ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمىدە ئىنسانلارنىڭ DNA قۇرۇلمىسى مۇھىم بىر تەتقىقات تىمىسى بۇلۇپ، DNA تۈزۈلىشىگە ئاساسەن ھازرىقى ئىنسانلارنىڭ قايسى رايوندىن كۆچۇپ كەلگەنلىگىنى،قانداق مىللەتلەر بىلەن بىرككەنلىگنى ، قانداق مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق ۋە تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىش ئۇنىڭ مۇھىم بىر تەتقىقات يۆنىلىشىدىن ئىبارەت. ئەنە شۇ DNA قۇرۇلمىسغا ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ يازما تارخ ماتىرياللىرى جاۋاپ بىرەلمىگەن چىگىش سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش تامامەن مۇمكىن. يەنى تارختا خاتىرلەنمىگەن ئىزلار دەل ئىنسانلارنىڭ DNA قۇرۇلمىسىدا خاتىرلەنگەن ۋە ساقلانغان.DNA زەنجىرى ئەشۇ قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ گېن ئالاھدىلىكىرنى ھازىرقى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.
ئۇيغۇرلار يىپەك يولىنىڭ غول لىنىيسىدە ، يەنى كېسىشمە يولىدا ياشىغان بىر مىللەت بۇلۇشى سۈپىتى بىلەن بۇ جۇغىراپىيلىك ئالاھىدە شارائىت ئۇيغۇرلاغا باشقىچە ئالاھىدە ئىزلارنى قالدۇرغان.مەدىنيەتتكى ئۆزگىچىلىك . يەنى غەرىپ -شەرىق، جەنۇپ- شىمالدىن كەلگەن مەدىنيەتنىڭ بىركىشى ،يۇغۇرلىشى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللىشى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر چىرايلىرنىڭ ئۆزگىچىلگى، ھەرخللىغى. سىز ئەتىراپىڭىزدىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدىن نېگىرلاردىن باشقا دۇنيادىكى ھەممە ئېرىقلارنى ئاساسەن تاپالايسىز . كۆك كۆز ،سېرىق چاچ ياۋۇرپالىقلارنى، قارا چاچ، قارا كۆز، قاڭشالىق ئىرانلىقلارنى، يالاڭ قاپاق، قارا تۈز چاچلىق شەرقى ئاسيالىقلارنى. دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ گېىن تىپى ئالاھىدە، يەنى بىر ئارلاشما تىپ.
گەرچە ئۆزەمنىڭ كەسپى تارىخ ،ياكى ئىنسانشۇناسلىق بىلەن مۇناسىۋەتىسىز بولسىمۇ بىراق ئىنسانىيەتىنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىكى تارىخى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارغا كۈچلۈك قىزىقىشىم بار. شۇ سەۋەپتىن تورغا چىقسام چەتئەل تورلىردا مۇشۇنداق تىمىلارغا ئائىت مۇنبەرلەردە چېپىپ يۈرۈيمەن. ئەشۇنداق مۇنبەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر قىزقارلىق تىمىنى ئۇچىىرتىپ قالدىم. يەنى بىر ئاق تەنلىك ئامىركىلىق ئۆزىنىڭ گېنىنى تەكشۈرتكەندە تەكشۈرۈش نەتىنجىسى ئۇنى ئۇيغۇر گېىن تىپىغا ماس كىلىدۇ دەپ چىقارغان.نەتىنجىدە بۇ تىما قىزىپ ئۇيغۇرنىڭ قەدىمقى تارىخى ، كىرورەن گۈزىلى، تەكلىماكاندىن چىققان ئاق تەنلىك ئىرققا تەۋە مۇميالارغىچە ، ھەتتا بۇ زىمندا ياشىغان ئاق تەنلىق قەدىمقى ئىنسانلاردىن توخىرىلارغىچە يىتىپتۇ.
ئۇنداقتا مەقسەتكە كەلسەك ئۇيغۇرلارنىڭ گېن تىپى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ نىمىشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان بۇ ئامىركىلىق ئۇيغۇر گېىن تىپى بۇلۇپ چىقىدۇ؟
ئىنسانلارنىڭ DNAسىدىكى Y-chromosom ئاتلىق يۆنىلىش بويچە ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىدىغان خىروموسوم بۇلۇپ ئۇ يەنە نەچچە ئونلىغان تىپلارغا ئايرىلغان. تەپسىلى تىپلار ۋە ئۇلارنىڭ جۇغىراپىيلىك جايلىشىشى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك.

