپتە ئۇ مېنى چوڭ ئۈيدىكىلەرگە تېلفۇن بەرگۈزەتتى . ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان تەسرىنىڭمۇ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى توي ئىشىدا ، پەقەتلا باللىرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىغىنى ئېيتقىنى ئۈچۈن مەن سۈكۈت ئىچىدە ،تەغدىرنىڭ تەقسىماتىنى كۈتۈشكە مەجبۇر ئىدىم ،ئەپسۇس . باشلىقنىڭ مىجەز خاراكتىرى بارغانچە ئۆزگىرىپ ئوخشىمايدىغانلا ھالەتكە كەپ قالغان ئىدى . بۇرۇنقى كۈيۈمچانلىق ،چىقىشقاقلىق گويا ئۇنىڭ تەبىتىنى تەرىك ئەتكەندەكلا ئىدى .ھېلىمۇ ئېسىمدە ،ئۇ بىركۈنى بىريەگە ساياھەتكە بىرگە بېرىپ كېلەيلى دەپ تېلفۇن قىلدى . ئۆيدە ئاكا ،ئاچىللىرىممۇ بولغاشقا بارالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم بۇ ماي بايرىمى ۋاقتى ئىدى . ئۇ غەزەپلەنەەندەك گىپىم تۈگمەيلا سۆزلەپلا كەتتى : _ ھە ، تايىنلىق باردىغان باشقا يىرىڭىز باردۇر ،بولدى بارمىسىڭىز بارماڭ ..-،دەپلا تېلفۇننى ئۈزدى .بۇ ئىشتىن شۇنچە بىئارام بولدۇم ،ئۇنىڭ شەكىل ئۈچۈنلا ،ماڭا سەمەرقەن تەكلىۋى قىلغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى . دەل شۇ كۈنى كەچتە بىر ناتۇنۇش ئايالدىن ماڭا تېلفۇن كەلدى .<< پەرىدە ، مەسۇتتىن ئەمدى ئۈمۈدىڭىزنى ئۈزۈڭ ،ئۇ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلماقچى ...>> مەن بۇ سۆزدىن بىرسى گويا مىنى پىقىرتىپ قۇيۋەتكەندەك بۇلۇپ قالدىم . ئۇزاق ئۆتمەي مەسۇت مېنى ئىشخانىدا ساقلاۋاتقىننى ئېيتتى .مەن بېرىپ زادى نىمە ئىشلىكىنى سورۇدۇم . ئۇ <<يوق گەپ >> دەپ ھىچنىمىنى ئېتراپ قىلغىلى ئۇنىمىدى . مەن بولسام گاراڭ ئادەمدەك تەغدىرنىڭ مانا قىلىدىغان يەنە ئاللا قانداق چاقچاقلىرنى كۈتۈپ يۈرىۋەردىم .چۈنكى مېنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا چارەم يوق ئىدى . يازنىڭ ھاۋا ئىنتايىن ناچار بىر كۈنى ،بىز توۋەنگە بىر دېلونىڭ ئىشى بىلەن باردۇق <ئۇ بىۋاستە ئېيىپلاشقا يولىغان دېلو ئىدى > ،باشلىقمۇ بىز بىلەن بىرگە باردى . ئۇ ساقچىخانىدا ئەلى بار ئىدى .بىز ئالدىنقى كۈنى خەۋەر قىلغان كىشىلەر كەلمەپتۇ .