| |||||||||
azap986532 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | يۈرەكتىن چىققان سادالار(مەمەتجان تىلۋالدى) -كۈلۈپ قوي دوستۇم ،كۈلۈپ قوي. ئاچچىق بولسىمۇ بىر كۈلۈپ قوي.بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى شۇنداقكەن،<ياخشىغا كۈن يوق يامانغا ئۆلۈم >.
-توۋا دەيمەن،توۋا. بۇ ئادەملەرگە قارا، تېخى تۈنۈگۈن ئالدىمىزدا تۇرۇپ بىزنى ماختىغان ئىدى،مانا قارا، بۈگۈن ئارقىمىزدىن خەنجەر تەڭلىگىننى كۆرمەمسەن؟...نىمە ئىش بۇ ئەمدى؟.......... -بىلگىن دوستۇم ، بۇ دۇنيا ئىمتىھانلىق دۇنيا.(ئىمتىھاندىن)ئۆتكەنلەر ئازدۇر، ئۆتمىگەنلەر تولا. -ھەيرانمەن ساڭا،ئۇنىڭ سېنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن <مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟>دەپ سورايسەن؟.......... -ئۆز كۆڭلۈڭنى ئۆزۈڭ خۈشال ئەت دوستۇم،ئۆز كۆڭلۈڭنى ئۆزۈڭ خۈشال ئەتمىسەڭ،باشقىلار قانداقمۇ ساڭا خۇشاللىق ئاتا قىلالىسۇن؟....... -يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-ئاناڭنى، ئەگەشتۈرۈپ بالا چاقاڭنى.قەدرىگەيەت ھايات چېغىدا، قانچە قىلساڭ تىرىلمەس قەبرىگە كەتكەن چېغىدا. -ئامەت كەلسە گاھىدا كۈلۈپ كېتىسەن،ئاپەت كەلسە گاھىدا يىغلاپ كېتىسەن.نىچۈن ئامەت بىلەن ئاپەتنىڭ قوشماق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىسەن؟........... -كۆزلەر ياش تۆكىدۇ، يۈرەكلەر ئۈنسىز شىۋىرلايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇخچۇپ چىقۋاتقىنى بىر مۇڭ ،بىر كۈي، بىر سادا. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس،ئۇنى كۆرىدىغان، نىداسىنى ئاڭلايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، كۆزلەر ئوچۇق بولسىمۇ، دىللار كور، قاراڭغۇ............ -دوستۇم قۇلاق سال سۆزلىرىمگە،قۇلقىڭغا خوش ياقمىسىمۇ ئاڭلاپ قوي،ھەرۋاقىت ئاتا-ئاناڭغا ۋاپادار بول، ئۆز جۇپتىڭگە سادىق ،مىھرىبان بول،پەرزەنىتلىرىڭگە كۆيۈمچان بول،دوستلىرىڭغا يار-يۆلەك بول، ئەل-يۇرت ئۈچۈن مەرت ئوغلان بول........... -بۇ دۇنيانىڭ ھەسرىتى بار،شادلىقى بار،بىرقېتىم كۈلدۈرسە مىڭنى يىغلىتار،شۇنچىلىك مۇرەككەپ، چۇشنىكسىز بۇدۇنيادا <بىر قېتىممۇ دەرت تارتماي خۇشال ئۆتىمەن >دېگىنىڭ بىكار.... -دوستۇم،سەن<سۇغا كىر>دېسەڭ سۇغا كىرەتتىم،سەن <ئوتقا كىر>دېسەڭ ئوتقا كىرەتتىم،ھەتتاكى <جاننى بەر> دېسەڭ بىرەتتىم.ئەپسۇس،دوست قەدرىنى بىلمىدىڭ،مېنى كۆپ رەت ئالدىدىڭ،تۇيدۇرماستىن خەنجەر تەڭلىدىڭ، ئەمدى سېنى قانداق دوستۇم دەيمەن؟......... -ئى تەڭرىم ،ئىنسانغا گۇزەل چىراي،مال-دۇنيا ئاتاقىلغۇچە،قەلبىگە زەررىچىلىك بولسىمۇ ئىمان، ئادىمىيلىك ئۇرۇقى چاچساڭچۇ؟ -ئاتا-ئاناڭغا ياخشىلىق قىل،بالاڭدىن ياخشىلىق كۆرەي دېسەڭ.بالاڭغا ياخشىلىق قىل ،ئۆلۈمىمنى تىلىمىسۇن دېسەڭ. -دوستۇم، ئۆزۈڭنىڭ بىلگىننى،توغرا دەپ قارىغىنىڭنى قىل،باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ خاتالاشقاندىن، ئۆزۇڭنىڭ بىلگىننى قىلىپ خاتالاشقىنىڭ ياخشىراق. باشقىلاردىن رەنجىمەيسەن،بىر يېڭى ساۋاققا ئىگە بولىسەن.