| |||||||||
graf | نۇر تەخسىگە تىزىملىك چىقىرىش ئۇسۇلىئادەتتە ئۆزىمىز پايدىلىنىش ئۈچۈن قىرىۋالغان يۇمشاق دېتاللار توپلىمى ياكى قورال نۇر تەخسىلىرىمىزگە نۇرغۇنلىغان يۇمشاق دېتاللارنى كىرگۈزىۋالىمىز، ئەگەر بۇلارنى دىسكىدىن ئىزدەپ تاپماقچى بولساق سەل ئاۋارىچىلىق ھەم كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر دائىم قاچىلاش ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ياكى MP3 نۇر تەخسىسىدىكى دائىم قويۇلىدىغان ناخشىلارنى نۇر تەخسە بەلگىسىگە (مېنىڭ كومپىيۇتېرىم ئىچىدە كۆرۈنىدىغان نۇر تەخسە ئىسمى قويۇلغان سىنبەلگىگە) مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چەككەندە تىزىملىك ھالىتىدە چىقىدىغان قىلىۋالساق، بۇ بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. تۆۋەندە مەن دوستلارغا بۇنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
ئالدى بىلەن نۇر تەخسىگە قىرىۋالماقچى (ئويۇۋالماقچى) بولغان ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ، Nero ئارقىلىق بىر ھۆججەت قۇرىۋالىمىز، ئاندىن ئويۇلىدىغان مەزمۇنلارنى مۇندەرىجىلەرگە جايلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن، بىر دانە Autorun.inf ھۆججىتى قۇرۇپ، بۇنى نۇر تەخسىنىڭ باش مۇندەرىجىسىگە ساقلايمىز، Autorun ھۆججىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئۆزگەرتىۋالىمىز. يەنى ئاۋۋال خاتېرە دەپتەر نى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكىلەرنى يازىمىز. [autorun] open="explorer.exe" \shell \Graf Tools \command="GrafSoft\Tools.exe" shell \My Music \command="GrafMusic\Uyghur\Music.m3u" shell \图片欣赏 \command="explorer.exe/e, GrafFile\Pic\" يۇقارقىلارنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى 另存为 قىلىپ، ساقلاش تاللانمىسىنى 所有文件 گە تەڭشەپ، ھۆججەت ئىسمىنى Autorun.inf قىلىپ ساقلايمىز، ئاندىن نۇر تەخسە باش مۇندەرىجىسىگە بۇنى قوشۇپ ئويۇۋەتسەك بولىدۇ. ئەسكەرتىش: يۇقارقى Shell نىڭ ئارقىسىغا يېزىلغان Graf Tools، My Music، 图片欣赏 دىگەنلەر تىزىملىكتە چىقىدىغان خەتنى كۆرسىتىدۇ، command نىڭ ئارقىسىدىكى بولسا نۇر تەخسىدىكى مۇندەرىجە ئىچىدىكى ئىجرا بولىدىغان ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كۆپ mp3 ھۆججىتىنى بىراقلا ئارقا- ئارقىدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز، ئۇنى M3u ھۆججىتىگە ئايلاندۇرىۋېلىپ، ئاندىن تىزىملىككە ئۇنىڭ ئۇلانمىسىنى قويۇپ قويۇڭ. رەسىمنى بولسا explorer.exe/e بۇيرۇقىنى بەرسەك، ئۇ 资源管理器 دا ئېچىلىدۇ. بۇنى نۇر تەخسىگىلا ئەمەس، U دىسكىغىمۇ ئىشلەتسەڭلار ماس كېلىدۇ. مەنبە: ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدىكى ئۆزۈمنىڭ يازمىسى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
M16 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت !
بىر تىخنىكىنى ئۇگۇنۇۋالدىم. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Omurmanzli دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ۋوي ياخشى ھۈنەر ئىكەن رەھمەت سەۋىيە ئازراق بولسىمۇ ئۆستى دىگەن گەپ .......
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kurban911 | ياخشىمۇ سىلەر ، خېلى كۈن بولدى مۇنبەرگە كىرەلمىگىلى !!
ھەممىڭلار ياخشى تۇرغانسىلەر ، سالامەت بولۇڭلار !!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
abdul927 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت جۇمۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
graf | Quote:بۇ يازما2قەۋەتتىكىOmurmanzliنىڭ2008-03-28 18:38يوللىغان : سەۋىيىڭىزنىڭ ئۆسىشىگە ئازراق پايدىسى بولغان بولسا ياخشى بوپتۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|