شۇنڭا باشقىلار مىنى بۇ يەردە جىنايەت گۇماندارىنى سوراق قىلىپ تۇرشىمنى ،ئۇلار ۋىلايەتتىن قايتاشىدا مىنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كىتىپ قالدى . مەن خېلى ساقلىغان بولساممۇ ، جىنايەت گۇماندارى كەلمىدى ، ئەلى ئۇ ئەدەمنىڭ سەل ساراڭقېتىش ئادەمللىكىنى بۈگۈن كېلىشىدىن كەلمەسلىكى ئېھتىمالغا يىقىنلىقىنى ،يەنە بىراز ساقلىساق يەنىلا كەلمىسە ، ئۈيگىلا ئىزلەپ بارايلى مەن سىزنى ئاپرىپ كېلەي ،شۇ رايۇنغا مەن مەسئۇل دىدى . ساقچىخانا مەسۇلىمۇ ،ئەلى ھەقىقەتەن شۇ رايۇنغا مەسۇل ناۋادا ئۇ ئاپىرىشقا قۇشۇلسا بىزنىڭمۇ باشقا پىكرىمىز يوق دىدى . ئۇلارنىڭ ئەمدى كەلمەيدىغانلىقىغا كۈزۈم يەتكەن ئىدى ، شۇڭا ئەلىنىڭ پىكرى بۇيچە جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۈيىگە قاراپ ماڭدۇق . موتوسىكىللاتتا خېلى ئۇزاق ماڭغاندا ئاندىن ھېلقى ئادەمنىڭ ئۈيگە يىتىپ باردۇق ، ئۇ كىشى ئېتىزلىقتا ئىكەن .بىز ئۇنى چاقىرتىپ كەلەەندىن كىيىن سوراقنى تۈگتىپ قايتايلى دەپ بولغۇچە قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى . بىز ئامالسىز ئۇ يەردە يامغۇرنىڭ توختىشىنى كۈتتۇق . تەخمىنەن ئىككى سائەتلەردە يامغۇرمۇ توختىدى . بىز مىڭ بىر جاپادا يېزا بازرىغا يىتىپ كەلدۇق ،خىزمەتداشلىرىم كېلىپ مېنى ساقلاپ بولالماي كىتىپ قالغان ئىدى .شۇڭا مېنى ئەلى كۇچا ئاپتۇبۇسىغا سېلىپ قويدى .تاتقان جاپالىرىمنى سوراشقا ھىچكىمنىڭ چولىسى يوق ،تالاي دەشنام ،سوراق سۇئالنىڭ نەق ئۈستىگىلا چۈشكەن ئىدىم . مەسۇت باش تەپتش ئاچىق بىلەن ھەتتا قوزىنى مۇشلاپ مېنى <<سەن>> دەپلا ئەيىپلەشكە باشلىدى: ___ ساڭا ئاساسى قاتلامغا دادۈيگە بېرىشنى كىم قويدى ؟ نىمىشكە بارسەن ؟ ئادەم كەلمىسە يىنىپ كەلسەڭ ياكى جىم ئولتۇرۇپ بىزنى ساقلىساڭ بولمامدۇ ؟ ئادەم تېپىلمىغاندەك ئەلى بىلەن يەنە كېلىپ بۇرۇنقى ئاشىقىڭ بىلەن بېرىپسەن ،دوپپامغا جىگدە سېلىپ ھازىر مۇناسۋتىم يوق دەپ باقە قېنى ؟ ساڭا بىرگە بارغىدەك ئادەم چىقمىدىما ؟ ئىسىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم ،نەدە نىمە ئىش قىلشىپ يۈردىڭ كىم بىلىدۇ ..دىدى . مېنىڭ بۇ خورلۇقلارنى بىھۇدە ئاڭلاۋاتقان تىل ئاھانەتلەرنى كۈتۈرگىدەك مادارىممۇ قالمىغان ئىدى . ھازىر بۇ ئاچچىققا چۈشەندىرىش كار قىلمايدىغان مەقسەتلىك ئاچچىق ئىكەنلىكنى قىياس قىلىپ بولغان ئىدىم . مەن ئاشۇ بىر دالاي تىل ئاھانەتلەرنى يۈدكېنىمچە ئۈيۈمگە يېنىپ كەلدىم . ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ تېلفۇن قىلىپ: ___ مۇناسۋىتىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشقاي-دىدى . مەنمۇ بايامقى جەڭگى جېدەل بىلەن مۇشۇ سۆزگە ئاساس ياراتماقچى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ تۇرغىنىم ئۈچۈن ،بۇ قارادىن بەك تاسادىبىلىقمۇ ھىس قىلىپ كەتمىدىم . ئەمما دەپسەندە بولغان ھاياتتىم ئىززەت ھۆرمىتىم ئۈچۈن ئىچىمدە نالە پەريات قىلدىم .ئۇنىڭ ھۇقۇقىدىن ،ئىمتىيازىدىن پايدىلنىپ مېنى ئاخماق قىلغىنى ،دەپسەندە قىلغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا شۇنچە نەپرەتلەندىم . گۈلباھار شۇ تاپ سىزدىن شۇنى يۇشۇرۇشنىڭمۇ ئورنى قالمىدى ،مەن ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشقاننىڭ ياقى ئىككى قېتىم بالا ئالدۇردۇم . ئاخىردا بولسا مەن مۇشۇنداق تەغدىرگە دۇچار بولدۇم .ھەقىقىتىنى ئېيتقاندا مەن دەپسەندە بولغان ،بۇلغانغان ئىدىم . شۇ ئىشتىن كىيىنلا مېنىڭ ئىشخانەم بىرىنجى قەۋەتكە كۈچۈرىلدى ،ئەسلىدىكى بۈلۈممدىنمۇ يۆتكەلدىم .بۇرۇن كىچىككىنە ئىش بولسامۇ ماختاشقا سازاۋەر بولغان بولساق ،ئەمدىلىكتە مېنىڭ سەۋەبىمدىن كېچىككىنە ئىش تۈپەيلىدىن تەنقىت ئاڭلاپ تۇردىغان بولدۇق ،شۇڭا بۈلۈم باشلىقىمىزمۇ ماڭا ئۆچ بۇلۇپ كەتتى . ئاخىرى باشلىقنىڭ تۇيى بولدى ، ئۇ تۇيى بۇلۇشتىن ئىلگىرى مېنى چاقىرتتى ،مەن ئۇنىڭ توي قىلىدىغىنىغا راس گەپ قىلسام زادى ئىشەنمەيتىم ، ئەجبا ئۇ راسلا بارلىق ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ كەتتىمۇ ؟ دەپلا ھەيران بۇلاتتىم : ___ پەرىدە ،مېنى كەچىرىڭ ،سىزگە جىق ئۇگال قىلدىم .مەن راسلا ياخشى قىلمىدىم . مېنى كەچۈرىڭ .باللىرىم سىز بىلەن توي قىلىشىمغا قەتتى قارشى تۇرغاش ،مەن باشقا بىرسى بىلەن ... ئاھ! خۇدا مەن ئاڭلاشنى خالىمايدىغان گەپ ئاخىرى چىققان ئىدى . مەن كۆزلىرىمدە ياش ،ئۇنىڭغا يېلىنىشقا باشلىدىم .شۇ تاپتا مەندە ساقلاپ قالغىدەك غۇرۇرمۇ قالمىغاندەك بېلىنگەن ئىدى . نىمالا قىلسام ئۇنىڭغا تەگسەم ئۇرۇق تۇققان ،خىزمەرداشلار ئالدىدا يۈزۈم يۇيۇلسا دىگەننىلا ئويلايتىم .