(لېكىن ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ۋىجدان ساتىدىغان ئىشنى قىلما.) -تۇرمۇش دېگەن شۇنداق ئىكەن،ئۇنىڭدا باراۋەرلىكتىن كۆپرەك تەڭسىزلىك،شادلىقتىن كۆپرەك غەم- قايغۇ،ئازاب بولىدىكەن.بولۇپمۇ مۇھەببەت يولىدىكى ئاشىق-مەشۇقلارغا شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ بەختىگە ھەمىشە قارا قوللار سۇزۇلۇپ تۇرىدىكەن....... -رەقىبىڭنىڭ سېنى ماختاپ كۆكتە ئۇچۇرۇپ، سېنى ياخشى دەپ ۋالاقلىغانلىرى،ساڭا گۇلدەستىلەر تۇتقىنى، بىلسەڭ پۇتۇنلەي يالغان.ئۇ مەڭگۇ سېنى مەغلۇپ قىلىش، سېنى زار-زار يىغلىتىپ ،ئۆزى شاد كۈلۈش نېيتىدىن يانمايدۇ..... ئاپتۇرى:مەمەتجان تىلۋالدى 2008-يىلى3-ئاينىڭ28-كۈنى ئۈرۈمچى [ يوللىغانazap986532تەرىپىدىن2008-03-28 13:00قايتا ت ] ___ باشقۇرغۇچى : Ormanlik تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-28
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilraba415 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەجەپمۇ يېزىپسىز، راستىنلا يۇرەكتىن چىققان سادالار ئىكەن بۇ،بۇندىن كېيىنمۇ نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز. ئىجادىيتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
JAHANGIR51 | ھەقىقەت چىن يۈرەكتىن چىققان سادائىكەن ، رەھمەت سىز گە. تىخىمۇ تىرىشىڭ!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
netherland دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئوقۇپ بولۇپ بىر قخسمىلا بولۇپ قالدىم!
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
zhawlan123 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەقىقى رىئال تۇرمۇشنى يىزىپسىز ،قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Naikon.x دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەك ياخشى يېزلڭپتۇ ، رەھمەت تېمىڭىزغا !~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Soygv_Qatili دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تورداشلارنىڭ بىر قېلىپقا چۈشىۋالماي ئىجادى پىكىر قىلىشىنى سورايمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
YOLLAN دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ياخشى بولسىمۇ ،يامان بولسىمۇ ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kawsaray دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | نىمە دەيمىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sapphire دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ساقلىۋالدىم ،رەھمەت سىزگە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
manggutax | ئاتا-ئاناڭغا ياخشىلىق قىل،بالاڭدىن ياخشىلىق كۆرەي دېسەڭ.بالاڭغا ياخشىلىق قىل ،ئۆلۈمىمنى
تىلىمىسۇن دېسەڭ. ھەقىقىتەنمۇ پاساھەتلىك سۆزلەر ئىكەن، رەھمەت~! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | -كۆزلەر ياش تۆكىدۇ، يۈرەكلەر ئۈنسىز شىۋىرلايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇخچۇپ چىقۋاتقىنى بىر مۇڭ ،بىر كۈي،
مەمەتجان بۇ قۇرلارنى بەك ياخشى يىزىپسىز جۇمۇ! كۆڭلۈمدىكىدەكلا!!!!!!!!! رەھمەت سىزگە !! سىزگە بەخت تىلەيمەن!!!! ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|