سىز بۇ تېمىنىڭ 285ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: تاشاخۇنۇمنىڭ  بەزى  ئىقتىسادى  پائالىيەتلىرى توغرىسىدا(1) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
YOLLAN

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 30264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە65دانە
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 650 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :22(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-19
ئاخىرقى :2008-04-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 تاشاخۇنۇمنىڭ  بەزى  ئىقتىسادى  پائالىيەتلىرى توغرىسىدا(1)

                                              تاشاخۇنۇمنىڭ چايچىلىق كارخانىسى


          ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە (XX,XIX ئەسىرلەر ،يوللاندىن ) شىنجاڭ ئىقتىسادى تالان - تاراجقا ئۇچرىغان ،شىنجاڭغا كۆز تىككۈچى جاھانگىر دۆلەتلەر رىقابىتى كۈچىيىپ سودا كىڭەيمىچىلىكى بىلەن زىمىن باسقۇنچىلىقىغا قەدەم قويغان دەۋىر بولدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە چىڭ سۇلاسىنىڭ ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كىيىنكى زەئىپلىكى ،ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مىلىتارىسىتلارنىڭ ئۆز ئارا قوراللىق توقونۇشلىرى قوشۇلدى .بۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ماددى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ ،ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى .خەلق ئىگلىكى ۋەيران بولدى .نەتىجىدە چاي قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدا مۇھىم بولغان ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ چار روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تىز پۈكۈپ قۇلچىلىق قىلىشى ،ھەدەپ شىنجاڭ زېمىنىنى بۆلۈپ بىرىشتىن تاشقىرى 1851-يىلى «ئىلى ،تارباغاتاي سودا نىزامى » دىگەندەك تەڭ ھوقۇقسىز شەرىتنامىلەرگە يول قويۇشى ،چار روسىيلىكلەرنىڭ شىنجاڭدىلا ئەمەس ھەتتا ئىچكى ئۆلكىلەردىمۇ « شەرىتنامە » نىزامى بويىچە ئەركىن سودا قىلىشىغا يول قويۇشى نەتىجىسىدە ،چار روسىينىڭ ئاتالمىش سودىگەرلىرى (ئەمەلىيەتتە ئۇلار چار روسىيە سودىگىرى بولماستىن سودا نىقابىغا ئورىلىۋالغان ئاخباراتچىلار ئىدى . ) ئىلى چۆچەكتە ئاتالمىش سودا چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ ، سودا فېرمىلىرىنى قۇرۇپ ئەركىن سودا قىلدى . چار روسىيە جاھانگىرلىكى 1871-يىلىدىن 1881- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئىلى ۋىلايىتىنى بىسىۋىلىپ تالان -تاراج قىلغاننىڭ سىرتىدا ،ئىلىنى چىڭ سۇلاسىغا قايتۇرۇپ بېرىشنى باھانە قىلىپ ،1881- يىلى «جوڭگۇ -روسىيە ئىلى شەرتنامىسى »نى تۈزۈپ ،روسىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىلى ،تارباغاتاي ،قەشقەر ،ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە ۋە سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى -شىمالى يوللىرىغا جايلاشقان شەھەرلەردە قىلىدىغان سودىسىدىن ۋاقتىنچە باج تاپشۇرماسلىققا رۇخسەت قىلىش ،كەلگۈسىدە