ئۇنداقتا پۇتۇن دۇنيانىڭ Y-chromosom تىپلىرنىڭ جايلىشىش خەرتىسىنى كۆرۈپ باقايلىك.

بۇ خەرتىدىن قىزىل چەمبەر ئىچىگە ئېىلىنغان ئۇيغۇر Y-chromosom تىپى گىرافىكىغا دىققەت قىلىڭ.

ئۇيغۇر Y-chromosom تىپى گىرافىكىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنىشى

گىرافىكتىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ئۇيغۇرلار Y-chromosom دىكى ئاساسلىق تىپلار:R1b, R1a, O, J, Cدىن ئىبارەت.
R1b تىپى : ئاساسلىقى غەربىي ياۋۇرپادا كەڭ كۆرۈلدىغان تىپ، بۇلۇپمۇ ئەنگىليە،ئىرلاندىيە،گېرمانىيە، ۋە ئىسپانيەلەردە كەڭ كۆرۈلدۇ.
R1a تىپى : ئاساسلىقى رۇسىيە ۋە ئەتىراپىدىكى شەرقى ياۋۇرپا ئەللىردە كۆپىرەك تارقالغان تىپ.
J تىپى :ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەبلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تۇركىيە ئىتالىيە قاتارلىق ئوتتۇرا دېڭىز بويدىكى ئەللەردە كۆپ كۆرۈلدۇ.
C تىپى: ئاساسلىقى سىبىريەدە كەڭ تارقالغان تىپ بۇلۇپ موڭغۇل ۋە بۇيرات، ئالتاي،ئېۋېنكى ۋە قازاقلاردا كەڭ تارقالغان تىپ.
O تىپى : ئاساسلىقى شەرقى ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرگە كەڭ تارقالغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ گېن قۇرۇلمىسى نىمىشقا گېن تەتقىقاتچىلىرنى ھەيران قالدۇردۇ؟
ئېنگىلىزچە ئېنسكلوپىدىيەلەردىن Y-haplogroups R1b تىپىنى ئىزدىسىڭىز، R1b تىپنىڭ غەربى ياۋۇرپادا كەڭ تارقالغان بىر تىپ بۇلىشى بىلەن بىرگە، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلادىمۇ بۇ خىل تىپنىڭ خېلى كۆپ سالماقىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىكەنلىگىنى كۆرسىز .ئۆزڭىزمۇ ئۈستىدە بىرلگەن دۇنيادىكى Y-haplogroup تىپىنىڭ تارقىلىش خەرتىسگە دىققەت قىلسىڭىز ، قىزىل رەڭلەرنىڭ غەربى ياۋۇرپادا ،تۇم سېرىق رەڭلەرنىڭ رۇسىيە قاتارلىق شەرقى ياۋۇرپا ئەللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ،ئالتاي، ھىندىستاندا كوپ ئىكەنلىگىنى كۆرسىز. يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا بەكىرەك دىققەت قىلسڭىز ئۇيغۇر ۋە قىرغىزدىن ئىبارەت بۇ مىللەتلەرنىڭ گېن قۇرۇلمىسنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلگىنى كۆرسىز. يەنە ئۇيغۇرلار دا قىزل رەڭ يەنى غەربى ياۋۇرپا گېن تىپى R1b نىڭ سالمىقى ئەتىراپىدىكى قوشنىلىرغا قارغاندا، يەنى پۇتكۈل ئاسىيا رايونىغاسېىلىشتۇرغاندا كورۇنەرلىك دەرجىدە يۇقىرلىغىنى كۆرسىز. ئۇندىن باشقا يەنە سېرىق رەڭ يەنى شەرقى ياۋۇرپا گېن تىپى R1a نىڭ نىبىتىمۇ خېلى يۇقىرى .
بۇ دەل گېنشۇناسلارنى ھەيران قالدۇرغان قىزىق نوقتا. يىراق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلاردا نىمىشقا بۇنداق كۆپ نىسبەتتە R1b،R1a مەۋجۇت بولىدۇ؟
مەنبە:ئۇرخۇن مۇنبىرى
http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=263 [ يوللىغانuyghurstanتەرىپىدىن2008-03-31 23:37قايتا ت ]