1
گەر ئۆلۇم دەپتىرى قولۇمغا ئۆتسە،
يازاتتىم ئۇنى مەن قىلىپ باشقىچە .
دۇنيادىن قايغۇنى يوقتالىسام ،
غوروردىن كۈلەتتىم تازا تاشقىچە .
2
زاماننىڭ سىرنى بىلمەس ھېچ ئادەم ،
بۇ تۈگۈن يېشىلمەس سەندە مەندە ھەم .
پەردىنىڭ ئىچدە تۇرار پارچە سىر،
بۇ پەردە ئېچىلسا تۇرمايمىز بىردەم .
3
مەيپەرەس دېسەڭلار خۇددى ئۆزىمەن ،
پاسىق پەس دېسەڭلار خۇددى ئۆزىمەن .
سىرتىمغا قاراپلا ھۆكۈم قىلماڭلار ،
تازا پەس دېسەڭلار ،خۇددى ئۆزىمەن .
4
دىيشەر جەننەتتە ھۆر كەۋسەر بارمىش ،
ئېرىققتا مەي،شېكەر سۈتلەر ئاقارمىش .
قەدەھنى تولدۇرۇپ قولۇمغىلا بەر ،
مېنىڭ نېسى تەمىدىن بىر نەخ ئاشارمىش .
5
باش ئەگمە بۇدۇنيا ئەسلىدىن پەرياد ،
ئۆتكەنلەر غېمىنى قىلمىغىن سەن ياد .
دىل بەرمە بوستان چاس ھۆردىن بۆلەككە،
ئۆمىرىڭىنى قىلمىغىن شاراپسىز بەربات .
6
بارلىق يورۇقلىققا قاراتقۇچى سەن ،
دۇنياندا ھەر ئىشنى تارقاتقۇچى سەن .
مەن يامان بولساممۇ سېنىڭ بەندەڭمەن ،
مەن ئۈچۈن گۇناھكار ياراتقۇچى سەن .
7
كوزىچى كوزىنى پەيدا قىلدۇ ،
سەنئىتى كىشنى شەيدا قىلدۇ .
ئاندىن ئۇ تەندىكى كاللا جامىنى،
تولدۇرۇپ توختىماي غوغا سالدۇ .