سودا ئىشلىرى گۈللىنىپ ،باج پىرىنسىپلىرى ئۈستىدە ئىككى دۆلەت كىلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كىيىن ئاندىن باجنى كەچۈرۈم قىلىشنى بىكار قىلىش ،دىگەن زوراۋانلىق ئاساسىدىكى ماددىلارنى كىرگۈزدى . نەتىجىدە ئۈرۈمچىدىلا چار روسىيە سودىگەرلىرى ئون نەچچە سودا فېرمىسى قۇردى ، ھەتتا ھازىرقى ئۈرۈمچىدىكى ياڭخاڭ ( نەنلياڭ) نى چار روسىينىڭ سودا بىرلىگى قىلىپ بىكىتتى ، چار روسىيە پۇقرالىرىدىن سودا بېجى ئېلىنمىغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ ئەركىن سودا قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئەينى چاغدا ئۆزلىرىدىن ئېلنىۋاتقان تولىمۇ ئېغىر باج - سېلىقلاردىن قورقۇپ چار روسىينىڭ پۇقرالىق پاسپورتىنى ئېلىپ ئۆز دۆلىتىدە چەتئەللىك نامىدا سودا قىلدى . ئەسلىدە تارىخى كىتابلارغا « چار روسىيە سودىگەرلىرى » دەپ يېزىلغانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئەمەلىيەتتە چار روسىيدىن كەلگەن سودىگەرلەر بولماستىن ، بەلكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بولۇپ ،ئۇلار ئەينى چاغدا ئازراق پايدىنى دەپ چار روسىيە پاسپورتى بىلەن سودا قىلغانلىقى ئۈچۈن كىيىنكى چاغلاردا مەجبۇرى ھالدا مال_ مۈلۈكلىرى بىلەن قوشۇپ روسىيگە كۆچۈرۈپ كېتىلدى .شىنجاڭ ئەينى زاماندا سودا -سانائەت جەھەتلىرىدە مۇشۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس ئىدى . شۇنىڭ بىلەن روسىيلىك سودىگەرلەر ياكى روسىيە پاسپورتى ئالغان ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ قەدىمى ئىچكى ئۆلكىلەرگىچە يەتتى .
          ئەينى چاغلاردا چىڭ سۇلاسىنىڭ زامانىۋى سانائىتى يوق ئىدى .قول سانائەتنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ئاستا بولۇشتىن تاشقىرى ،يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلق ئىقتىسادى ۋەيران بولغانىدى . چىڭ سۇلالىسى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىركى سۇلالىلەر دەۋرىدىمۇ چەتكە چىقىرىدىغان مال تاۋار -دۇردۇن ،خاڭدەن قاتارلىق چەكلىك يىپەك مال ،چىنە -چەينەك قاتارلىق جانان (فارفۇر ) بويۇملار ، چاي ۋە دورا دەرمەكتىنلا ئىبارەت ئىدى . ئۇ دەۋرلەردە دۆلەت ئىگلىكىدە مەخسۇس سودا كارخانىسى ياكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، تاشقى سودىدا يەنىلا قول سانائەتكە تايىنىشقا توغرا كىلەتتى . سۇڭا چىڭ سۇلاسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، سودا تاۋارلىرى چەكلىك ئىدى . مەسلەن ، كىيىنكى چاغلاردا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان چاي شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى تەمىنلەپ كېتەلمەيتى ........
            چار روسىيە سودىگەرلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە ىەدەم قويۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزى بازىرى ئىتتىك بولغان جۇڭگو چېيىغا چۈشتى . ئۇلار دەسلەپ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم مىللەتلەر ياقتۇردىغان قارا چاي ، تاش چاي قاتارلىقلارنى مونۇپول قىلىۋالدى . ھەر قايسى چاي رايونلىرىغا ۋاكالەتچى قويۇپ چاينى ئۆز جايىدا تۇرغۇزۇپ سېتىۋىلىپ ، شىنجاڭ چاي سودىگەرلىرىنى ئىچكى ئۆلكىدە تۇرغۇزۇپ يۇقىرى باھادا سېتىپ پايدا ئالدى .شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا چاينىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆرلىدى . ئۇلار شىنجاڭدا چاي باھاسىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن ، ئۆزلىرى شىنجاڭغا ئېلىپ كىلىپ باھانى يەنە ھەسسىلەپ ئۆرلىتىپ ساتتى .مەسلەن ، شىنجاڭدا بىر خىش قارا چاي ئەزەلدىن بىر سەردىن بىر سەر ئىككى مىسقال كۆمۈش تەڭگە بولۇپ كەلگەنىدى ( شۇ يىللاردا بىر سەر ئىككى مىسقال كۆمۈش تەڭگىگە 100 جىڭ بۇغداي ياكى ئادەتتىكى 12 جىڭدىن 14 جىڭغىچە گۆش چىقىدىغان بىر قوي سېتىۋالغىلى بولاتتى ) . چار روسىينىڭ سودا فېرمىسى چاي سودىسىنى مونۇپول قىلىۋالغاندىن كىيىن ، شىنجاڭدا چاينىڭ باھاسى بىردىنلا ئىككى سەر ئىككى مىسقال كۆمۈش تەڭگىگە ئۆستى ياكى بىر ئالتۇن پۇلغا تېگىشىلدى . ( ئۇ يىللاردا چار روسىيە بىلەن شىنجاڭ سودىسىىدا ، شىنجاڭدا روسىيە پۇلى خەجلەنمەيتى ) شۇڭا خىللانغان بىر قوي ئادەتتە ئىككى سەر كۆمۈش ، باھا ئۆرلىگەندە ئىككى سەر ئىككى مىسقال كۆمۈش ھېسابلىناتتى . تاشقى سودىدا ئاشۇ بىر قوي ئىككى سەر تەڭگە ھېسابلىنىپ بىر ئالتۇن پۇل ژەپ خەجلىنىپ ، مالغا ياكى ئالتۇن كۆمۈشكە ئالماشتۇرلاتتى . شۇ ۋاقىتتىكى بازاردا ، ئون قوي بىر سەر ئالتۇن بولۇپ ئۇنى كۆمۈشكە سۇندۇرغاندا 20 سەر كۆمۈش بولاتتى . ئۇزاق ئۆتمەي رۇس سودىگەرلىرى خەنكو قاتارلىق جايلاردا چاي زاۋۇتى قۇرۇپ ، ئىچكى ئۆلكىنىڭ چاي خام ئەشياسىنى سېتىۋىلىپ چاي ئىشلەپچىقىرىپ ، چاي مونۇپولىيسىنى بارغانسىرى كېڭەيتىپ ، چاي سودىسى بىلەن خەلقئارا بازارغا كىردى . بۇ چاغدا شىنجاڭ خەلقى روسىيە ۋە ھىندىستان چېيى ئىچىشكە مەجبۇر بولدى . لىكىن چاي باھاسىنىڭ ئۈستۈنلىكى ھەم چاي قىسلىقى تۈپەيلىدىن ، مۇتلەق كۆپچىلىك خەلق چايسىز قىلىپ ، ئالما قېقى ،ئالما يوپۇرمىقى ، قۇرۇق ئۈزۈم ،ياكى دورا دەرمەك بىلەن ئارپىبەدىيان قاتارلىقلاردىن چاي ياساپ ئىچىشكە مەجبۇر بولدى .
        بۇ يىللاردا ، تاشاخۇنۇم روسىيدە بولۇپ ، روسىينىڭ چاي ئىشلەش تىخنىكىسىنى بىر چاي مۇتەخەسسىدىن يوسۇرۇن سېتىۋىلىپ ھەم رۇسىيە ،ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىن چاي خام ئەشياسىنى سېتىۋىلىپ غۇلجىدا كىچىك تىپتا چاي ياساش كارخانىسى قۇرىدۇ ، كىيىنچە جەنۇپنىڭ سېرىققول موجا ،ئىلىنىڭ خان يايلىقى قاتارلىق جايلاردىن دورىلىق ئوت -چۆپلەر ۋە چاي دەرىخى تىپىدىكى ئۆسۇملىكلەر بىلەن چايچىلىقنى كېڭەيتىدۇ . شۇ يىللاردا تاشاخۇنۇمنىڭ ئىشلەپچىقارغان چېيىنىڭ باھاسى ئەرزان ،سۈپىتى ياخشى بولۇپ ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كېلەتتى .
            ئىگىلىشىمىزچە تاشاخۇنۇمنىڭ چاي زاۋۇتى ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلغان بولۇپ ، 1911- يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كىيىن ئىچكى ئۆلكىنىڭ چاي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ،1914- يىلىدىكى 1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، رۇسىيە چاي زاۋۇتىنىڭ ۋەيران بولۇشى نەتىجىسىدە ، بۇ زاۋۇت ئۆز ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقانىكەن .



                                                        تاشاخۇنۇم ياۋروپادا بولغان مەزگىلدە


          تاشاخۇنۇم ئىچكى سودىدا روناق تىپىپ خەلقئارا سودا بىلەن شۇغۇللىندۇ .ئۇزاق ئۆتمەي تاشاخۇنۇم خەلىقئارا يەرمەنكىلەرگە تەكلىپ قىلىندۇ .
          تاشاخۇنۇم قايسى يەرمەنكىگە بارمىسۇن ، يەرمەنكىگە سانائەت خام ئەشياسى ( يىزائىگلىك ،چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ) دىن باشقا يەنە ئۇيغۇر قول ھۈنەر - سەنئەت بويۇملىرىنىڭ ئەۋرىشكىلرىنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ .
بۇ خىل ئەۋرىشكىلەر دەستىسى نەقىشلەنگەن پىچاق (ئۇيغۇر پىچىقى )،قەلەمتىراچ ,ئۇيغۇر چورىقى (كۆندىن تىكىلگەن ،ئاتچىلار ۋە ئۇزاق يول ماڭغۇچىلار كىيىدىغان ئاياغ) ،نەقىشلەنگەن مىس چەينەك ،ئاپتۇۋا ،كاسا ،مىس چىنە ،مىس ئىۋرىق ،قەلەي يالىتىلغان ئاق ئاپتۇۋا ،چىلاپچا ،يىپەك توقۇلما بويۇملاردىن ئاق چىمەن شايى ( بۇ خىل شايىنىڭ يىپى تولانغان قىلىن ۋە چىداملىق بولۇپ ،ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار يەكتەك كىيىدۇ ) ۋە پاختا يىپتا توقۇلغان چەكمەن ،ماتا قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بولغان . بۇ خىل ماللارنى ياۋروپاغا ئىلىپ بارغاندا كۆپ قسمىغا كىشىلەر قىزىقسىمۇ ئوخشىمىغان ئۆرپ -ئادەت تۈپەيلىدىن ناھايىتى ئاز بىر قىسمىغا ،مەسلەن ،تاھارەت ئالغاندا ئىشلىتىدىغان ئاپتۇۋا ،مىس ئىۋرىق قاتارلىقلارغا كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلمىغان .تاشاخۇنۇم ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ،بەش ۋاق نامازدا تاھارەت ئالغاندا شۇ يەرمەنكىگە ئاپارغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يەرمەنكىگە كەلگەن كىشىلەرنى ئۆز مەھسۇلاتىغا جەلىپ قىلىپ ،ئۇيغۇر قول ھۈنەر بويۇملىرىغا خېرىدار تاپقان .
          تاشاخۇنۇم فىنلاندىيدە بولغان مەزگىلدە ،فىنلاندىيە كارخانىسىدا ئىشلەنگەن رەخىتلەرنىڭ سۈپىتىنى ياقتۇرمايدۇ -دە ،ئۇيغۇر چەكمەن ،ماتا - ئاق شايىسىنى كۆتۈرۇپ فىنلاندىيدىكى بىر فابرىكىغا ئۇيغۇر چەكمەن ۋە شايىسىدىن توقۇپ بىرىشنى زاكاس قىلماقچى بولىدۇ . ( بۇ يەرمەنكىگە قاتناشقان خەلىقئارا سودىگەرلەرنىڭ فىنلاندىيدىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان كۈنى ئىكەن .) فابرىكا ئىگىسى بۇ خىل ئېنى تار ،پىششىق ۋە تولىمۇ سىپتە - سىلىق توقۇلغان رەخىتنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ -دە ،رەخىتنىڭ قەيەردە توقۇلغانلىقىنى سورايدۇ . ( دەل بۇ چاغدا ،ئېكىسكۇرسىيچى خەلقئارا سودىگەرلەرمۇ بۇ رەخىتك قىزىقىپ قولدىن _ قولغا ئالىدۇ ) .