ئەپسۇس ،ئاللا بۇرۇن بىكىتىلىپ بولغان تەغدىرىمنى مەن بىتەلەينىڭ قۇلىدىن ئۆزگەرتىش كەلمىدى . شۇنداق قىلىپ باشلىق توي قىلدى . گۈلباھار ئۈلۈۋىلىشنىڭ ئەڭ ئەشەددى گۇنا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ،شۇڭا مەن ئۈلۈۋالمايمەن ، ئەرلەر ئىستىلاسى ئاياللار ئۈچۈن ئاخىردا بىر ئاپەت بۇلىدىغىننى مەن ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن . مەن ئېلىۋىتىلگەن بالىلارنى خوشنا ناھىيەگە ئاپىرىپ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا دەپىنە قىلدىم . شەيىققە ئۇنىڭ ئايالىغا ھەم بۇ بالىلارغا ئاتاپ قۇران ئۇقۇتقۇزدۇم ، ئايالىدىن يىغلاپ تۇرۇپ ئەپۇ سورۇدۇم .<<بىز ھەر ئىككىمىز بۇ ئۇيۇندا (ئەلۋەتتە بۇ بىر ئەرنىڭ ئوينىغان ئۇيۇنى ئىدى )زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىچى ،سىز ئۈلۈپ ئارام تاپتىڭىز ،ئەمما مەن تىرىك تۇرۇپ دوزاق ئازاۋىنى تارتىۋاتىمەن . چۈنكى يۇقالغان ئادىمىيلىكىم ،ئىززەت ھۆرمىتىم ...ھەممىسى مەندىن ھىساپ ئېلىۋاتىدۇ>> دەپ يىغلىدىم . گۈلباھار سىزگە دەيدىغانلىرىمنى ھازىرچە مۇشۇ يەردە توختۇتاي سىز مەيلى مەن توغرىدا قانداق قارارنى چىقىرىڭ ،بۇ ماتىرتياللاردىن پايدىلنىپ ،چۇقۇم بۇ ئىشلارنى يېزىپ چىقىڭ . مەن ئۈزۈمنى ئۇنى بۇنى دەپ ئاقلاش نىيتىممۇ يوق ، چۈنكى تەغدىر مەن ئۈچۈن ھۈكۈم ئېلان قىلىپ بولدى ، مەن پەقەت قىزلارنىڭ ئاياللارنىڭ سەگەك بۇلىشىنى ، ماڭا ئوخشاش بىردەملىك تۇيغۇ ھەم ئەرلەرنىڭ ھەممىنى قايرىپ قۇيۇپ نۇمۇسسىزلارچە بېردىغان يالغان ۋەدىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالماسلىقنى ئۈمۈت قىلىمەن . ھۆرمەت بىلەن : پەرىدە . مەن قۇلۇمدا تۇتۇپ تۇرغان بۇ بىر ئوچۇم قەغەزنى ياق ،دەرت ئەلەملەرنى ،تىراگدىيەلەرنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە تىمتاس ئولتۇرۇپ قالدىم . مەن شۇ تاپ پەرىدەگە نىمە دەپ تەسەلى ئېيتىشنى بۇ ۋەقەلىكنى قايسى تەرەزدە يېزىپ پۈتتۈرىشنى بىلمەي قالغان ئىدىم . پەقەت ناھايتى تۆۋەن ئۈزۈم ئاڭلىغىدەك ئاۋازدا : ___ پەرىدە ،يەنىلا ئۈمۈتلىك بۇلۇڭ. ئەمدى ئەرلەرنىڭ ئىستىلاسىدىن مەيلى قايسى ھالدا بولسۇن ،ئاخىرى قۇتۇلۇپ چىقىپسىز . ھاياتنى سىز ئۈزىڭىز ئۈچۈن يېڭىدىن باشلاندى دەپ ئويلاڭ . __ دىدىم . ئاندىن دەرىزە ئالدىغا كېلىپ دەرىزىلەنى ئاچتىم-دە . سىرتتىكى باھارنىڭ ئىللىق ھىدىدىن چوڭقۇر نەپەس ئالدىم | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
matimatika
| ئەسەرنى تولۇق تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم .
1- ئەسەردە بايان قىلىنغان ۋەقەلىك رىئال تۇرمۇشىمىزدا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ۋەقەلىك بولسىمۇ ، بىر « پەرىدە » گە مۇجەسسەملىنىشى ئادەمنى خىلى ئويغا سالىدىكەن. 2- ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ « مەن » گە ھىسداشلىق قىلغۇم كەلمىدى .ئۇ تەكرار - تەكرار ئۆز تەقدىرىنى باشقىلارنىڭ بەلگىلىشىگە تاپشۇرۇپ بىرىدىكەن، بۇ جەمئىيىتىمىزدىكى خىيالپەرەس ، ئەمما نىشانسىز تۇركۇملىگەن ئانىلارنىڭ تېپىك ئوبرازىكەن.بەلكىم ئەسىرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتى دەل مۇشۇ نۇقتىنى ياخشى يورۇتۇپ بەرگىنىڭىز بولسا كىرەك. 3- ئەسەردە پىرسۇنازلارنىڭ ئىچكى ھىسسىيات تەسۋىرى ياخشى چىقىپتۇ ، ئەمما ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا 6-7 گىچە پىرسۇناز سەھنىگە چىققان بولسىمۇ ، يەنىلا ئىككى پىرسۇناز باش پىرسۇنازلىق رولىنى ئالىدىكەن ، قوشۇمچە ۋەقەلىككە ( كىرىشتۇرمە ۋەقەلىكنى بايان قىلىش ) ئىتىبار بىرىش يىتەرسىز بولغاچ ،بۇ ئەسەرنى مىنىڭچە يەنىلا « ھىكايە » دەپ ئاتىساق بولغۇدەك، ئەلۋەتتە بۇ يەكۇنۇم توغرا ئەمەستۇ . 4- ئەسەردىكى دىئالۇگلار بەك رۇشەن ئەمەسكەن، ئاساسەن بايان خاراتىرنى تۇس قىپتۇ ، بۇ پۇتكۇل ئەسەرنىڭ سۇپىتىگە تەسىر يەتكۇزۇپتۇ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ئەسەردىن ھۈزۇرلىنىش تۇيغۇسىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ قويىدىكەن. بەزى بايانلارنى دىئالۇگ شەكىلدە بەرگەن بولسىڭىز ياخشى بولاپتىكەن . مۇشۇنداق يىرىك ئەسەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرمەك ئاسان ئەمەس. بۇ ئەسىرىڭىز ھەم سىزنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىڭىزدىكى بىر نەمۇنە بولۇشقا مۇناسىپ . ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىشەنچ
ئوت يۇرتى
| پۇتۇنلەي ئوقۇپ بولدۇم لىكىن مەن مۇلاھىزە قىلىشقا سەل ئاجىزلىق قىلغۇدەكمەن ....
![]() [ يوللىغانئىشەنچتەرىپىدىن2008-03-31 00:52قايتا تەھرى ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
judun
| ئاخىرى روياپقا چىقىپتۇدە .... ئىلھاملىرڭىزغا بەركەت يار بولسۇن ...
بۇ ئۇرۇن مىنىڭ بولسۇنمىكىن ؟! ( كەسلىۋالدىم )ئەمسە ..! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
Altun-toghirak
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ ئورۇننى مەن ئەپ قويدۇم.تىمىنى تولۇق ئوقۇپ ، ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ ئاندىن ئىنكاس يازىمەن....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
sertlan
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | رەخمەت سىزگە قىرىندىشىم، بولدىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
man~
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | چوڭلاردىن قالغان ھېكىمەت ،ئورىنى كىم كولىسا شۇ ئۆزى چۇشۇدۇ دىگەن ھېكىممەت ھەقىقەتەن دۇرۇس سۆزدۇر .
