| |||||||||
nijat1003 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قانداق ئانىلار بالا ئېمىتسە بولمايدۇ؟تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار بالا ئېمىتسە بولمايدۇ:
1.ئۆپكە سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار بالىلىرىنى ئېمىتسە بولمايدۇ.بولمىسا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيانيېتىپلا قالماي،يەنە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ پايدىسىز. 2.يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار.چۈنكى بالا ئېمىتىش جەريانىدا ئانىلار يۈرىكىنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىدۇ. 3.ئاستا خارەكتېرلىك بۆرەك ياللىغۇغا گىرىپتار بولغان ئانىلار. 4.تۇتقاقلىق كېسىلى بار ئانىلار. 5.جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار.جىگەر كېسىلى بار ئانىلار بالا ئېمىتكەندە،بىر تەرەپتىن،كېسەللىك بالا تېنىگە كىرىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن،ئانىلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيانلىق.بۇنداق ئانىلار بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇلارنى سۆيمەسلىكى ۋە تاماقنى ئاغزىدا چايناپ بارمەسلىكى لازىم. 6.دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار.بۇنداق ئانىلار كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقىچە بالا ئېمىتمەسلىكى كېرەك. 7.قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن ئانىلار.بۇنداق ئانىلار دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بالا ئېمىتمەسلىكى كېرەك. 8.سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىلار. 9.جىددىي خارەكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلار.ئۇلار تۈرلۈك دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بالا ئېمىتسە بولمايدۇ. 10.گالاكتوزىلىق قان ياكى فېنىل كېتون سىيىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئانىلىرى بالا ئېمىتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. مەنبەسى: ئۈرۇمچى كەچلىك گىزىتى! www.tiwip.cnدىن ئېلىندى! [ يوللىغانnijat1003تەرىپىدىن2008-03-29 14:45قايتا تە ] ___ باشقۇرغۇچى : kuraxjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-28
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yigana2 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | رەھمەت..........بۇنى بىلىۋالدىم.................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
悍马H2 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت!!!!!!!!!!باشقا دېھقەت قىلىدىغان ئىشلار بولسا يوللاپتۇرارسىز!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ismat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بالا ئىمىتۋاتقان جەرياندا ئىغىر ئاياغ بۇلغان ئانا بالا ئىمىتسە بۇلامدۇ ؟بۇلمامدۇ ؟ بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار .بىلىۋىلشقا تىگىشلىك ياخشى تېمىدىن بىرنى يۇللاپسز رەخمەت .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nijat1003 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بالا تۇغۇپ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بوينىدا قالدىما ؟
يۇقىرقىدەك كېسەللىك بولمىسىلا ئېمىتسە بولىدۇ!لېكىن ئانىنىڭ تېنى ئازراق بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|