| tomuradam دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى 
UID نۇمۇرى : 34072 نادىر تېما :
0
يازما سانى : 24
ئۇنۋان:2 دەرىجە
شۆھرەت: 25 نۇمۇر شەبنەم پۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-27 ئاخىرقى :2008-04-02 | نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلەشكەنلەرنىڭ يەكۈنى
نۇرغۇن كىشىلەر نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ . ئۇنى ئىنتايىن سىرلىق قورغانغا ئوخشىتىدۇ . بىراق نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىپ ھالىدىن كەتكەنلەر بۇنداق مۇھەببەتنى تۆۋەندىكى نەرسىگە ئوخشاتقان . بىرىنچى خىل ئوخشۇتۇش : نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش ، خۇددى قىزىل مۇچ يىگەنگە ئوخشايدۇ ، يىمىگەن ۋاقىتتا يىگۈسى كېلىپ تۇرالمايدۇ ، يەۋاتقان ۋاقىتتا ئاچچىقلىقىدىن يىگەنگە پۇشايمان قىلىدۇ . قايتا يىمەيدىغانغا قەسەممۇ بېرىدۇ ، بىراق ئاچچىق تۈگىگەندە يەنە يىگۈسى كېلىدۇ ، قانچە ئاچچىق بولسا شۇنچە يىگۈسى كېلىدۇ ، يەيدۇ ، پۇشايمان قىلىدۇ ، مەڭگۈ پۇشايمان بىلەن ئىنتىزارلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ . ئىككىنچى خىل ئوخشۇتۇش: نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش خۇددى ئاممىۋى ئاپتۇۋۇزغا ئوخشايدۇ . سىز ساقلىغان ئاپتۇۋۇز دائىم ۋاقتىدا كەلمەيدۇ ، ساقلىمىغاندا ئارقا - ئارقىدىن كېلىدۇ . ئۈچىنچى خىل ئوخشىتىش: نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش پىژغىرم ئىسسىقتا مېتروغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققانغا ئوخشايدۇ . سىز ئوزۇن مۇساپىنى بېسىپ ھېرىپ - چارچاپ ، ئ ەمدى بىر ئورۇن تېپىپ ئولتۇراي دىگىنىڭىزدە ، رادئىودىن يېقىملىق بىر ئاۋازنى ئاڭلايسىز : مېترو ئاخىرقى بېكەتكە يېتىپ كەلدى ........ تۆتىنچى خىل ئوخشىتىش : نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش خۇددى يانفونغا ئوخشايدۇ . دائىم يېڭى - يېڭى يانفونلار چىقىپ تۇرىدۇ ، يېڭىنى سېتىۋالغۇڭىز كەلسىمۇ ، كونىسىنى تاشلىۋېتەلمەيسىز . بەشىنچە خىل ئوخشىتىش : نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش خۇددى ئىككى قول سائىتى تاقىۋالغانغا ئوخشايدۇ ، سىز زادى قايسى سائەتنىڭ توغرا ماڭىدىغانلىغىنى ئاڭقىرالماي ئۆتۈپ كېتىسىز . ئالتىنچى خىل ئوخشىتىش : نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش خۇددى (ۋ س د )پىلاستىنكىسىغا ئوخشايدۇ . ئوغرۇلۇقچە نەشىر قىلىنغىنى ئەسلى نەشرىدىن بەكراق بازار تاپىدۇ . يەتتىنچى خىل ئوخشىتىش : نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش خۇددى بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىدىكى <<ئىنقىلاپ>>قا ئوخشايدۇ ، يېڭىش - يېڭىلىش قانچە كۆپ بولغانسېرى تاكتىكا ، تەجرىبە شۇنچە كۆپ بولىدۇ . سەككىزىنچى خىل ئوخشىتىش : نىلاھ سىرتىدا مۇھەببتلىشىش سىزنى خۇددى يانچۇقچىغا ئوخشىتىپ قويىدۇ ، بىر كۈنمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايسىز . توققۇزىنچى خىل ئوخشىتىش : نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش خۇددى تېلېۋىزور كۆرگەنگە ئوخشايدۇ ، تىزگىنەكنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، ياخشى نومۇرلارنى تاللىماقچى بولىسىز ، بىراق ياخشى نومۇر قويۇلغاندا ، ئاللىبۇرۇن ئۇيقىغا كەتكەن بولىسىز ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى تىزگىنەكنى يەنە قولىڭىزغا ئالىسىز .
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
___ باشقۇرغۇچى : ELSHER تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-03-26 |