| |||||||||
uyghurstan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خەلىقارا مۇكاپاتىقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر سۆزىبۇ تىمىنى xabnam : خەۋەر-ئۇچۇرلار دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-04-01)
بىر بالىنىڭ ئانىسىغا بولغان يۈرەك سۆزى
سالام ئاپا،بىلىمەن ،شۇ تاپتا سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىز بەك يىرىم.بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر ئىشەنچىڭىز بولغان مەن سىزنى رازى قىلالمىدىم.ئۆزۇمنىڭ ئالدىڭىزدا بىر پەرزەنت ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك سىزگە قوپاللىق بىلەن ۋاقىرىدىم.مىنىڭ بىشىمغا ئىسىلغان قولىڭىزنى سىلكىۋەتكىنىمدە كۆزىڭىزدىكى مۆلدۇرلەپ تۇرغان ياشنى كۆرۈپ قانچىلىك ئازابلانغىنىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن.كۆڭلۈمگە ئايان،بۇ دۇنيادا ھىچكىم مىنى سىز ياخشى كۆرگەنچىلىك كۆرۈپ بولالمايدۇ.مىنىڭ قەدىر قىممىتىمنى ھىچكىم سىز ھىس قىلغانچىلىك ھىس قىلالمايدۇ.مەن پۈتۈن دۇنيا كىشىلرى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلسەممۇ،سىز ئۈچۈن يەنىلا شۇنچە مۇھىم.بىلىمەن جىنىم ئاپا،مەن ئۈچۈن 20يىلدىن بىرى شۇنچە كۆپ جاپالارنى تارتتىڭىز،مەن ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ گۈلدەك چاغلىرىڭىزدىن ۋاز كەچتىڭىز.مەنمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سىزنى رازى قىلسام،خۇشال قىلسام دەيمەن.بىراق،ئاپا،سىزنى شۇنچە ياخشى كۆرسەممۇ،لىكىن بۈگۈن سىزدىن رەنجىدىم. ئاپا،سىز نىڭ ئىتىقادىڭىزغا قايىل ئەمەسمەن.ھەردائىم ئىغىزىڭىزدىن خۇدانى چۇشۇرمەيسىز،ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىسىز.لىكىن نىمىشقا ئىسلامچە يۈرۇشكە ئىنتىلمەيسىز؟ئۆزىڭىزغۇ يۈرمەڭ،نىمىشقا مىنىڭ يولۇمنى توسۇيسىز؟گىپىڭزچە ياغلىق چەگسەم مەن بىر سەھرالىققا ئوخشاپ قالىدىكەنمەن،ھىچكىم مىنى ئۈرۈمچىلىك دىمىگۈدەك.ئەجىبا ئۈرۈمچى قىزلىرى ياغلىق ئارتسا بولمايدۇ،ناماز ئوقۇسا بولمايدۇ،دەيدىغان قانۇن بارمىكەن؟ تونۇشلىرىڭىزنى مىسالغا ئالىسىز....ئۇلار 40-50كە بارغاندا،پىنسىيىگە چىققاندا ئاندىن مۇسۇلمانچە يۈرۈشكە باشلاپتۇ دەك،ئاپا،كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋىرەي،بەزى كىشىلەر شۇنداق كىچىكىپ ئەقىلىنى تاپىدىكەن،مەن ،مەن بولساممۇ،بالدۇرراق ئەقىلىمنى تاپاي دىمەستىن شۇلارنىڭ يولىغا مىڭىشىم كىرەكمۇ؟خەق پوق يىسە مەنمۇ يەمدىم؟مەن ھىلىمىۇ كۆڭلىڭىزنى ئاياپ نۇرغۇن ۋاقىتتا سىزگە يول قويۇپ كەلدىم.نەچچە يىلدىن بىرى سورۇن تاللىماي ماڭا ھۇجۇم قىلىپ كەلدىڭىز،يازلاردا باشقا قىزلاردەك يوپكىلارنى كەيمىدىڭ،كالتە يەڭ كىيىم كەيمىدىڭ دەپ تالاي قىتىم رەنجدىڭىز.مەن ئۈندىمىدىم،لىكىن نىيىتىمدىن يانمىدىم.سىنىپ مەسئۇلۇم سىزگە <ئەمدى ياغلىق چەگمىسىۇن،مەن ئېلىڭ دەپ ئالدۇرىۋىتەلمىدىم،بولمىسا كەلمىسۇن>دەپتۇ.