| |||||||||
kuysoyar | تاشقى قىياپەتكە قاراپ قايمۇقۇپ قالماڭ20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا،سىللارس ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن نۇرغۇن رەقىبلىرىنى يېڭىپ، ئېفىئوپىيە ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا ئاپتۇ. 1927 - يىلى، سىللارس ھەر قايسى گېنېراللارنى ئايرىم ھالدا پايتەخت ئەدىس - ئەبىبەگە كېلىپ ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا، قەسەم بېرىپ ساداقەت كۆرسىتىشكە چاقىرىپتۇ. لېكىن بىر ئادەم بۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلماي يۈرۈۋېرىپتۇ. ئۇ كىشى بولسا دەل سدامودىكى بارچ ئىكەن.
سللارس توختىماستىن ئىللىق پوزىتسىيە بىلەن بارچنى تەكلىپ قىپتۇ. بارچ ئاخىرى كېلىشكە قوشۇلۇپتۇ. لېكىن ئۇ ئېھتىيات ئۈچۈن ئىچكى ئۇرۇش قوزغاشقىمۇ يېتىدىغان تۈمەن كىشىلىك قوشۇن باشلاپ كەپتۇ. ئۇ قوشۇننى پايتەختكە بەش كېلومېتىر كېلىدىغان تاغ جىلغىسىغا جايلاشتۇرۇپتۇ. سىللارس بارچنى ئالاھىتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىياپەتكە تەكلىپ قىپتۇ، لېكىن بارچ ئۆزىنىڭ تولۇق قوراللانغان خىل ئەسكەردىن 006 نەپەرنى باشلاپ بارىدىغانلىقىنى شەرت قىپتۇ. سىللارس ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپتۇ. زىياپەتتە سىللارس ئامال بار بارچقا ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرۇنۇپ ئىنتايىن كىچىك پېئىللىق بىلەن ئۇنى كۈتۈپتۇ. بۇ ئىش بارچقا خۇددى سىللارس ئۆزىدىن قورقۇۋاتقاندەك تەسىر بېرىپتۇ. ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ سىللارسنى بويسۇندۇرۇپ ئېفىئوپىيىگە پادىشاھ بولۇش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنچ ھاسىل قىپتۇ. زىياپەت ئاخىرلىشىپ بارچ خۇشال - خۇرام ھالدا بارگاھقا قايتقاندا ھەشەمەتلىك چېدىرلار يوقالغان بولۇپ، پەقەت ئۆچۈرۈلگەن ئوتلاردىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ تۈمەن كىشىلىك قوشۇنىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئەسلىي چۈشلۈك زىياپەت ۋاقتىدا، سىللارسنىڭ يېقىن دوستى بىر چوڭ قوشۇننى باشلاپ چىغىر يول بىلەن ئوغرىلىقچە بارگاھقا كېلىپ، تۇيدۇرماستىن بارچنىڭ قوشۇنىنى قورشىۋالغان ھەم ئۆزلىرى ئەپكەلگەن نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈش، پۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىق قوراللىرىنى سېتىۋېلىپ، ئەسكەرلەرنى قاچۇرۇۋەتكەن ئىدى. بارچ ئامالسىزلىقتىن تەسلىم بوپتۇ. سىللارس ئۆزىنىڭ مۇلايىم سۆزلىرى، تىنچلىقنى قوللايدىغان تاشقى قىياپىتى بىلەن ئۇزاق مەزگىل ھوقۇق تۇتقان، ئۇ ھەرگىز ئاچچىقلانمايتتى ۋە ئىشەنچىسىنى يوقاتمايتتى. ھامان ئۆزىنىڭ چەكسىز ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن رەقىبلىرىنى جەلپ قىلغان ۋە ئۆز ئولجىسىغا ئايلاندۇرغان. بارچقا تاقابىل تۇرۇشتا ئۇ بارچنىڭ گۇمانىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇنى بۇ زىياپەتنىڭ ھەرگىز توزاق ئەمەسلىكىگە ئىشەندۈرگەن. ئاندىن بارچنىڭ ئوردىغا مۇھاپىزەتچى باشلاپ كىرىشىگە يول قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى قورقۇنچنى يوققا چىقارغان، ئۇنىڭغا ئەڭ يۇقىرى ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندەك تەسىرات پەيدا قىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھەرىكەتلەرنى نىقابلاش ئۈچۈندۇر. ئالدىغۇچىلار ھامان بەزى ساختا كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، رەقىبىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. ئاندىن تۇيدۇرماستىن ئۇلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. ياردەم قولىنى سۇنۇش، سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەش ۋە ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى مەدھىيىلەشنىڭ ھەممىسى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كۆز بويامچىلىقتۇر. مۇكەممەل بولغان نىقابلىنىش تەڭداشسىز قورال، مۇۋاپىق نىقابلىنىش سىللارسنى رەقىبىنى بىر تال ئوق ئىشلەتمەستىن ۋەيران قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىز تەكەللۇپ بىلەن ماختاپ ئۇچۇرۇشلاردىن ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر تاشقى قىياپەت، ئايرۇيپەرەس كىشىلەر بىر نەچچە ئېغىز تاتلىق گەپلەر بىلەنلا توزاققا چۈشۈپ كېتىدۇ. http://bilqut.com/bbs دىن كۆچۈرۈپ كىلىندى تىخىمۇ كۆپ مەزمۇن ۋە مەزمۇنلار بىلقۇت تورىدا | ||||
