elrayi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى ![](./8.gif)
UID نۇمۇرى : 36796 نادىر تېما :
0
يازما سانى : 6
ئۇنۋان:1 دەرىجە
شۆھرەت: 7 نۇمۇر پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-28 ئاخىرقى :2008-03-28 | [ساتىرا]كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن
ئەسكەرتسىمۇ كۆڭلۈم ئۇنداق دېمە دەپ، جان بېقىشچۇن بەزىلەرنى ماختايمەن. قاراپ تۇرۇپ قارىنى ئاق دېسىمۇ؟ شۇ ئەمەسمۇ قوللايمەن دەپ توۋلايمەن.
بەزىلەرنى شۇنداق ماختاپ تۇرمىسام، بۇ جاھاندا كۈن ئالالماس ئوخشايمەن. شامال تامان يەلكەن تارتىپ ئۆتمىسەم، كىچىككىنە يۈز تاپالماس ئوخشايمەن.
رەنىجىمەڭلار قېرىنداشلار مېنىڭدىن، مەن ئاشۇنداق تەلىم ئالغان ئوخشايمەن. يامان ئىكەن كۆنۈپ قالغان خۇي دېگەن، «مەن ئاشۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن».
بىلمەپتىمەن باشلىق دېگەن باشلىقكەن، بوستان دېسەم بەزىلىرى تاشلىقكەن. ئەمەل دېگەن «كىبرى قۇۋۋەت» ئاشلىقكەن، شۇ باشلىقنى بىلمەي قالغان ئوخشايمەن.
بەك تەس ئىكەن راست گەپ قىلىپ ياشىماق، ئازغانلارنى توغرا يولغا باشلىماق. كۆڭلىمىزدە ئويلىغاننى تاشلىماق، ھېجىياي دەپ كۈلۈپ قالغان ئوخشايمەن.
___ باشقۇرغۇچى : matimatika تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-28 |