ئەگەر مۇئەللىمنىڭ دىگىنى راست بولسا مەن مەكتەپكە بارماسلىققا رازىمەنكى،ياغلىقىمنى ئالمايمەن.سىز <سەن مىنىڭ بىر تاللا قىزىم تۇرساڭ،ئوقۇمىساڭ نىمە قىلىسەن،خەقلەر نىمە دەيدۇ>دەۋاتىسىز.جىنىم ئاپا،مەن مەكتەپتە قالايمىقان ئىش چىقىرىپ ،ياكى ياخشى ئوقۇيالماي قوغلاندى بولغۇنۇم يوققۇ؟سىز نومۇس قىلماي،ئاشۇ زاڭلىق قىلغان ئەقىلسىزلەرگە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ <قىزىم،ئاۋۋال كىمنى رازى قىلىش كىرەكلىكىنى سىلەردىن بۇرۇنراق ھىس قىلالىدى>دەڭ. ئاپا،بەزىدە ئويلاپ قالىمەن،بۇ بەلكىم سىلەردەك ئاشۇ <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>دا چوڭ بولغان،پۈتۈن ۋۇجۇدىغا دىنسىزلانىڭ بىلىمىنى ياشاش نىزامى قىلغان شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ پاجىئەسى بولسا كىرەك.ئەمما،سىز مىنىڭ ئاللىقاچان دۇنيا قارىشى،قىممەت قارىشى يىتىلىپ بولغان بىر مۇستەققىل ئادەم ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز بولمايدۇ-دە،مەن خىزمەت قىلماي،ئوقۇماي،ھىچ ئىش قىلماي ئۆيدە ئىبادەت قىلىپلا ئولتۇرىمەن دىگىنىم يوق،مەن مىنىڭ ئاۋۋال مۇسۇلمانلار ئۆتەشكە تىگىشلىك ۋەزىپىلىرىمنى ئۆتىشىمگە شەرت ھازىرلانغان ھەرقانداق جاي بولسا خىزمەت قىلىشنى،داۋاملىق ئوقۇشنى جان دەپ خالايمەن.بۇ توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم بار. ئاخىرىدا سىزدىن ئۆتىنەي ئاپا،ياقتۇرمىسىڭىزمۇ،مىنىڭ كۆڭلۈمگە ئازار بەرمىسىڭىز.ھىلىقى كۈنى ھاممام بىلەن بىرلىشىپ ماڭا بىر ھەربىي يىگىتنى تونۇشتۇرغىنىڭىز سىزگە بولغان ھۆرمىتىمنى بەك سۇسلاشتۇرىۋەتتى.شۇ چاغدا كۆرۈشتۈم دەپ سىزنى ئالدىدىم.ئەمەلىيەتتە مەن ئۆيدىن چىققاندىلا ئۇ بالىغا تىلىفۇن قىلىپ <ئوغۇل دوستۇم بار،كۆرۈشكىنىمىزنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق،كەچۈرۈڭ>دەپلا گەپنى ئۈزىۋەتكەن.ئەگەر مۇھەببەتنىى ئويلىشىش توغرا كەلسىمۇ مەن ئۆزۇم بىلەن بىر يولدىكى ئادەمنى ئىزدەيمەن.بۇنىڭغا ئارلاشماڭ............ئاپا،گەپلىرىم ئىغىر كەتتى.مىنى ئەپۇ قىلىڭ.ماڭىمۇ سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ.بىراق دۇنيادا ئۆزى ئەڭ يىقىن كۆرگەن كىشى بىلەن بىر يولدا ماڭالماسلىقتىنمۇ ئارتۇق قىيىن ئىش بارمىدۇ؟سىزگە ھەرزامان ئۇلۇغ ئاللادىن ھىدايەت تىلەيمەن. ئەسلى ئاپتورى : شەبنەم مۇنبرىدىن _ زىباھ ___ باشقۇرغۇچى : kuraxjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-30
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەسسالام-ئەلەيكۇم! دوستۇم سىزنىڭ بۇ روھىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم. ئاللا جىمى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ كۆڭلىگە سىزنىڭكىگە ئۇخشاش ئىنساب بەرگەي! ھەي مەن بەكمۇ خىجىل بۇلىۋاتىمەن. بۇ تىمىڭىزنى بارلىق ئۇيغۇر قىزلار كۆرسە دىگەن ئۈمۈتتىمەن.ئاخىرىدا سىزگە كۆپ رەھمەت.ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
islam0311 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!!!!
