| |||||||||
karwanoti دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | خوتەن ۋىلايىتىدە قالدۇق يەرتەۋرەش توختىمىدىشىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 24 – مارت تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش – ئۆلچەش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 21 – مارتتىن 24–مارتقىچە خوتەن ۋىلايىتىدە تۆت بالدىن يۇقىرى 70 قېتىمدىن ئارتۇق قالدۇق يەر تەۋرىگەن، ھازىرغىچە قالدۇق يەر تەۋرەش توختىمىغان. شىنجاڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش – ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، 24 – مارتقىچە خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاپەت رايونىدا 889 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت بالدىن 4.9 بالغىچە 68 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن، بەش بالدىن يۇقىرى تۆت قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەڭ قاتتىق تەۋرىگەن قېتىمقىسىدا6.4 بالغا يەتكەن. قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ قېتىم سانى كۆپ، تەۋرەش دەرىجىسى چوڭ، دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار تەدرىجىي ئاشقان، كېسەك ئۆيلەر ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش باشقارمىسىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 24 – مارتقىچە خوتەن ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 97 مىڭ 603 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، ھازىرغا قەدەر ئادەملەر تالاپەتكە ئۇچرىمىغان. مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ___ باشقۇرغۇچى : Ormanlik تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-28
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Naikon.x دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەسىمدىكىدەك ئۆيلەر ھېلىمۇ ئۆرۈلمەيدىكەن توۋا !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاللا تىنچ -ئامانلىقنى نىسىپ قىلغاي.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nefit.ixqisi دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا مۇشۇ مۇنبەردە << خوتەن خەلقى ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى >> دىگەن تېمىدا بىر يازمىنى كۈرۈپ تازا ئاچچىغىم كىلىپ تىللاپ كەتكەن ئىدىم
كەڭ تورداشلار ئەمدى ئەمىلىيەتتىن كۆرگەنسىلەر خوتەن خەلقى يىنە 50 يىلدىن كىيىن مۇشۇ ھاللىق سەۋىيىگە يىتىپ قېلىشى مۇمكىن . ئاشۇ تىمىنى يازغان تورداش كالۋا !!!!!!!!!!!!!!!!!!!! ئاغىنە !!!!!!!!!!!!!!!! خوتەن خەلقىمىزنىڭ قانداق لىغىنى ئەمدى كۆرگەنسەن . بىز نېفىت ئىشچىلىرىمۇ تېخى ھاللىق سەۋىيىگە يەتمىدۇق. بىلىپ قوي ھۇ كالۋا !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nihmat1123 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | 把石油拿走后里面不装水就会地震.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
guzaltarim دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
maggutax1811 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كەگۇلۇك بىز ئۇيغۇرلارغىلام كىلامدۇ`~~~
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mupassir دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۆلۇم يىتىم بولمىغاندۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uygur0903 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يەر تەۋرىگەن جاي ،پەقەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كىرىيە ناھىيىسى، خوتەندە 7 ناھىيە بىر شەھەر بار،
خوتەننىڭ ھەممە يىرىدە يەر تەۋرىگىنى يوق، <<شىنجاڭ گېزىتى>> بۇنى تەپسىلى خەۋەر قىلماپتۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|