ئەسسالام قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر ،
مەن بۈگۈن مۇنداق بىر ئىشتىن سىلەرنى خەۋەردار قىلماقچى .
سىلەر ئىلگىرى مۇنداق بىر ئىشنى ئويلاپ باققانمۇ ؟ يەنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ ساپ ئانا تىلىمىزدا ئىشلەنگەن بىر تور بەت ئېچىلسا ، بىز بۇ بەتتە ھەرقايسى جايلاردىكى دوستلىرىمىز بىلەن ساپ ئانا تىلىمىزدا ئالاقە قىلالىساق ، ھەرقايسى جايلاردىن ئۆزىمىزگە ماس كېلىغاغلار بىلەن دوست بۇلۇپ تۇرمۇشىمىزنى بېيىتساق نىمە دېگەن ياخشى بۇلار ھە!!!
بەلكىم سىلەر بىلىشىڭلار مۇمكىن (ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەممىسى ئاساسەن بىلىدۇ ) بىر قەدەر ياخشى دەپ قارالغان خەنزۇچە تور بەت 校内网就是这样网站 . ھازىر ساپ ئانا تىلىمىزدا ئىشلەنگەن ئىقتىدارى جەھەتتە 校内网就是这样网站 دىن قېىلىشمايدىغان ھەم ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولغان ساپ ئانا تىلىمىزدا ئىشلەنگەن توربەت
ئۇيغۇر دوستلىشىش مەركىزى :
http://www.uyghurx.com/home.php بېتى قۇرۇلۇپ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇلۇپتۇ .
ئۇيغۇر دوستلىشىش مەركىزى ئاساسى ئىقتىدارلار
1. دوستۇم ئىقتىدارى
دوست قوشقىلى، دوست باشقۇرغىلى ،تەكلىپ ئەۋەتكىلى،تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
يىقىندا يەنە[ئالاھىدە دوستۇم]ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ.
2.ئالبۇم ئىقتىدارى
يىڭى ئالبۇم قۇرۇپ(مەسىلەن، رەسىم ئالبۇم، ناخشا ئالبۇم، كىنو-فىلىم ئالبۇم دىگەندەك) رەسىم، ناخشا-مۇزىكا يوللىغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە ئىشلىۋاتقان بوشلۇقىمىز ئانچە چوڭ بولمىغاچقا، زور مىقداردا بوشلۇق بىرىشكە ئامالسىز. لىكىن بىكىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تورداشلارنىڭ ئىھتىياجىنى قامداپ ماڭىمىز.
يىقىندا فىلىم قوشۇش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ. داڭلىق فىلىم بىكەتلەرنىڭ فىلىملىرىنى ساقلىۋىلىشقا، باھا يېزىشقا، تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا بولىدۇ.
3.گۇرۇپپا ئىقتىدارى
يىڭى گۇرۇپپا قۇرۇپ، گۇرۇپپا مۇنازىرسى ئىلىپ بىرىشقا، گۇرۇپپىغا رەسىم، كىچىكرەك ناخشا-مۇزىكىلارنى يوللاشقا، گۇرۇپپا ئەزا قوشۇشقا، تەكلىپ ئەۋەتىشكە، گۇرۇپپا باشلىقى گۇرۇپپىنى باشقۇرۇش مەشخۇلاتى ئىلىپ بىرىشقا بولىدۇ.ئادەتتىكى ئەزالار ئىككى گۇرۇپپا قۇرالايدۇ.
4.يازما ئىقتىدارى
كۆپ ئىقتىدارلىق تەھىرىرلىگۈچ ئىشلىتىلگەن، يازما يوللاشتىن تاشقىرى، ھۆججەت چىقىرىشقا، فىلىم چىقىرىشقا، فىلىم بىكەتلىرىنىڭ فىلىملىرىنى ساقلىۋىلىشقا بولىدۇ.
5.دەرىجىدىن تاشقىرى ئىزدەش ئىقتىدارى
بۇ سىستىمىمىزنىڭ ئەڭ مۇكەممەل قىسمى. سىناپ باقسىڭىزلا بىلىسىز.
قوشۇمچە ئىقتىدارلار[تىخى مۇكەممەللەشمىدى،داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتىدۇ..]
كۆپ خىل تىل تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
چايخانىسىدا پاراڭلاشقىلى بولىدۇ.
بىكەت ئىچى قىسقا ئۇچۇر ئالاقىسى قىلىشقا بولىدۇ.
باشقىلارنى سىستىمىنىڭ ئىلخەت يوللاش ئىقتىدارى ئارقىلىق تەكلىپ قىلىشقا بولىدۇ.
دوستلىرىڭىزنىڭ بلوگى يىڭىلانغاندا، سىستىما ئاپتۇماتىك ھالدا سىزگە يىڭىلانغانلىق ئۇچۇرى يوللايدۇ[بۇ ئىقتىدار تىخى تاقاق]
بلوگ باش بېتىگە قويغۇچ چىقىرىشقا، فىلىم چىقىرىشقا، رەسىم چىقىرىشقا، ياخشى كۆرگەن ئۇچۇرلارنى چىقىرىشقا، ئىلان قويىۋىلىشقىمۇ بولىدۇ.
دەرىجىدىن تاشقىرى بىزەش ئىقتىدارى
cssلاھىلەش ئىقتىدارى: باش بېتىڭىزنىڭ رەڭگارەك بىزەشكە بولىدۇ. سىستىمىمىز بىر قىسىم ئۈلگە كودلار بىلەن تەمىنلىگەن. داۋاملىق قوشىلىدۇ.