---|---|---|---|---|---|
sirqi دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھېكايىڭىزدا دىگىنىڭىز كىچىكىنە كارتىندىكى بىر پاجە ، ئەمما ھازىر بولماقچى بولۋاتقان پاجە بولسا پۇتكۇل ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىپ ئۇللارنى روھسىز پاناھسىز ھالەتە قالدۇرۇش ئىدىيسىدىكى يەھۇدىچە ساۋاتنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ئىكەن ، تەكلىۋېم ئالدامچىلىق ئۇزۇنغا سوزۇلمايدۇ ، سىز بولدى قىلىڭ .سىز ھەممىلا نىمىنى ھەمىللا ئادەمنى سېتىۋاپ بوللالمايسىز . سېتىۋالسىڭىزمۇ ئەنسىزچىلىك ئىچىدە يۇرسىز ،، سىز زادى نىمە سېتىۋېلىشنى بىلسىڭىز ئاندىن تىلىكىڭىزگە يېتلەيسىز دوستۇم .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
molla-zaidin | مەن چۈشىنەلمىدىم ~~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ahtorna0999 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەنمۇ چۈشىنەلمىدىم .........................................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ئىبرا دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئاجايىپ ھىكايە ئكەنغۇ ئۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Omurmanzli دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ سللارس دىگەن قالتىس ھىلىگەر ئىكەن ھە . خوش خوش دەپ تۇرۇپ ئەدىپىنى بېرىپتۇدە . لېكىن خۇشامەت قىلسا ئېرىپ كەتمەيدىغان كىم باركىن تاڭ بىر نىمە دىمەك تەس ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
izbasar027 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت ..... بۇ تېمىنى يازغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. داۋاملىق تىرشىپ ياخشى تېمىلارنى مۇنبەردىن ئايىمىغايسىز............
| ||||
---|---|---|---|---|---|
azap888 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | | ||||
---|---|---|---|---|---|
خەستە دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ...ھىچ چۈشىنەلمىىم.....تەپسىلى چۈشەندۈرۇپ قويسىڭز بوتىكەن...
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tomurmux دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇ سىللارس دىگەن جوڭگۇدا ئوقۇغان ئىكەن ، مەخسۇس جوڭگۇنىڭ 36تەدبىرىنى تەدقىق قىلغان ئىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kaisaier23 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت سڭزگە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
JAHANGIR51 | ئالدىغۇچىلار ھامان بەزى ساختا كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، رەقىبىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. ئاندىن تۇيدۇرماستىن ئۇلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. ياردەم قولىنى سۇنۇش، سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەش ۋە ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى مەدھىيىلەشنىڭ ھەممىسى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كۆز بويامچىلىقتۇر.
______________________________________________________________ يۇقارقى ئابزاستىنلا بۇ تىمىنىڭ مەركىزىي ئىددىيىسىنى ئىنىق چۈشۈنۈشكە بولىدۇ . بەزى تورداشلار ھىچ نىمىنى چۈشەنمىدۇق دەپ ئىنكاس يىزىپتۇ، ئەستايىدىل ئوقۇڭلار !چۈشەنمەيدىغان نەرى بار؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
.0999.paroh دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن بۇ تىمىدىن موھىم بىر ئشنى چۇشنىۋالدىم،مىھمان باشلىدىم ئۆيگە. ئاستىغا سىلىپ كۇرپە،ئۆزى تۆرگە چىقىۋالدى قالدۇرۇپ مىنى پەستە،مىھماننى قىلىپ ئىززەت ئۆيدىن ئايرىلىپ قالدىم،باغلاردىن ئورون تەگمەي تاغلار كەپىلەر سالدىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ghalip دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | شىنجاڭ بەك ياخشى،شىنجاڭرېن بەك چىرايلىق،بەك مەرد.شىنجاڭ بەك باي،بەك گۈزەل،گۆھەر زېمىن!
دېمىسىمۇ شۇنداق،بىراق.................................................................! | ||||
---|---|---|---|---|---|
kiroranyigit دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|