ئايالدىن پۈتۈنلەي ئەرگە ئۆزگىرىپ بولمىغان جىنىس ئۆزگەرتكۈچى ھامىلىدار بولۇپ قالدى!!!
بۇ ھامىلىدار بولۇپ قالغان ئەرنىڭ ئىسمى، توماس بېتتى بولۇپ، ئۇ بۇ <ھامىلىدارلىق> رەسمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي دادا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بېتتى كۆكرەك قىسىمنى كۆچۈرۈش ۋە ئۇرۇقدان ھورمۇنىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىن بىر قانۇنلۇق ئەرگە ئايلانغان، ھازىر ئۇ ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببىتى نانسى بىلەن توي قىلىپ ئۆزىنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى قۇرغان. ئۇنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قىلىپ قېلىشى، جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسيىسى قىلغان ۋاقىتتا، كۆپۈيۈش سىستېمىسى ئەزالىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولغانىكەن، يەنى ئۇ گەرچە جىنىس ئۆزگەرتىپ ئەر بولغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
بىتتى ئۆزىنى قىز بوۋاققا ھامىلىدار بولدۇممىكىن دەپ ئويلايدىكەن، ھەم ئۆزىنىڭ قىز بالىنى ناھايىتى ياخىشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، 25 - چىسلا بىتتىنىڭ ئەر جىنىس تۇرۇپ ھامىلىدار بولغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا جەمىئىيىدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان.
بىتتى خەۋەردە ئۆزىنىڭ ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى تارىخى بارلىقىنى ھەم ھامىلىدار بولۇش جەريانىنى بايان قىلىپ، ئوخشاش جىنىسلىقلار ۋە جىنىس ئۆزگەرتكۈچىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ
ژورنىلىغا مۇنداق دەپ يازغان : <سىز بىر ئەرنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىغا قانداق قارايىسز؟ سىز نىڭ چوقۇم بۇ ئىشقا ئىشەنگىڭىز كەلمەيدۇ؟ مەيلى نېمە بولسۇن مېنىڭ قورسىقىمدا يېڭى ھاياتلىق بار، بىراق مەن ئەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۇرمۇشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇم >.
腾讯新闻دىن تەرجىمە قىلىندى.
?????