سۆزۇمنى ئاپتور چوقۇم چۇشنىدۇ ،،،،،،، . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت
| مەن ئورۇن ئېلىپ قويۇپمۇ يۈرمەي، ئوقۇپ بولدۇم ئويلىغىنىمنى ئۇدۇللا دەي:
_____________________________________________________ «ئۇ»نىڭ ئايالىدىن يىغلاپ تۇرۇپ ئەپۇ سورۇدۇم .بىز ھەر ئىككىمىز («ئۇ»نىڭ ئايالى ۋە مەن)بۇ ئۇيۇندا (ئەلۋەتتە بۇ بىر ئەرنىڭ ئوينىغان ئۇيۇنى ئىدى)زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىچى ،ئۇ ئۈلۈپ ئارام تاپتى ،ئەمما مەن تىرىك تۇرۇپ دوزاق ئازاۋىنى تارتىۋاتىمەن . چۈنكى يۇقالغان ئادىمىيلىكىم ،ئىززەت ھۆرمىتىم ...ھەممىسى مەندىن ھىساپ ئېلىۋاتىدۇ . _______________________________________________________ مانا بۇلار بۇ ئەسەرنىڭ يىشىمى ھەم مەركىزى ئىددىيەسى ئىكەن.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.ھۆرمەت بىلەن :ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
nazira138
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | پەرىدەنىڭ بۇ ئازاپ ئۇقبەتلەرنى ئۇنتۇپ ھاياتقا ئۇمۇت بىلەن بىقىشىنى تىلەيمەن .بارلىق قىز -ئاياللىرىمىزنىڭ ئوز ئىززەت ھۇرمىتىنى قوغدىشىنى ، پەسكەش ئەرلەرنىڭ قۇربانى بولماسلىغىنى تىلەيمەن !!!!
سەنەم ھەدە سىزنىڭ قولىڭىزدا بۇ ئەسەر تىخىمۇ تەسىرلىك چىقىپتۇ ، ھارمىغايسىز ....................................... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
AZADAM
| داۋامىغا تەشنا مەن تازا بىرىلىپ ئوقىۋاتقاندا تۇگەپ كەتتى دىسە
جەمىيەتتىكى ئاجراشقان ئايالنىڭ كۇنلىرىنى ھەقىقى يۇرۇتۇپ بىرىپتۇ ئۇي تۇتتۇڭ بالادا قالدىڭ ئۇي تۇتمىدىڭ تالادا قالدىڭ دىگەن شۇدە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0999yurut
| ياخشى تىما يۇللىغىنىڭىزغا تەشەككۇر....ئوقۇپ بۇلغىچە ....................
![]() | ||||
---|---|---|---|---|---|
nargiza18
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | گۈل سەنەم ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!
خانىم قىزلارنىڭ ھەر بىر قەدەمنى ئويلىشىپ ،توغرا بېسىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
man~
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئۇ»نىڭ ئايالىدىن يىغلاپ تۇرۇپ ئەپۇ سورۇدۇم .بىز ھەر ئىككىمىز («ئۇ»نىڭ ئايالى ۋە مەن)بۇ ئۇيۇندا (ئەلۋەتتە بۇ بىر ئەرنىڭ ئوينىغان ئۇيۇنى ئىدى)زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىچى ،ئۇ ئۈلۈپ ئارام تاپتى ،ئەمما مەن تىرىك تۇرۇپ دوزاق ئازاۋىنى تارتىۋاتىمەن . چۈنكى يۇقالغان ئادىمىيلىكىم ،ئىززەت ھۆرمىتىم ...ھەممىسى مەندىن ھىساپ ئېلىۋاتىدۇ .
_______________________________________________________ مانا بۇلار بۇ ئەسەرنىڭ يىشىمى ھەم مەركىزى ئىددىيەسى ئىكەن.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.ھۆرمەت بىلەن :ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات. ئۇنداقتا يەنە بىر ئەر سىز ئوخشۇمامسىز ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
gul-sanam
توغراق قىزى
| ھەي <<مەن>> سىز نىمە دىمەكچى . مەن سىزنىڭ نۇرمال ئادەملىكىڭىزدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالدىم ،بىر قانچە ئىسىملاردا كىردىغىنىڭىزنى بىلىمەن . سىزگە ئەسكەرتتىم قالايمىقان قىلماڭ بۇلامدۇ . سىزنىڭ نىمە دەپ غۇدۇراۋاتقىنىڭىزنىمۇ بىلگىلى بولمەيدىكەن . پىكرىڭىز بولسا تامنىڭ ئارقىغا ئۈتۈپ ۋاقىرماي ئۇچۇق دىمەمسىز .
سىز بىرسى ئەسەر يازسىلا ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى بىلەنلا ئېتشىپ قالدىكەنسىزغۇ ئۈچۈڭىز باردىكىدەك . | ||||
---|---|---|---|---|---|