| |||||||||
yigana2 | گۈل سوۋغا قىلىش ئۇسۇلىگۈل مۇھەببەتنىڭ سىموۋولى سۈپىتىدە،ھەرخىل بايراملاردا،كىسەل يوقلىغاندا،مۇھەببەتلەشكەندە ئەڭ چوڭ،ئەڭ مەنىلىك بولغان سوۋغاتتۇر.. مەن تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن،قىز دوستۇمغا گۈل سوۋغا قىلىشقا توغرا كىلىپ قالدى،چۈنكى بۇ بىزنىڭ 3 يىللىقىمىزنىڭ خاتىرە كۈنى ئىدى... پوچتىدىن ئەۋەتەي دىسەم مۇمكىن بولمايدۇ،بىرسىگە ھاۋالە قىلاي دىسەم ،ئۇيەردە ئۇنىڭدىن باشقا تونۇشۇممۇ يوق... ئەگەر سىز مىنىڭ ئورنۇمدا بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ بىر تەرەپتىن ئويلىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تىمامغا داۋاملىق كۆز يۈگۈرتۈڭ. ھازىر ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى شۇنداق ياخشى بولۇپ كەتتى،مۇلازىمەت كەسىپلىرىمۇ سەرخىللاشتى،21 ئەسىردە ياشاپ تۇرۇپ،ۋاقىت-زاماننىڭ چەكلىمىسىدىن ئازراق قۇتۇلمىساقمۇ بەك سەت تۇرار. مەن تېلىفونىمنى ئىلىپ،ئۇ تۇرۇۋاتقان رايوننىڭ تېلىفون رايون نۇمۇرىغا 118114 نى قوشۇپ ئۇردۇم،مەسىلەن: 0991-118114 .. : -ياخشىمۇسىز؟ بۇ ئۈرۈمچى ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش ئىستانسىمۇ؟ -ياخشىمۇسىز ئەپەندىم،شۇنداق. -ماڭا ئۈرۈمچىنىڭ پالانى رايونىغا يىقىنراق گۈل دۇككانلىرىنىڭ تېلىفون نۇمۇرىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. -بولىدۇ ئەپەندىم،سەل ساقلاڭ. -بولىدۇ. .... -ئەپەندىم،خاتىرىۋىلىڭ. -بولىدۇ. - xxxxxxxxxxxx - ھە،يېزىۋالدىم،رەھمەت سىزگە. -ئەرزىمەيدۇ... مانا ئىش پۈتتى،مەن ئۇلار دەپ بەرگەن نۇمۇر بويىچە،گۈل دۇككانلىرىغا تېلېفون قىلىپ گۈللەرنى بۇيرۇتتۇم ۋە ئۇلارغا تېگىشلىك گۈل ھەققى ۋە ئەۋەتىش ھەققىلىرىنى بانكا كارتىسىغا سېلىپ بەردىم. ئىش پۈتتى.. خاتىرە كۈنىمىزدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ،يۈزۈمنى يۇيۇپ ،چاي ئىچىۋاتسام تېلىفونىم سايراشقا باشلىدى، قىز دوستۇم ئىكەن. ئۇ تېلىفوندا يىغلىغۇدەك بولۇپ(خوشاللىقىدىن) گۈلنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى... كىچىككىنە بىر گۈل تۈپەيلىدىن،ئىككىمىز ئارىسىغا ،تۇرمۇشىمىزغا ئاجايىپ بىر بەخت قوشۇلدى. خانىم قىزلار بايرىمىمۇ يىقىنلاپ قالدى،سىز ئاپىڭىزغا،ھەدىڭىزگە،سىڭلىڭىزغا گۈل سوۋغا قىلىشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا،مىنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلۇمنى ئىشلىتىڭ،بەكلا ئاددىي بىراق مەنىسى چوڭقۇر ئىش بۇ.. ___ باشقۇرغۇچى : ~uyghurjan~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-30
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yoloqe دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەخمەت بىلۋالدىم~~~~~~~~~~~~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xayar~ogli دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | گۈل------ئۇ كۆڭۈل! كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدۇ.....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
wolf516 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | HA BILIWALDIM RAHMAT SIZGA
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tumanliktag دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | چىرايلىق چىققان پايدىسى بار ئېلانكەن بۇ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
azap888 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن مۇ شۇنداق قىلغانتىم بىراق ئۇ باشق بىرسىنىتى تىپىۋاپتۇ.ھەي ئىسىت...
| ||||
---|---|---|---|---|---|