| |||||||||
KUYQE دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ سۇئالىئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بىلەن ئارىستوتېلنىڭ سۆھبىتى
ئىسكەندەر ؛ _ مەقسەت مەنزىلگە تىز يەتكىلى بولىدىغان يول قايسى ، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىش كىرەك ؟ ئارىستوتېل:_ خالايىقتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كىرەك ، يوقلۇق كوچىسىغا يۈزلىنىپ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى يوق قىلىش لازىم . باي ۋە كۈچ-قۇدىرەتلىك كىشىلەرگە نىسبىتەن ئېيتقاندا خەير-ساخاۋەت ئۇلارنىڭ مەقسەت مەنزىلىگە يىتىشىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق يول ۋە ئەڭ ئەپچىل ئۇسۇلدۇر . ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنىڭ كىشىنى بەرىبىر مەقسەت مەنزىلگە يەتكۈزىدىغانلىقى ئېنىق ، بىراق خەير-ساخاۋەت ئەھلىنىڭ بۇ مەنزىلگە تېخىمۇ تىز يىتىپ بېرىش ئىھتىمالى بار ، ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپ قىلغان كىشىنىڭ ۋىسالغا يىتىشىدىن ئۈمۈت كۆپىرەك . بايلارنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرى ئىككى خىل ھالەتتىن خالى ئەمەس ؛ بىرى ، ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ساخاۋەت يەنە بىرى خالىسانە قىلىنغان ساخاۋەت . ئەگەر كىشى مەنمەنلىك ئۈچۈن ساخاۋەت قىلسا بۇ ساخاۋەت قىلغان بولمايدۇ ، مەقسەت مەنزىلگە يىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يوقلۇق مۇساپىسىنى بېىش كىرەك ، كىشى مەقسەت يولىدا ئۆزلۈكىنى يوق قىلغاندىلا ئاندىن مەقسەتكە يىتەلەيدۇ . شەخسىيەت مەقسەت يولىدىكى قاراقچىدۇر ، كىشى ئەگەر مەقسەتكە ئامان ئىسەن يىتەي دىسە ، قاراقچىدىن ھۇشيار بولمىقى لازىم ، قاراقچى بىلەن ھەكارلاشقان كىشى قانداقمۇ شاھ دەرگاھىغا داخىل بولالىسۇن . مەقسەت يولىدا ئۆزىنىڭ جان ۋە جىسىمى بىلەن مەقسەتكە بىرىلگەن ، شۇ ئارقىلىق مەقسەت بىلەن بىر جان بىر تەن ، بىر گەۋدىگە ئايلانغان كىشىنىڭ تىلىكى ئىشقا ئاشقان بولىدۇ ، بۇ ناھايىتى بۈيۈك مەرتىۋىدۇر ، بۇ مەرتىۋىگە يەتكەن كىشىنىڭ ئىشى پۈتكەنگە ھىساپ . مەنبە: «شەرىق ئەقىل پاراسەت غەزىنىسى» دىن ئېلىندى ___ باشقۇرغۇچى : Ormanlik تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-28
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SaklidiM دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | [size=4]بىلىۋالدىم.تېمىڭىزغا رەھمەت.
ياخشى تېمىلار بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0995asrar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئالىكساندېرنىڭ سۇئالىكەندە بۇ ?
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SUKUT315 | بەزى تارىخشۇناسلار، ئارستوتىلدىن تەلىم ئالغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، قۇرئان كەرىمدە قەيىت قىلىنغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەمەس دەپ قارايدىكەن. بەزىسى ئىككىسى بىر كىشى دەپ قارايدىكەن.............
--------------- مەنلىك جاۋاپلار ئىكەن؛ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
zhawlan123 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىلىۋالدىم.تېمىڭىزغا رەھمەت.
ياخشى تېمىلار بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن! توغرا دەيدۇ..................... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئىسىل گەپلەر ئىكەن .ساقلىۋالايچۇ!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
elqin دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بەزى تارىخشۇناسلار، ئارستوتىلدىن تەلىم ئالغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، قۇرئان كەرىمدە قەيىت قىلىنغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەمەس دەپ قارايدىكەن. بەزىسى ئىككىسى بىر كىشى دەپ قارايدىكەن.............
........................ دوستۇم سۇكۇت ، ئىسكەندەردىن دۇنياغا پەقەت بىرسىلا كەلگەن ئۇ بولسىمۇ قوش مۇڭگۇزلۇك ئىسكەندەر شۇدۇر ،ئۇنىڭ قوش مۇڭگۇزى دوسلىرىغا ئەمەس دۇشمەنلىرىگە سۇر كۆركىتىدۇ . ئەمدى بىر خىل ئىسىمدا كۆپ كەلگەنلەر بولسا ، ئوغۇز ، فېرەۋېن ، سەھىددى . قاتارلىقلار ، 9 - ئورۇنغۇچە بىر ئىسىمدا كەلگە ،، رېۋايەتلەردىن ھېكايەت . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AYAZ777 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يوقلۇقنى تاپقاندىلا ئاندىن ھەقىقەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|