تاشاخۇنۇم بۇ رەخىتنىڭ شىنجاڭدا توقۇلغانلىقىنى ئىيتىدۇ .سورۇندىكىلەر ئۇ يەردە قانچە زاۋۇت بار دەپ سورايدۇ ،تاشاخۇنۇم ، ھەربىر ئائىلىدە بىردىن بار دەپ جاۋاپ بىرىدۇ . بۇ سۆزدىن ھەيران بولغان خەلقئارا سودىگەرلەر بىر زاۋۇتتا قانچە ئادەم ئىشلەيدۇ ،- دەپ سورايدۇ . تاشاخۇنۇم ئۈچ كىشى ئىشلەيدۇ ، دەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىرى يىپ ئىگىرىدۇ ، بىرى توقۇيدۇ ،بىرى بويايدۇ ، دەيدۇ . ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى سورىغاندا ، تاشاخۇنۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ، ئۇنىڭ ئۆرىپ - ئادەت ، تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغاندىن سىرىت ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ %80-%90 نى دىھقان ،ئۇلار كۈندۈزى ئېتىزدا ئىشلەيدۇ ، ئاخشىمى ئېرى رەخىت توقۇسا ،خوتۇنى يىو ئىگىرىدۇ . قىش كۈنى ئېرى پاختا چىقارسا ( كىۋەزدىن چىگىتنى ئايرىسا )خوتۇنى يىپ ئىگىرىدۇ .ھەرقانداق ئېغىر شارائىتتىمۇ ھەپتىدە بازارغا كىرىش ئۈچۈن توخۇ- تۇخۇم ،ئوتۇن -ساماندىن باشقا ئۆز ئائىلىسىدە توقۇلغان ماتا چەكمەندىن بىر قانچىدىن ئېلىپ كېلىپ ،سېتىپ تۇرمۇش لازىمىتىنى سېتىۋالىدۇ . يۇرتىمىزدا ناھىيە ۋە شەھەر بازارلىرىدىن باشقا ھەر كۈنى بىر ئورۇندا بولىدىغان چارى بازارلار بار ، دىمەك ھەربىر ناھىيدە يەتتە كۈندە يەكشەنبە بازار ،دۈشەنبە ،سەيشەنبە ،چارشەنبە ،پەيشەنبە ،ئازنا ( جۈمە ) ، شەنبە بازاردىن ئىبارەت يەتتە بازار بار ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھەپتە ، ئاي ، يىل ھەتتا ئۆمۈر بويى ماتا -چەكمەن ئېلىپ كىرىدىغان توقۇمچىلار ئەڭ ئاز دىگەندە پۈتۈن ئاھالىنىڭ %50 تىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدۇ ، (كەسپىي كارخانا خاراكتىرىنى ئالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا ) بازارغا كىرگەن ماللار ، چارى بازاردىن ناھىيگە ،ناھىيدىن شەھەرگە ھەم شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن - شىمالىغا ئاندىن چەتئەللەرگە ئاپىرىپ سېتىلىدۇ ،دەپ ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك تىخنىكا ، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرىدۇ .
          ئەينى ۋاقىتتد تاشاخۇنۇم تونۇشتۇرغان ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىك مەھسۇلات ،دىھقانچىلىق- چارۋىچىلىق ،قول ھۈنەرۋەنلىك قاتارلىق ئەھۋاللىرى يەرلىك ۋە دۆلەتلىك گېزىتلاردا ئېلان قىلىندۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەھۋالىغا قىزىققان مۇخبىر، يازغۇچىلار ،ئالىملار ھەتتا دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تاشاخۇنۇمنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولىدۇ (1) ، شۇنىڭدىن كىيىن ھەرقايسى دۆلەت سودا -سانائەتچىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىش ،يەرمەنكىلەردە مال زاكاز قىلىش ئىشى تەرەققىي قىلىپ ، شىنجاڭ تاشقى سودىسى راۋاجلىندۇ .