ئالدى بىلەن تېمىڭىزغا رھمەت.. تېمىنىڭ ئۆزىگەكەلسەك مەن دۇنيادىكى پۈتكۈل مۇسۇلمان قىزىنىڭ شۇ ئېسىل ئىپپەتلىك خىجىلچان بولۇشىنى ،ئۆزدىنىمىزنىڭ سۇسلاشماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sabry دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ روھىڭىزغا بارىكاللا سىڭلىم!ئاللاھ يولۇڭىزنى ئوچۇق قىلغاي!ئامىين!!!...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ylkun ئوغلان دەرىجىسى :تېما چولپىنى | پۈتكۈل ئۇيغۇر مۇشۇنداق ئويلىيالىسا ھە !!!
رەخمەت سىزگە ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qayan~xah دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھارمىغايسىز~~~ مۇشۇنداق تېمىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arkhon | ھەي دوستۇم بۇ مۇنبەردىكى زىباھ خانقىزنىڭ ئەسىرىغۇ؟؟بۇ ئەسلى شەبنەم مۇنبىرىگە خاس ئەسەر ئىدى ...كۈچۈرسىڭىزمۇ ئاپتۇرىنى ئەسكەرتمەمسىز ...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ANKALA دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما2قەۋەتتىكىislam0311نىڭ2008-03-30 14:10يوللىغان : | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Uyghur@um دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەممە ئۇيغۇر شۇ پىكىردە بولغان بولسا ،بەكمۇ ياخشى بۇلاتتى. ..
قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yumuk18 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت سىزگە مۇشۇنداق ئېسل تىملارنى يولاپ تۇرشىڭىزنى بەكمۇ خالايمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
taranqi001 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | يوللانمىڭىزغا رەخمەت ، مۇشۇنداق ئىسىل تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
zibah دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ./read.php?tid-42323-keyword-.html
مانا بۇ مىنىڭ ئەسلى ئەسىرىم تىما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىگە ئازراق دىققەت قىلىڭلار | ||||
---|---|---|---|---|---|
JAHANGIR51 | بۇ تىما تولىمۇ ئىسىل،ئەقلاققا دائىر، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى ناھايىتىمۇ زور بولغان، ھەم، ئىسلام يولىغا يىتەكلەش تەشۋىقىي مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن، ھەر قانداق كىشىنىڭ قەلبىنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدىكەن .بولۇپمۇ ھازىرقى ئۇيغۇر جەممىيىتىمىزدىكى مىللىي خاسلىقىنى ھەم دىننىي ئىتىقادىنى يوقۇتۇۋاتقان بىر قىسىم ئوتتۇرا ياش ئانىلارنىڭ ۋە شۇلارنىڭ ئىزىتقۇ يولىغا ئەگىشىپ مىڭىۋاتقان بىر تۈركۈم ياش قىزلىرىمىزنىڭ تىزدىن ھۇشىنى يىغىپ،ئەڭ توغرا بولغان ئىسلامنىڭ داغدام يولىدا مىڭىپ ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى بەخت-سائادىتىنى تىپىشىغا تۈرتكۈلىك رول ئوينايدىغان ئەڭگۈشتەرلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇبارەك تىمىنى بارلىق قىرىنداشلىرىمىز نىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ئىنچىكە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بىقىشىغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.
ئاخىرىدا ، تىمىنى يوللۇغۇچىنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت! | ||||
---|---|---|---|---|---|
sertlan دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | راس دەيسىز ھۇرمەت قىلىش كىرەك
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyghurstan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما11قەۋەتتىكىzibahنىڭ2008-03-30 16:22يوللىغان : ئەسسلامۇئەلەيكۇم قېرندىشىم مەن سىنىڭ بۇ ئەسىرڭىزنى شەبنەمدىن ئەمەس بەلكى شىنجاڭ ئىسلام مۇنبىردىن كۆرۈپ ئاندىن بۇ مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ ئەكەلىگەن مەن سىنىڭ بۇنى توغىرا چۈشنشڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن..................مۇشۇنداق ياخشى ئەسەر يازغانلقىڭىزىغا چۈن كۆڭلىمدىن بەخىت تىلەيمەن ............................ئاللا رەخمەت قىلسۇن ............. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|