| |||||||
yaxa | ھايات ھېكمەتلىرىدۇنياغا زادى نېمە ئۈچۈن تۆرەلدىم ؟ھاياتلىقىمدا نېمە ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك ؟دېگەن سوئالنى ئۆزىگە قويالمىغان ئادەم ئانىسىنىڭ قورسقىدىن قانداق چۈشكەن بولسا ،ئۇ دۇنياغىمۇ شۇ پېتى كېتىدىغانلاردۇر .
قەسەم ---ۋەدىسىدە تۇرمايدىغانلارنىڭ بىردىنبىر جان بېقىش دەستۇرى . قىزلار كىيىۋالغان كىيىم -كېچىكى ،قىلىۋالغان گىرىملىرى بىلەن ئەمەس ،تەبىئىيلىكى بىلەن گۈزەل . خۇشامەتچىلەرنى كىم بىر بۇردا نان بەرسە ،شۇنىڭغا سۈركىلىپ جان باقىدىغان لالما ئىتقا ئوخشاتساق ،مېنىڭچە ئارتۇقلۇق بولمايدۇ . قەلبىڭنى پاكلىماي تۇرۇپ ،پاكلىقتىن سۆز ئېچىشقا ھەققىڭ يوق . دېھقانلارنىڭ يۈزىنى باسقان قورۇقلار بىزنىڭ ئاچ قالماسلىقىمىزنىڭ بەدىلىگە كەلگەن . قابىلىيتىگە تايىنىپ ئەمەل تاجىنى كىيگەنلەر پۇلدارنىڭ گېپىنى ئەمەس ،نامراتنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ . تەپەككۇر قىلشىنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ ماشنا ئادەمدىن ھېچقانداق پەرقى يوق . يىقىلىپ چۈشكەندە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرغان ،نېمە ئۈچۈن يىقىلغانلىقىنى بىلگەن ،شۇنداقلا كېيىن يىقىلماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ ،ئۆزىنى تاۋلىغان ئادەملا مەڭگۈ يىقىلمايدۇ . ئۆزگىلەرنى ئالداپ كۆنۈپ قالغان ئادەم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسلىدە ئۆزىنىڭمۇ ئالدىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ . مەنبە ----قانۇنچىلىق گېزىتى 2008-يىل 27-مارت ___ باشقۇرغۇچى : kuraxjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-28
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
netherland دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
umut714 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ناھايىتى ورۇنلۇق ھېكمەتلەر ىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sertlan دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | رەخمەت سىزگە ياخشى ھىكىمەتتە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ylkun ئوغلان دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ياخشى ھىكمەتلەركەن ، رەخمەت سىزگە ~~~
| ||||
---|---|---|---|---|---|