_____________________________________
(1) ئىشەنچىلىك مەلۇماتتىن قارىغاندا ،1956- يىلى فىنلاندىيە زۇڭلىسى جىگولىن سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلغاندا ، تاشاخۇن ئەينى چاغدا فىنلاندىيىگە كەلگەن تۇنجى جۇڭگو لۇق ئىدى .جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە خەلقىنىڭ دوستلۇق رىشتىسىنى باغلىغۇچى تۇنجى دوستلۇق ئەلچىسى ئىدى ، دىگەن .



                                      تاشاخۇنۇمنىڭ سۇ كۈچى بىلەن ھەركەتلىندىغان پاختا زاۋۇتى


            تاشاخۇنۇم چەتئەلدىكى سودا ۋە ساياھەت ۋاقتىنى ئەزەلدىن بوش ئۆتكۈزۈپ باقمىغان .مەيلى ئۇ قايسى دۆلەتنىڭ قايسى يېرىگە بارسۇن ،شۇ يەرنىڭ زامانىۋى سانائىتى ، قول سانائىتى ،ھەتتا ئائىلە سايمانلىرىغىچە دىققەت قىلغان . ئۇنىڭدىكى ئىلغارلىقنى ئۈگەنگەن ۋە شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىش ئىمكانىيتى بولغان ھەرقانداق پايدىلىق نەرسىلەرنى شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن .
            تاشاخۇنۇم رۇسىيدە بولغان مەزگىلدە ، ئادەم كۈچى بىلەن كېۋەزنىڭ چىگىتىنى ئايرىش ھەم پاختا ئېتىشنى بىرگە ئېلىپ بارىدىغان پاختا ئېتىش ماشىنىسىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كېۋەزدىن چىگىت ئايرىش چىغىرىقىغا قارىغاندا كۆپ ئىلغارلىقى ،سۈرئىتىنىڭمۇ تىز ۋە بىرلا ۋاقىتتا چىگىت ئايرىش بىلەن پاختا ئېتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى بىرگە ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ،بۇ خىل پاختا ئېتىش ماشىنىسىدىن 10 دانە سېتىۋىلىپ ،قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن . ماشىنا تىزلا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن .ئەمەلىيەتتە بۇ خىل زامانىۋى ماشىنا يەنىلا بىر كىشىنىڭ باشقۇرشى ،ئىككى كىشىنىڭ قول بىلەن چاق ئايلاندۇرشى ،ئارقىلىق ھەركەتلىنەتتى .شۇڭا چاق ئايلاندۇرغۇچىلار پات - پات دەم ئېلىشى كىرەك ئىدى .بۇنىڭ بىلەن ۋاقىت يەنىلا تىجەلمەيتى .
تاشاخۇنۇم بۇنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر سۇ تۈگمىنىنىڭ سۇ بىلەن ئايلىندىغان قۇرۇلمىسىدىن پايدىلنىپ ئۇنى ئىسلاھ قىلىپ ،بۇ ماشىنىنى سۇ كۈچى بىلەن ئايلىندىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان .بۇنىڭ بىلەن ئىككى ئادەم كۈچى تىجەلگەندىن سىرىت ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىمۇ ئاشقان .
بۇ ئەينى يىللاردا شىنجاڭدا ئالاھىدە يېڭىلىق بولۇپ ،بۇ خەلق ئارىسىدا «تاشاخۇنۇم پاختا زاۋۇتى » دەپ داڭق چىقىرىدۇ .كىيىن تاشاخۇنۇم بۇ خىل پاختا ئايرىش ماشىنىسىنى كۆپلەپ كىرگۈزۈپ جايلاردا كېڭەيتىدۇ .لىكىن بەزى رايونلاردا بۇ خىل زاۋۇت ئۈچ دانە چىشلىق چاق ئايلانمىسى بىلەن كالا - ئات كۈچى ئارقىلىق ئايلاندۇرلۇپ ئىشىلتىلىدۇ .
            ئىشەنچىلىك ئىسپاتلاردىن قارىغاندا ، تاشاخۇنۇم يەنە بۇغداي تازىلاش ( شامال چىقىرىش پالىقى بار ) - سورۇش ماشىنىسى كىرگۈزۈپ ،بۇنى كەڭ دىھقانلار ئىچىدە ئومۇملاشتۇرغانىكەن .

داۋامى بار ....................


            مەنبە : تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلادلىرى ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1999- يىل 9-ئاي 1- نەشىرى ، نەشىرگە تەييارلىغۇچى : دىلدار ئەزىز ( بۇ پارچىنىڭ ئەسلى ئاپتورى : شىرىپ خۇشتار )



 

___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-31

 

ohxax.cn
| ۋاقتى : 2008-03-31 19:07 [باش يازما]
@QAWANDAZ@

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 12712
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 219
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە219دانە
شۆھرەت: 230 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2080 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-08
ئاخىرقى :2008-03-31

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 Re:تاشاخۇنۇمنىڭ  بەزى  ئىقتىسادى  پائالىيەتلىرى توغرىسىدا(1)

سىزنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل تىما بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر. ھارمىغايسىز.
ohxax.cn
نىمە ئەڭ كەمچىل بولسا شۇ ئەڭ پۇلغا يارايدۇ.
                             
| ۋاقتى : 2008-03-31 20:19 1 -قەۋەت
sertlan

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 34211
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 333
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە333دانە
شۆھرەت: 1524 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-29
ئاخىرقى :2008-04-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 Re:تاشاخۇنۇمنىڭ  بەزى  ئىقتىسادى  پائالىيەتلىرى توغرىسىدا(1)

رەخمەت  قىرىندىشىم    بولىدىغان  تىما  ئىككەن
  ئازاپ مىنى  تەپەككۇر  قىلدۇردۇ . تەپەككۇر  مىنى ئازاپلايدۇ!!!
   
| ۋاقتى : 2008-03-31 20:51 2 -قەۋەت


 

Time now is:04-02 15:32, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation